تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 101913|ئىنكاس: 51

ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھب     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بېكەت باشلىقى

سەركەردە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
1
يازما
104
تېما
65
نادىر
8
جۇغلانما
5313
تىزىملاتقان
2006-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-23
توردا
147 سائەت

باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشلىقى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 21:35:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇئەلەيكوم! ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق مەنىۋى تۇرمۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،ئۆزگىچە ھۇزۇر ئېلىپ كىلىۋاتقان ئەزىز تورداشلار ئالدى بىلەن شىركىتىمىزدىكى ۋە تورىمىزدىكى بارلىق خادىملار نامىدىن ھەممىڭلارنىڭ تۇرمۇشىغا بەخت ۋە ئامەت،تېنىڭلارغا سالامەتلىك تىلەيمىز!

شۇنداق بىر كىشى بار ،ئۇنىڭ ئۆزگىچە پىكىرلىرى تالاي دىللارنى رام قىلسا،شائىرانە قەلبى سانسىزلىغان قەلبلەرنى مەستخۇش قىلىدۇ،ئۇنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشى ئىختىيارسىز بۇ پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانىدىن كۆڭلى سۆيۈنمەي قالمايدۇ ئەلۋەتتە.ئۇ بولسىمۇ ئوزۇندىن بويان كۈنلىرىنى بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلىق مۇنبىرىدە ئۆتكۈزۈپ سانسىزلىغان سىتودنېتلارنى تەربىيلەپ مىللىتىمىزنىڭ ئالىي مائارىپغا زور تۆھپىلەرنى قوشسا ، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقىمىزنىڭ ئەدەبىيات سەيناسىنى تىرەن پىكىرلىرى،تېتىملىق يازمىلىرى بىلەن بېيىتىپ، بىزگە كىملىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر بىلدۈرۈشكە تۆھپىسى زور بولىۋاتقان شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ پروفىسسورى، تالانتلىق شائىر،پەخىرلىك يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئۇستازىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىندۇر.

بىز كەڭ تورداشلانىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن ، بۈگۈنكى ئەلكۈيى ئېكرانى زىيارىتىنىڭ يېڭى سانىغا ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭ ئىجادىي ھاياتى،ئەدەبىياتقا بولغان كۆز قارشى،بىر زىيالىيدىن جەمئىيەتنىڭ كۈتىدىغان ئۈمىدى قاتارلىق تېمىلاردا شۇنداقلا ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭدىكى مەسىلىلەر، ئۇيغۇر تور مەدەنىيتى ۋە مۇنازىرە ئەخلاقى ھەققىدە كەڭ كۇشادە سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.زىيارەت مەزمۇنىغا قىززىقساڭلار دىققىتىڭلار <<ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت >>نامىدىكى زىيارەت فىلىمىمىزدە بولسۇن !

كۆرۈش نوقتىسى (Medila player )ئارقىلىق كۆرۈش

كۆرۈش نوقتىسى(flash player)ئارقىلىق كۆرۈش


زىيارەت جەريەنىدا پەخىرلىك ئۇستاز،ئەدەبىياتشۇناس،شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ پروفىسسورى ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار بىرگە خاتىرە سۈرەت رەسىمگە چۈشتى


ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم ماگىستىر ئاسفىرانت ئوقۇغۇچىلىرى ئەلكۈيى شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرگە  

  

ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەلكۈيى ئېكرانى زىيارىتىدە


ئاخىرىدا تورىمىز ۋە شىركىتىمىز نامىدىن پەخىرلىك ئۇستازىمىز،شائىر،ئەدەبىياتشۇناش،پىروفىسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇئەللىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،ئائىلىسىگە بەخت ۋە ئامەت يار بۇلىشىنى شۇنداقلا بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىي ھاياتىنىڭ يەنىمۇ پارلاق،نەتىجىلىك بۇلىشىنى،ئۆزگىچە پىكىرلىرى ۋە تېتىملىق يازمىلىرىنى خەلقىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ تۇرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ۋە تىلەيمىز!


كامالىي ئېھتىرام بىلەن :

ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئەلكۈيى تور بېكىتى

2011-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى


ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

UID
7028
يازما
104
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3238
تىزىملاتقان
2010-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-22
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 22:43:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئەل سۆيگەن ۋە ئەلنى سۆيگەن زىيالى - ئۇستازلىرىمىزنىڭ يوللىرىنىڭ تېخىمۇ داغدام بولىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن ،ئەلكۈيىمىزنىڭ يەنە بىر قېتىملىىق قىممەتلىك داستىخىنىغا چىن دىلىمدىن تەشەككۇر ئېيتىمەن

UID
16111
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2011-10-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 23:36:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى يىڭى ئەزا شەمسىدىن دىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام، تىزىملىتىپ كىرىپلا شۇنداق ياخشى تىمىدىن بىرسىگە يولۇقۇپتىمەن ،مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن.

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
13028
يازما
226
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
6796
تىزىملاتقان
2011-7-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-19
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 01:34:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۈيى تورىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر!!!

UID
11145
يازما
32
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1022
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 11:26:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر ئاكىمىزنىڭ مىنىڭچە ئۇيغۇرنىڭ مىڭىسى دېسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ؛زىيارەت جەريانىنى ئىككى قېتىم كۆرۈپ چىقتىم،قەلبىم تۆرىدە ھۆرمىتىم زىيادە بۇ ئىنسانغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى،ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا ناملىق ماقالىلەر توپلىمى ئارقىلىق جىق نەرسىلەرگە جاۋاب تاپقان بولسام بۇ قېتىملىق زىيارەت ئارقىلىق يۈرەك سۆزىنى،ئوقۇرمەنلەردىن ئابدۇقادىر مالىمنىڭ كۈتىدىغان ئارزۇ-تىلەكلىرىنى تېخىمۇ چۈشەندىم،ئۆزىنى توختاتقان،ھەر بىر گىپى بىر مەنا چىقىدىغان بۇ پەرىشتە سۈپەت ئوقۇتقۇچىمىزغا ئاللا مىڭ رەھمەتلەرنى ئاتا قىلسۇن،ئەلكۈيى تورىنىڭ باسقان مۇشۇنداق ياخشى قەدەملىرىدىن گۈل ئۈنسۇن،ئىنكاسىم ئاخىرىغا ئابدۇقادىر مالىمنىڭ مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئۆزىنى ئىزدەش بوسوغوسىدا نامىدىكى مۇنۇ سۆزلىرى

<< ئەگەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى چۈشەنمىسە ، كېلەچىكى توغرىسىدا ئويلانمىسا ، پەقەت قورساق بېقىش ۋەسۋەسىسىدىلا بولسا ، بالىلار ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ، مىللىي كىملىكى ھەققىدە مەكتەپلەردىن ساۋاق ئالالمىسا ، ئۇ بېلىققا ئوخشاش ياشىشى مۇمكىن . ئۇ پاكىز سۇدىمۇ ياشاۋېرىدۇ ، پاسكىنا سۇدىمۇ ئاۋاز چىقارماي ياشاۋېرىدۇ ، سۇسىزلىقتىمۇ ئاۋاز چىقارماي ئۆلىدۇ . >>
-ئابدۇقادىر جالالىدىن

ۋە ئەلكۈيىدىكى ئۇيغۇرزادىنىڭ ئاستىدىكى ئىنكاسىنى بىرگە قالدۇرۇپ قويۇشنىمۇ مۇۋاپىق تاپتىم،،

ئابدۇقادىر  جالالىدىن بىز ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

بىرىنچى، غابدۇللا توقاي تاتارلار ئۈچۈن، خۇرشىد دەۋران ئۆزبەكلەر ئۈچۈن،ئىمران سالھى پارسلار ئۈچۈن،مەھمۇت دەرۋىش پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن، ئادنان ئوكنان تۈرك قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بەرسە، ھازىر ئابدۇقادىر جالالىدىن بىز ئۈچۈنمۇ شۇنڭدىن دېرەك بېرىدۇ. قالغان گەپنى قىسقارتاي.

ئىككىنچى، گەندىنىڭ شۇنداق بىر قالتىس گېپى بار: "ئۆز خەلقىم ماڭا تاش ئاتقان تەقدىردىمۇ سۆيۈملۈكتۇر". داغستان مەشھۇر شائىرى رەسول ھەمزوتوف مۇنداق دەيدۇ: "مىللتىم دەيسەن، ئاخىرى مىللىتىڭ ئاتقان ئوقتا ئۆلىسەن".ئابۇقادىر داموللا، ئۇيغۇرى، مۇتەللىپ ۋە تەۋپىقلەرنىڭ ئۆلىمىدە رەسول ھەمزەتوف دەۋاتقان ھېكمەت ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مەھكۇملۇق ئاسارىتى چىرمىغان قەۋمنىڭ جىگەرلىك زىيالسى خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئىرادە قىلغان كۈنىدىن باشلاپ بەختسىزدۇر، ھەسرىتى مەڭگۈلۈكتۇر.چۈنكى، ئاسارەتلەر قالدۇررۇپ كەتكەن جاراھەتلەرگە، زىندان كاللىلارغا قارىشى كۈرەش قىلىش ئاۋۋال شۇ توپتىكى نادان مۇخلىسلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا، يەكىلشىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنداقتا، بۇنداق زىيالى يولىدىن قايتىشى ، جاھانسازلىق يولىغا كىرىۋېلىشى كېرەكمۇ؟ ياق. ئەگەر ئۇنداق قىلسا ئۇ تەلتۆكۈس مەغلۇپ بولىدۇ. مېنىڭ مەيدانىم شۇكى، گەرچە بىلگەنسىرى ئادەمنىڭ ھەسرىتى ئاشسىمۇ، دۇنيانىڭ راھىتىنى ئويلانمىغۇچىلار سۈرسىمۇ، زىيالى ئۆز ئەقىدىسىدىن يانماسلىقى كېرەك. نۇرغۇن پىكرىچى مۇتەپپەككۇرلار بەختسىزلىك ۋە ھەسرەت ئىچىدە ياشىغان بولسىمۇ،ئۇلار ئىنسانيەت ئەقلى پاراسىتىنىڭ سىمۋولىدۇر.شۇنڭغا ئوخشاش چامسى يېتىدىغان دائىرىدە، چەكلىك ئىمكەنىيەت ئىچىدە  بۇنچە قاتتىق پىكىر قلىۋاتقان ئا.جالادىندەك ئادەم بىز ئۈچۈن بىباھادۇر.

ئۈچىنچى، بىر شائىر، بىر تەتقىقاتچى، بىر مۇتەپپەككۇر، بىر ناتىق، بىر يازغۇچى، بىر ئىجتىمائىي تەنقىدچى، بىر قەھرىمان....مانا ئا.جالالدىن مانا شۇنداق يەتتە ئادەمدە بولىدىغان كۆپ قىرلىق ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن بىر تالانت ئىگىسىدۇر. دېمەكچى، يۇقىرىقىلارىنىڭ بىرى بولۇپ ئۆتۈپ كەتمەك بەكمۇ ئاسان، ئەمما ھەممە ۋەزىپنى ئارتقۇزۇپ ياشىماق بەك تەس. ئەپسۇس، بىزدە بۇنداق ئادەم بەكمۇ ئاز. ياخشى شائىرلىمىز بار، ئەمما بوينىنى ئىچىىگە تقىپ، ئېستىتكېىلىق ياتلىشىش ئىچىگە غەرق بولۇپ ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئۇنتۇغان. شۇنداق تەتقققاتچىلار بار، نوپۇزغا، مادىيلىققا باش ئەگكەن. شۇنداق ئىجتىمائىي تەنقىدچىلەر بار، ئۆزى تەنقىدلىگەن نەرسىگە ئەمەل قىلمايدىغان. ئەمدى، ئا.جالالدىنىچۇ؟ئۇ مەن بايا دېگەنلەرنىڭ ھەممسى.شۇڭا ئۇ بىزنىڭ بايلقىمىز. بىزدە زوردۇنشۇناس، ئا.جالالىدىنىشۇناشلار بولۇشى كېرەك. ئاۋۇ بىر تورداشنىڭ ئابدۇقادىر  جالالدىننى جالالدىن بەھرام بىلەن پەرقلەندۈرەلمەسلىكى كىچىك ئىش ئەمەس.بىز ئويلىنايلى.

تۆتىنچى، بەزى مۇنبەرلەردە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا بۇرۇن تەسرىگە ئۇچرىغانلار ئا.جالالدىنغا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا خىرس قىلىدىغان، تېخى ھازىرقى مەشھۇر شائىرلار قاتارىغا ئا.جالالىدننى تىزمايدىغان بىر يۈزلىنىش بار.  رېئاللىقتىن ئايرىلىپ قالغان، كۇسۇك ئىتتەك قۇيرۇقىنى قىسىپ ، بەخۇدەك ياشاۋاتقان ئاز ساندىكى بىر قىسىم مەسئۇليەتسىز شائىرلارنىڭ ئا.جالالدىنغا دىماغ قېقىشىغا تېخى ھايىلى بار. بۇنداقلارغا  شەيتىنى ئۆزىنى چوڭ كۆرسىتىۋاتىدۇ.  شۇنداق نۇقتا ئېسىمزدە تۇرۇشى كېرەككى، يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتىنى باشلاپ بەرگەنلەر ئىچىدە ئا جالالىدىنلا شۇ ۋاقتىىكى ئوتتىن يانمىغان، تۇرمۇشنىڭ مۇشەققىتىگە خاسلىقىنى يەم قىلىپ بەرمىگەن ھەم ئىجـىمائىي بۇرچىنى قەتىي ئۇنتۇمىغان بىردىنىبر ئەدبتۇر. مەسىلەن، غالب راخمان، ئەركىن ئىبراھىملارمۇ ئاشۇ يېڭى شېئىريەت ھەركىتىنىڭ باشلامچىلىرى ئىدى.ئەمما، ئۇلارنىڭ بىرى بازارنىڭ ئېرقتۇرۇشى بىلەن بۇرۇنقى تالانتىنى يەپ بولدى،يەنە بىرى نېمە بولدىكىىن، جىمىپ كەتتى(دېمەك مەغلۇپ بولدى)،يەنە بەزىلەر قالتس تالانت ئىگسى بولسىمۇ خەلقنى تەرك ئېتىپ، بۇرچىنى ئۇنتۇپ ياشىدى.بۇنداق ياشىماق، سانئەت ئۈچۈن سەنئەت دەپ ياشىماق ئاسان ئىدى. لېكىن، ئا.جالادىندەك ياشىماق تەس ئىدى.شۇڭا ئېيتىمەنكى، بىزنىڭ ئا.جالالدىننىڭ ۋۇجۇدۇدىن ئۆگىندىغان يېرىمىز بەك جىق. بىرەر شېئرىمىز، بىرەر تېمىمىز ياكى ئىنكاسىمىز  بەك ياراپ كېتىپ شەيتان ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزگە چوڭ كۆرسەتكەندە، سەل ھاياجنىمىنزنى بېسىۋالايلى. بەزى ئەقدىسىز، ھەقنى تونۇمىغان شائىرلارنڭ يۈز ياخشى شېئرىنى ئا،جالالدىننىڭ بىر قېتىملىق نۇتقىغا تەڭ قىلمايمەن. مەن شېئرىغا بولغان ھۆرمىتى ئىنتايىن چوڭقۇر ھەم شېئرىنىڭ چەكلىمىكىنى ھېس قىلىپ بۇ يولدىن چېكىنگەن بىرسى.شۇڭا، يەنە دەيمەن، بىرەر شائىرىنىڭ، مەلۇم بىر تەتقىقاتچىنىڭ، مەلۇم بىر تەنقىدچىنىڭ ۋە توردا كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان بىرەر تورداشنىڭ ئا.جالالىدنىغا دىماغ قاقىدىغانغا تېخى ۋاقتى بار.

؛؛؛؛؛؛؛

ۋەتەن ۋە ئىمان


ئابدۇقادىر جالالىددىن

ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ،ئىمانىڭ قېنى،
قەلەملەر تەۋرەتتىڭ ۋىجدانىڭ قېنى،
تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن دىدىڭ،
كۆڭلۈك ئاسمىنىدا چولپانىڭ قېنى،
قەلەمنى مەشئەل قىپ،مۈدۈرۈپ ئۆتتۈڭ،
ئۆپكەڭمۇ يوغىناپ،يۆتۈلۈپ ئۆتتۈڭ.

ۋەتەنگە ئىخلاستا باقساڭ ئىڭىشىپ،
قەۋمىڭنىڭ يىلتىزى ياتار چىرمىشىپ،
چاقنايدۇ مازاردا فۇسفۇر يالقۇنى،
كۆكتىكى يولتۇزلار بىلەن سىردىشىپ،
بۇ يەردە بۇغرا ھەم ئوغۇز ياتىدۇ،
قوقاسقا ئايلانغان يۇلتۇز ياتىدۇ.

سەپ تۈزۈپ ھەر رەڭدە پەسىللەر ئۆتتى،
‹ۋەتەن›دەپ باھادىر نەسىللەر ئۆتتى،
ئەۋلادقا پەقەتلا ۋەتەن قالىدۇ،
باشلاردىن نى ئەقىل،نەقىللەر ئۆتتى،
ۋەتەن چۆچەك ئەمەس،سەجدىگاھىڭدۇر،
ۋە يا ئەرمەك ئەمەس،باشپاناھىڭدۇر.

‹ۋەتەن-جانان›دىدىڭ،جانان تېپىلار،
ۋەتىنىڭ بولىسلا ھامان تېپىلار،
غۇربەتتە تىنىگەن ساياقلارغىمۇ،
شاھانە قەسىر ھەم ئايۋان تېپىلار،
بەزىدە ۋەتەنسىز سۇلتان بولىدۇ،
ئۆزىنىڭ گۆشىگە ھەم ئوتۇن بولىدۇ.

ۋەتەن ئەسقاتىدۇ ئۆلگەنلەرگىمۇ،
نەپسىنىڭ ئوتىدا كۆيگەنلەرگىمۇ،
ھەتتا ئوسمىسىنى سېتىپ خوتۇنىنىڭ،
بىر ئۆمۈر تاماشا كۆرگەنلەرگىمۇ،
لىكىن ھاقارەتتە قالدى قەبرىسى،
تالاي ئاھانەتتە قالدى نەۋرىسى.

ۋەتەن ئىمان بىلەن بىر تەن ئەمەسمۇ؟
ۋەتەن ئىمانسىزغا ماتەم ئەمەسمۇ؟

مەنبە: تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكى.

UID
4470
يازما
138
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3198
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-23
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 11:45:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازغا سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن. ئەلكۈيى تورىنىڭ مۇشۇنداق ياخشى سۆھبەتنى روياپقا چىقىرىپ نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ بەرگىنىگە كۆپ رەخمەت.

UID
6414
يازما
36
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1026
تىزىملاتقان
2010-10-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-22
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 12:46:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭكىدە چىقمىدىغۇ...شۇنداق خۇش بولۇپ ئاچقانىدىم..

ئۇستازغا بولغان ھۈرمىتىم ۋە قايىللىقىمنى ئىپادىلەشكە ئاجىزمەن ...ئۇلۇغ ئاللاھدىن ئۇستازنىڭ تىنىنىنىڭ سالامەت، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن،ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇغلۇق ....بولۇشىنى تىلەيمەن.
ئۇستازنىڭ ھەممە شېئىر.ماقالىلىرىنى،لېكسىيىلىرىنى شۇنداق ئىزدەپ كۆرىمەن ئاڭلايمەن .......

كۆيۈمچان ئەزا

تېنىڭ ساق، روھىڭ

UID
3576
يازما
215
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
6986
تىزىملاتقان
2010-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 12:54:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﻏﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯩﺸﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﻰ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯚﺯﻯ ﺑﻪﺷﻜﯩﺮﻩﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﭘﺎﺭﯕﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ. ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ، ﺗﯧﻞ ﺋﯜﮔﯜﻧﯩﺸﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻣﻮﮬﯩﻤﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﺘﯘﻕ. ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﯜﮔﯜﻧﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ، ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﺷﻼﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﺭﺍﯓ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ:- ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﺘﺎ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺋﯩﺶ. ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﯩﺮ << ﻗﻮﺭﺍﻡ ﺗﺎﺷﻼﺭ>> ﻏﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ، ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻳﯘﻟﯘﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﻮﻟﯘﻣﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﻪﻏﻪﺭﻩﺯﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﻛﯘﭼﯩﻤﯩﺰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻏﺎﻥ << ﻗﻮﺭﺍﻡ ﺗﺎﺷﻼﺭ>> ﻏﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﮔﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﻧﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺯﯙﺭﯛﺭ. ﺳﯩﺰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﯜﮔﯜﻧﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﭘﺘﯘ. ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﻟﻠﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﺮﺍﻕ ﺩﻩﯕﺴﻪﭖ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﻣﺎﺱ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﮬﻪﺩﻩ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻟﻪﭖ ﻛﯩﺮﯨﯔ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻧﯩﻤﯩﻼ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻠﻰ، ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯧﻠﯩﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﻧﯜﺵ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺋﯘﻛﺎﻡ. ﺑﯘﻧﻰ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﺘﯩﻢ.
ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻗﻼ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺷﺘﯘﻕ، ﺩﯗﻛﻜﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ. ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﯘﭼﻪ ﯞﺍﻗﺘﯩﻢ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯩﻠﻪﺭﻣﻪﻥ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻪﻙ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﻤﻪﻥ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺋﯜﮔﯜﻧﯩﭙﺴﯩﺰ ﺋﯘﻛﺎﻡ، ﺩﯦﺪﻯ . ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﺷﻪﻟﻤﯩﺪﯗﻕ.

مەشھۇرلار ھەققىدە <<غەيۋەتلەر>> دىن ئىلىندى

UID
2247
يازما
729
تېما
41
نادىر
0
جۇغلانما
24831
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-23
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 16:22:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر ئاكامنى بۇرۇن"شىنجاڭ مەدەنيىتى"ژۇرنىلى ئارقىلىق تۇنىغان ئىدىم.كېيىن ماقالىلەر توپلىمى نەشىر قىلىندى.تىرەن پىكىرلىك بۇ شەخىسنىڭ نۇرغۇن كۆز قاراشلېرى ئىدىيەمنى زەرەتلىگەنلىكىگە كۆز يۇمالمايمەن.جەمئىيەتنى كۈزۈتۈش،پىكىر قىلىش جەھەتلەردىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئۆلگە بۇلىشقا تىگىشلىك ھۈرمەتكە سازاۋەر بۇ كىشىنىڭ ئەسەرلېرىنى ئىزدەپ يۇرۇپ ئوقۇيدىغان كىشىلەر خېلى جىق،ئاددىسى خىزمەتدىشىم ئەدەبىي كىتاپ كۆرۈشكە بەكمۇ قېرىق ئىدى.ماقالىلەر توپلىمى،ساياھەت خاتىرسىنى ئارىيەتكە بېرىپ تۇرغان ۋاقتىمدا مۇئەللىمنىڭ يەنە قانداق ئەسەرلېرى بار،دەپ مەندىن سوراپ كەتكەن ھەم كۆز قاراشلېرىدىن  خاتىرسىگە تەسىرات يازغانلىقىنى دەپ بەرگەن ئىدى.قىسقىسى،ئا.جالالىدىن بۇلۇپمۇ ھازىرقى دەۋىردە ئۇيغۇرغا تۇزغا ئوخشاش مۇھىم.بۇ كىشىنىڭ تىنىمسىز ئىزدىنىشلېرى،ئۇيغۇر ئۈچۈن تۈككەن مېھنەتلېرىدىن ئۇيغۇر زىيالىلېرى ئۆرنەك ئىلىشقا تىگىشلىك.مۇئەللىمنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،ئىجادىيەتلېرىگە بەرىكەت تىلەيمەن.
تور ئالاقە جەمئىيەتتىكى نوپوزلۇق كىشىلەر بىلەن ئاۋام ئوتتۇرسىدىكى يىراقلىقنى جىق قىسقىراتتى.بۇ جەھەتتىن تەر تۈككەن مۇنبەر خىزمەتچىلېرىگە رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن.

ۋەتىنى يوق ئادەم ئۈنى يوق بۇلبۇل!(ماقال-تەمسىل)

UID
11056
يازما
57
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
1817
تىزىملاتقان
2011-5-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 16:33:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىركامنىڭ زىيارىتى ئەلكۈيىدىكى يەنە بىر ئېسىل زىيارەت بوپتۇ،ھارماي كۆرىۋەتتىم،ئەلكۈيى تورىنىڭ جاپاكەش خىزمەتچىلىرى ھارمىغاي.كومويۇتېرىمغا ساقلىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈردۈم ئەلۋەتتە.ئۇيغۇردا ئۆزىنى مەن ئۇيغۇرنىڭ زىيالىيسى دەپ ھېسابلايدىغانلار كۆپ بۇلىشى مۇمكىن،بىراق ئابدۇقادىر مۇئەللىمچىلىك تۆھپە  ھەم مەنىۋى ئوزۇق،ئادەمگە ئىدىيە ئويلاندۇرىشى بولغان زىيالىيلار،يازغۇچىلار ئۇنچە كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن،تورداشلاردىن مۇشۇنداق ئۇيغۇرنىڭ مىڭىسى دېمەك ئىپتىخارلىق كىشىلىرىمىزنى كىيىنكى دەۋىر كىشىلىرى ئەدەبىيات كىتاپتا ئەسلەيدىغان شەخس سۈپىتىدە قالدۇرماي ئۆزىمىز شۇ كىشىلەر بىلەن بىر دەۋىردە ياشىغانلىق ئامىتى ئىچىدە كۆپرەك قەدرىنى قىلساق ئولۇغلىساق دېگەننى ئارزۇ قىلىمەن.
ئابدۇقادىركامنىڭ زىيارەت جەريانىدا تور نوپۇزلۇق يازغۇچىنىڭ نوپىزىنى بەربات قىلىۋەتتى،بىر زىيالىي ئۆزىنىڭ شىئېرىي تۇيغۇسىدىلا ياشىماسلىقى كېرەك،توردشلار مەسئۇلىيەتچان،ئويلىنىشچان تورداشلاردىن بۇلىشى كېرەك ....دېگەن دانە دانە سۆزلىرىنىڭ ئۆزىنى  يەشسەكمۇ  بىرقانچە  چوڭ ماقالە چىقىشى مۇمكىن،ئالدىنقى سانلاردىكى بىر شىنجاڭ مەدەنىيتى ژورنىلىدا ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىمىز يازغان بىر ماقالە ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى مانچىگگ بېرىپتۇ دېگەنگە ئوخشاش بىر قىستۇرما بار ماقالە ئوقىغان ئىدىم،سان جىق بولغان بىلەن سۈپەت بولمىسا نىم كىرىكى دېگەن بۇ ئىدىيە مىنى قانچە كۈن ئويلاندۇرغان،بىر قانچە كىتابىنى تېخى ئوقۇپ باقمىغانلىقىمنى زىيارەت جەريانىدىكى چۈشەندۈرۈشتىن ھىس قىلدىم،كىتاپخانىلاردىن تېپىپ چىقماقچى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش