تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

كۆرۈش: 55840|ئىنكاس: 39

ئەلكۈيى تورى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىس     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
122
يازما
30
تېما
30
نادىر
0
جۇغلانما
940
تىزىملاتقان
2008-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-28
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-6 18:43:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا ئېنتېرنېتنىڭ  ئەۋزەللىكى ھەمدە ئۇيغۇر ئېنتېرنېت ئىشلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى


2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى(شەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7:30دىن 8:30غىچە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى FM107.4سەنئەت رادىيوسى  شەھەر ئاۋازى پروگراممىسىدا مەۋلۇت ئىبراھىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېنتېرنېت بىزنىڭ تۇرمۇش ، خىزمەت ۋە ئۈگىنىشىمىزگە قانداق قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى؟ بىزدە ئېنتېرنېتتىن قانداق پايدىلىنىش روھى بولۇش كېرەك؟ دېگەن نوقتىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ناھايتى مول مەزمۇنلۇق بىر قېتىملىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.

 
بۇ قېتىملىق رادىيو سۆھبىتىگە شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى،ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت ئەپەندىم ۋە ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار ئەپەندىملەر ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى،ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت ئەپەندىم سۆز قىلماقتا

ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان  ئۈمىدۋار سۆز قىلماقتا


ئاڭلىتىش جەريانىدا ئېنتېرنېتنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كەلگەن يېڭىلىقلىرى،ئېنتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ بۇنداق تېز بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىستىقبالى شۇنداقلا قانداق قىلغاندا ئېنتېرنېتتىن توغرا ھەم ئۆنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ؟... قاتارلىق كۆپلىگەن نوقتىلاردا ئەركىن - ئازادە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈپ،ئالىم ئەھەت،مۇھەممەدجان ئۈمىدۋارلار ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان بۇ سۆھبەت پروگراممىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى يۈزلىنىشى،ئېنتېرنېتتىن ئىلمىي ئۇسۇلدا پايدىلانغاندا غايەت زور ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بۇلىدىغانلىقى ،ساغلام تورغا چىقىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش ھەققىدە ياخشى تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 

 سۆھبەت جەريانىدىكى رەسىملەر

 ئالىم ئەھەت،مەۋلۇت ئىبراھىم،مۇھەممەدجان مۇھەممەدتۇرسۇن ئۈمىدۋارلار بىرگە

 ئالىم ئەھەت ۋە مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار سۆھبەت ئۈستىدە

<<شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى 107.4سەنئەت رادىيوسى <<شەھەر ئاۋازى>>پروگراممىسى ھەر كۈنى ئەتتىگەن سائەت 7:30دىن 8:30غىچە ئاڭلىتىلىدىغان،ئۇنىۋېرساللىقنى ئاساس قىلغان پروگرامما بولۇپ،ھەر شەنبە كۈنى بۇ پروگراممىدا مەخسۇس تېمىدا سۆھبەت ئىشلىنىپ كەڭ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىلىدۇ،بىز بۈگۈنكى سۆھبەتنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىگەن بىر قىسىم تورداشلارنى كۆزدە تۇتۇپ سۆھبەت جەريانىنى ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق،ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىڭلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.


كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

ئى ئاللا بىزنى ت

UID
2656
يازما
125
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
4325
تىزىملاتقان
2010-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-11
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-6 18:57:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى  كىرىپلا بۇ تىمىنى كۆرگەنلىكىمىدىن بەك خۇرسەن بولدۇم،بەزى ئىشلار بىلەن بۇ شەھەر ئاۋازى پراگراممىسىنى تولۇق ئاڭلىيالمىغان ئىدىم.بۇنى يوللاپ قايتا ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر.مەۋلۇت ئىبراھىم رىياسەتچلىك قىلغان پىراگراممىلارنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن.

بىز ھەممىمىز ئۆلۈمگە كىتىپ بارغۇچىلاردۇرمىز.

UID
13707
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
401
تىزىملاتقان
2011-8-3
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-6 19:19:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەدجاننىڭ سۆز قابىلىيىتىمۇ خېلى بوپ قويىدىكەن -ھە! سۆزلىگەن مەزمۇنلىرى ئورۇنلۇق ھەم  كەڭ دائىرىلىك بوپتۇ،تېخىمۇ تىرىشىشىڭىزغا تىلەكداشمىز.

UID
12876
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
70
تىزىملاتقان
2011-7-2
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-6 20:13:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى كۆرۈپ ناھىيىتى خۇشال بولدۇم  .  
  ئەلكۈيى تورىنىڭ بۇندىن كىيىن تىخىمۇ  تىرىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشمەن
  

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
13028
يازما
231
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
6801
تىزىملاتقان
2011-7-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-12
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 07:51:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كامال تاپ ئەلكۈيى تورى!!!!!!!!!!!!!!

كۆيۈمچان ئەزا

دوستلۇق دائىما ئ

UID
8110
يازما
138
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3948
تىزىملاتقان
2010-12-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-15
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 10:00:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش ئىكەن بۇ ...رەخمەت سىلەرگە....

UID
11056
يازما
61
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
1821
تىزىملاتقان
2011-5-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-15
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 11:09:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى سۆھبەتتىن بىرنى ئۆتكۈزۈپسىلەر،شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى سەنئەت رادىئوسى جەمىيەتتىكى ياخشى مەسىلىلەرنى قىززىق نوقتىلارنى چىڭ تۇتۇشقا تېخمۇ كۆڭۈل بۈلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئالىم ئەھەت بىلەن مۇھەممەدجان ئۈمىدۋارلار ناھايتى ياخشى سۆزلەپتۇ،ئەلكۈيى تورىنىڭ قورۇلۇش  جەريانى نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى بۇنىڭدىن كىيىنكى نىشانىنى بىلىۋالدىم.ئەلكۈيى تورىغا بولغان ھۆرمىتىم تېخمۇ ئاشتى.ئەلكۈيى ھەقىقەتەنمۇ توردىكى بارلىق بېكەتلەرنىڭ باشلامچىسى بۇلۇشقا لايىق.ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ئەتراپلىق كونكرتنى سۆزلەپ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ياردەم بىرىپتۇ.مەنمۇ تور ھەققىدە ئازراق سۆزلەپ مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس سۈپىتىدە قالدۇرۇشنى لايىق كۆردۈم
بىلىشىمچە،1994 يىلى 4-ئايدا دۆلىتىمىز خەلقئارا ئىنتېرنېت تورىغا ئۇلانغاندىن بۇيان، تور دۆلىتىمىزدە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. 2009-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، دۆلىتىمىزدىكى ئىنتېرنېت تور ئابۇنتى 338 مىلىيۇن بولۇپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى %25.5 بولغان ھەمدە داۋاملىق ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان. ئىنتېرنېت تورىنىڭ تەرەققىياتى دۆلىتىمىز جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ دېيشكە بولىدۇ. توردا تارقىتىش شەكلى جەمئىيەت تۇرمۇشىغا نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى، لېكىن يەنە بىر قاتار يېڭى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى پەيدا قىلدى. ئىلمىي ساھەدىكىلەر بۇنىڭغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، تورنىڭ ئەۋزەللىكىدىن قانداق پايدىلىنىش، ئۇنىڭ ئاكتىپ ۋە پاسسىپ رولىنى قانداق كونترول قىلىش، يېتەكلەش دېگەندەك مەسىلىلەرنى كۆپ تەرەپتىن تەھلىل قىلدى.توردا تارقىتىش دېگەن نېمە؟ دېگەن مەسىلىگە قارىتا، مۇتەخەسسلەر ئوخشىمغان شەكىلدە يىغىنچاقلايدۇ. بىر قەدەر ئومۇملاشقان قاراش بولسا، ئاتالمىش توردا ئۇچۇر تارقىتىش، ئىنتېرنېت تورىدىن ئىبارەت ئۇچۇر تارقىتىش سۇپىسى ئارقىلىق، كومپيوتېر، تېلىۋىزور ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، يېزىق، ئاۋاز، رەسىم، سۆرەت قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئۇچۇر تارقىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

تورنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز تەرەققىي قىلىشىنى، ئاساسلىق ئەنئەنىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكى بەلگىلىگەن. توردا ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ تېزلىكى ۋە كۆلىمى،  تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى ھەمدە ئىپادىلىنىش شەكلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىكى ئاممىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى تېىخمۇ بېيتتى. سۆھبەت جەريانىدا تورنىڭ ئەۋزەللىكى ھەمدە ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش ھەققىدە ئەتراپلىق سۆزلەپتۇ.مەن ئۆز چۈشەنچەمگە نىسبەتەن تورىنىڭ ئازراق سەلبىي تەرەپلىرىنىمۇ سۆزلەشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.
مەسئۇلىيەت ئېڭىنىڭ سۇسلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تور جەمئىيىتىنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى ھوقۇقسىزلىق، مەركەزسىزلىك. توردا ئادەملەرنىڭ ھەرىكىتىگە قارىتا ئومۇمىيۈزلۈك چەكلەش كۈچىگە ئىگە قېلىپلاشقان تۈزۈم يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر توردا قاپ يۈرەك بولۇپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەردە مەسئۇلىيەت ئېڭىنىڭ سۇسلىشىشى، ھۆكۈمەتسىزلىكنى تەشەببۇس خاھىشلىرى پەيدا بولىدۇ.

كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ يىراقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تورنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا بولغان زور تەسىرى ۋە سىڭىپ كىرىش كۈچى كىشىلەرنىڭ تورغا زىيادە تايىنىۋىلىشىنى پەيدا قىلدى، ئۇزۇن مەزگىل توردا يۈرگەن ئادەملەر تور ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا، ئۇچۇرغا ئېرىشىشكە، ھېسياتىنى ئىپادىلەشكە، ھەرىكەت قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن بارغانسىرى يىراقلايدۇ. ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە، ئادەم بىلەن ماشىنا، ماشىنا بىلەن ماشىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىگە ئايلىنىپ، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھېسيات سۇسلىشىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ماھىيىتى ۋە ئالاقە شەكلىدە بۇرمىلىنىش پەيدا بولىدۇ.

ئاساسى ئېقىم ئېڭىنىڭ يىمىرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى مۇتەخەسسلەر، تور بەلكىم جەمئىيەتنىڭ ئاساسى ئېقىم ئېڭىغا زور تەھدىت پەيدا قىلىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى. توردا ئالاقىلىشىش ئىرق، رايون، مىللەت، دۆلەت ۋە ئوخشىمىغان ئىدىئولوگىيە، قىممەت قارىشى قاتارلىق چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئالاقە جەريانىدا، ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي ئاڭلار ئۆز-ئارا تەنقىد قىلىدۇ، بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن، جەمئىيەتتىكى ئاساسى ئېقىم ئېڭىنىڭ  مەركەزلىك ئورنى تور دۇنياسىدا ئاسانلا يىمىرىلىدۇ، بۇ ئەھۋال رېئال تۇرمۇشتا تەسىر كۆرسىتىپ، نەتىجىدە قىممەتنىڭ نىسبىيلىكى ۋە قىممەتسىزلىك ئېڭى ئەۋج ئېلىپ، رېئال تۇرمۇشتىكى ئاساسىي ئېقىم ئېڭىنىڭ ھوقۇقلۇق ۋە مەركەزلىك ئورنى يىمىرىلىدۇ.

ئۇچۇردىن پايدىلىنىشنىڭ باراۋەر بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تورنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇچۇر كاۋاكلىقى كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. ئۇچۇر كاۋىكى پۈتۈن دۇنيا ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە پايدىلىنىش پەرقىدىن كېلىپ چىققان ئارقىدا قېلىش، بىلىمنىڭ پارچىلىنىشى ۋە باي-كەمبەغەللەرنىڭ ئايرىلىش ھادىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پەقەت دۆلەتلەر ئارىسىدا مەۋجۈت بولۇپ قالماي، ئوخشىمىغان رايون، ئوخشىمىغان جىنىس، ئوخشىمىغان ياش ۋە ئوخشىمىغان مائارىپ تەربىيىسىدىكى كىشىلەر ئارىسىدىمۇ مەۋجۈت. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە ياشلار ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ، ياشلار ئۇچۇر مەنبەسىدىكى ئەۋزەللىككە ئىگە، قېرىلار ئاز سالماقنى ئىگىلەيدۇ، بۇ ئاسانلا دەۋر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى پەيدا قىلىدۇ. تور ئابۇنتلىرىنىڭ تارقىلىشىدىن قارىغاندا، شەھەر-بازار نوپۇسى 4/3  ئۆلۈشنى ئىگىلىگەن بولۇپ، يېزىلاردىن بولۇپمۇ، ئوتتۇرا غەربىي رايونلاردىكى يېزىلاردىن خېلىلا يۇقىرى، بۇ دەل ئۇچۇردىن پايدىلىنىشىتىكى رايونلار ئارىسىدىكى باراۋەرسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. توردا ئۇچۇر تارقىتىش كىشىلەرگە يېڭى مەدەنىيەت ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، توردىكى جىنايى قىلمىشلار ۋە ئەخلاقتا تاپتىن چىقىپ كېتىش ئەھۋاللىرىنى مۇمكىنچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. بۇ پەقەت ئەنئەنىۋى جىنايى قىلمىش ۋە ناچار ئەخلاقى ھادىسىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش بىلەنلا ئىپادىلەنمەستىن، بەلكى بەزى يېڭى جىنايەت ۋە ئەخلاق قىلمىشلىرىنى ماگىنىتلىق زېمىن بىلەن تەمىنلەشتىمۇ ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەن، پۇل-مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، قاقتى-سوقتى قىلىش، سېرىق ۋىرۇس، شەھۋانىيلىق، باشقىلارنىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا ۋە شەخسي مەخپىيەتلىكىگە تاجاۋۇز قىلىش قاتارلىقلار.

UID
12351
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
432
تىزىملاتقان
2011-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 12:13:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىرنىت ھازىر راستىنلا تېلېۋىزور ،رادىئوغا ئوخشاشلا تۇرمۇشىمىزغا زىچ سىڭىپ كىردى .كومپىيوتىرنىڭ بارلىققا كىلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشلەر مۇشۇنىڭ نىنىنى تىپىپ يەۋاتىدۇ .
رادىئۇ ئسىتانسىنىڭ بۇ قىتىملىق سۆھبىتىدىن  :ئۇيغۇر يىزىقىدا بارلىققا كەلگەن بۇ موھىتنىڭ رولىغا سەل قارماسلىق ،دىققەت ئىتبارىمىزنى ئاغدۇرۇش جەھەتتىكى بىر باشلىنىش كىرەكلىكىنى چۈشەندۇرۇپ بىرىدۇ .
سۆھبەت جەريانىدا ئۇمىتۋار ئىيتقاندەك ،ياشلىرىمىزدا تورغا نىسپەتەن تەپەككۇر قىلىش بەكلا ئاز ھازىر ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى ۋاشاڭ ئۇلىنىش بەتلىرى .توردا مەن بىلسەم ئۇلىنىش توردىن ئاز دىگەندە 200-300بار .ئۇلىنىش دىگەن نىمە ،ئەمەليەتتە ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئىلىپ ئىيىتساق ،ئەمگەكسىز ،توسالغۇسىز بولۋاتقان ئەقلى ئەمگەك ئوغىرلىقى .باشقا مىللەتلەردە ئۇلىنىش دىگەن تور بەتنىڭ كىچىك بىر سەھىپىسى دەپ قارايدۇ .بۇنىڭدىن قارىغاندا بىزنىڭ تورغا بولغان چۈشەنچىمىز تىخى ئۆسمۇر ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۇردۇ.
بۇنداق دىسەم ئۇلىنىش تور بىكەتلىرى قۇرغىچىلىرى خاپا بولماڭلار ،دىمەكچى بولغىنىم ئومۇمىلىقنى يۈزلىكىنى كۆزدە تۇتساڭلار ، بىزدە دورامچىلىق بەك ئىغىر ،بىرسى كىنو ئىشلىسە ھەممىز كىنو ئىشلەپ باقىمىز ،بىرسىمىز توڭلاتقۇ ساتساق ،ھەممىز توڭلاتقۇ ساتىمىز ،بۇ ئىش تۇرمۇشىمىزدا مانا مەن دەپ نامايەن بولۇپ تۇرۋاتىدۇ .مۇشۇنداق كىتىۋەرسەك .تورغا نىسپەتەن ۋاي ئۇلىنىش تور بىتى ياىسمىغان ئۇيغۇردىن مەنلا قاپتىمەن ،بىكار تۇرغۇچە تور بەت ياساپ قۇيايچۈ دىگەندەك ئىش بولۇپ قالمىسۇن .
ھەممىز كۈچ چىقىرىپ مەزمۇنلىق ،كىشىگە نەپ بىردىغان .ئۆزىمىزنىڭ ئەجىرى سىڭگەن ھالال بىر ئىشنى قىلىشقا تىرشايلى .بۇ مىنىڭ شەخسى كۆز قارشىم  .

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
13761
يازما
61
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1801
تىزىملاتقان
2011-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 15:53:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توراپلارنىڭ ئاكتىپ ۋە پاسسىپ رولىنى قانداق كونترول قىلىش، قانداق يېتەكلەش دېگەندەك مەسىلىلەرنى كۆپ تەرەپتىن تەھلىل قىلىشىمىز كېرەك.

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
296
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
8317
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-17
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-7 17:19:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۈيى تورىنىڭ تور تېلۋىزيىسى تەرەققىياتى نىمە دىگەن تېز.بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك سۆھبەت بوپتۇ.رىياسەتچى ۋە تەكلىپلىك مىھمانلارمۇ ناھايىتى ياخشى پىكىر قاتناشتۇرۇپتۇ.توردىكى يېڭلىقلار خېلى تونۇشتۇرلۇپتۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش