abduley يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 04:13 
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،
بۇ سوئالنى ناۋايى ئەپەندىمدىن ...
ئەجەپ بېلەن گەپ قىپسىز، قېرىندىشىم، مېنىڭچە بۇ فىلىمنى كۆرمىگەندىن كۆرگەن ياخشى، چۈنكى بۇ فىلىمنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر كىشى ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ھەم ئىسلام ئەخلاقىنىڭ غۇبارسىز نۇرىنى چۇڭقۇر ھىس قىلماي قالمايدۇ. مەن ھاياتىمدا ئىسلام ئەقىدىسىگە تويۇنغان، ئىسلام نۇرى قۇياشتەك پارلىغان بۇنىڭدىن ئۆزگە فىلىم كۆرۈپ باققان ئەمەس. بۇ فىلىمنى گەرچە شىئەلەردىن بولغان پارىسلار ئىشلىگەن بولسىمۇ، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا مۇسۇلمان، سىز ئېيتقاندەك سەئۇدىلىقلارنىڭ نەزىرىنى ئاساس قىپلا بۇ فىلىمنى كۆرمەسلىككە بولمايدۇ، ئەگەر بۇ فىلىمنى كۆرۈشنى چەكلىسە بۇ فىلىمنى كۆرۈشنىڭ ئورنىغا دۆلىتىمىزنىڭ ياكى چەتئەلنىڭ كىنولىرىنى كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ، مېنىڭچە، «يۈسۈف- زۇلەيخا» فىلىمىنىڭ ئىشلىنىشى ئىسلام ئەللىرى تارىخىدا بۆسۈش خاراكتىرلىق ئىسلاھات (كىنو- فىلىم ئىشلەش ساھەسىدە) بولىشى مۈمكىن. بۇ فىلىمنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپىقىيىتى (مېنىڭچە) ئىسلامى ئەقىدىنىڭ ۋە ئىسلامى ئەخلاقنىڭ تەرغىپ قىلىنىشىدا بولسا كېرەك، دەپ قارايمەن. سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا تازا نائېنىق شەرھىلەپ قالغان بولىشىم مۈمكىن، ئۆزرە سورايمەن.......