تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئىگىسى: uyghurzade

رادىل ئابلاغا دوستانە تەنقىد     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
599
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
13417
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-11
توردا
97 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 13:52:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تادۇ، 166-قەۋەتتە مۇنداق يازىدۇ:
بۇ ياخشى تاللانمىغان تىما بۇلۇپتۇ.ئەسلىدە تىمىنىڭ ئاخىرىنى يوللىمىغان، بۇمۇنبەرمۇ مۇشۇ تىمىنى ئۆچۇرگەن بولسا ناھايتى ياخشى بۇلاتتى.ئەمما بۇگەپ ئارمان شىركىتىنى كۇرەلمەيۋاتقانلارغا ئوبدانلا بانا، ھەسەت پىچىقى بىلەن تەمىنلىدى.
_----------------------------------
قېرىنشىدىم تادۇ، مەن سىزنىڭ ئىنكاسىلرىڭىزغا باشقا تېمىدىمۇ، بۇ تېمدىمۇ ئىنكاس قايتۇرمىغان. سەۋەبى، پىكىر قىلشىڭىز ۋە ھەممە مەسىلىنى تۆت تادۇغا باغلاپ تەھلىل قىلشىڭىز ماڭا ياقمىغان. بەزىدە «بۇ سۇ» دېسەم «ياق، 10 گرادۇسقىچە قىزىتسا قاينايدۇ» دېگەن شەكىلدە پىكىر قىلىسز. سىزگە سۈكۈت قىلغىنمنى باشقىچە چەشەندىڭىزمۇ ،بىردەم «ئۇيغۇرزادىنىڭ گۇپپاڭچىلىرى»، بىر دەم « ياخشى بولمىغان تېما»› «بىر دەم سۆز چۆچەك» دېگەن گەپلەرنى ئشىلەتتىڭىز.بۇنى توغرا تاپماي سىزنىڭ ئون ئىنكاسىڭىزغا تۇنجى ۋە ئاخىرقى جاۋابنى يازدىم. گەپ-سۆزگە دىققەت قىلىڭ.
            سىز جەمئىيتشۇناسلىقنىڭ ئەھلى ئەمەس، بەلكى ئەلپەنچى. شۇڭا مەسلىنى سىز ئويلغاندەك نۇقتىدا كۆزەت دېسىڭىز مەن قىلالمەيمەن.  پىكرىڭىزگە ھۆرمەت قىلىپ، «گېپىنى دەۋالسۇن» دېسەم، ماڭا ئەمدى دائىرە بەلگىلەپ بەرگىلى تۇردىڭىز. بۇ بولمىدى.
   مەن ھېلىھەم ئەنۋەر جۇلانىڭ  تېمىنى ئوقماي تۇرۇپ يازغان ئىنكاسلىرىغا روبىرو جاۋاب بەرمىدىم.جىق ئشىلارنى تەگىمىدىم. نېمشىقا، بۇ تېمىنى ئۇششاق گەپ ئارىلاپ كەتمىسۇن دەپ.سىز ئۇنداق يەردە پەقەت گەپ قىلمايدىكەنسىز؟ قېنى سىزدىكى ھەق-ناھەق تۇيۇسى؟ بۇ تېمىنڭ قەيىرىدە ئارمان ھەققىدىكى پتىنچىلەرگە پۇرسەت يارىتىپ  بەرگەن يەر باركەن؟ سىز بۇ تېمدا ئارمانغا بولغان مېھرنى كۆرمدىڭىزمۇ؟
        گەپلرىڭىز سەل چېكىدىن ئاشقاندا،  ئون ئىنكاسىڭىزغا بىر ئېغىز جاۋاب بەردىم. ئەپۇ قىلىڭ. مېنىڭ سۈكۈتلرىمدىكى ئشىارىنى چۈسەنسىكەن دەيمەن.
     مۇنازىرەدە چىققان ئاۋۇ بەزى ئەھمىيەتىسىز گەپلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا  بۇ تېمىدا سىز ئەنسىرەپ كەتكۈدەك ھېچئىش بولغىنى يوق. تېما ياخشى ئاخىرلشىدۇ. خاتىمەنى كۈتۈڭ.
سىزگە ئامانلىق ۋە سۈزۈك ئەقىل تىلەيمەن.

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
599
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
13417
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-11
توردا
97 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 14:35:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     تېما ئاخىرلىش ئالدىدا. چەت ئەلدە ئوقۇش داۋامىدا چوڭقۇر ھېس قىلغان بىر نۇقتام شۇكى،  خېلى بىرتۈركۈم ئادەملەردە ( ھەممە ئۇيغۇردا دېمىدىم) تەپەككۇر زەخمىسى ئېغىر، ياتلىشىش ئېغىر، ئازاپ ئېڭى ئۆلگەن.بىز ھازىر ئۆزىمىز توغرا دەپ قارىۋالغان نۇرغۇن نەرسىلەردىن گۇمانلانمىساق، ئۆزىمىزگە جەڭ ئېلان قىلمىسا بولمايدىغان، ئەتراپىمىزدىكى نورمال بىلىنىپ كەتكەن نەرسىلەرگە ۋە ياشاش شەكىللىرىگە سوئال قويمىساق بولمايدىغان بىر دەۋرگە كىرىۋاتىمىز.
  قوشۇمچە گەپ مۇشۇنچىلىك. ئەمدى 4_بۆلەك  ۋە خاتىمە يوللىنىدۇ.

UID
14498
يازما
142
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
832
تىزىملاتقان
2011-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-16
توردا
178 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 14:37:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
azezam يوللىغان ۋاقتى  2012-1-5 14:24
بۇ تىما پەقەت رادىلكامغا  بىرلگەن سەمىمي تەكلىپ -پىكىر ...

بۇ يەردە ئىنكاسنىڭ بىرىنىمۇ ئۆچۈرمەسلىك كېرەك،بىئولىگىيەنى ئوقۇغان بولغىيتىڭىز،ئۇزۇقلۇق تورى،ئۇزۇقلۇق زەنجىرىنىڭ قانداق بولدىغانلىقى،تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىقلارنىڭ گارمۇنىك باغلىنىشىنى،مەۋجۇدادنىڭ نېمە ئۈچۈن تەبىئەتتە ياشاپ تۇردىغانلىقىنى،شۇنى دېيىش توغرا بوپ قالدى.
بۇ تېمىدىكى ئىنكاسلار كەڭ بىر ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى ھەرخىل كەسىپتىكى كىشىلەرنىڭ دۇنيا قارىشى،ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى پىكىر-ئىختىلاپى،زىدىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشى توغۇرسىدىكى مەزمۇنلارنى ئازراق بولسىمۇ يۇرۇتتى دەيمەن.ھەقىقىي كۆز قاراشلارنىڭ پىرۇتىپى مۇشۇ تېمىدا مۇجەسسەملەندى.
مۇنبەر باشلىقلىرى،شۇنى دەپ قوياي،بۇ تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسنىڭ بىرىنىمۇ ئۆچۈرمەسلىك كېرەك.
بەك ئۆچۈرۈش زۆرۈر بوپ قالسا،قۇرۇق قوچاقنىڭ ئىپادىسىنى ئەۋەتىپ،بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان ئەزالارنىڭ ئىنكاسىنى ئۈچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
599
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
13417
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-11
توردا
97 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 14:44:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا ساھەدە، تىبابەتتە، خمىيەدە، ماتېماتكىدا  مەلۇم مەسلىلەر توغرۇلۇق گەپ بولغاندا كەسپ ئىگىلىرى پىكىر قىلىدۇ، شۇ كەسپنى ئوقۇمىغانلارنىڭ گەپ قىلشى ئۆزىنىڭ نادانلىقىنى سازايى قىلشىتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەمما، بىزدە ئىجتىمائىي پەنگە تاقشىىدىغان مەسىلىلەردە ھەر كىم ھەر نېمە دېسە، ئۆزى بىلگەنچە گەپنى باشقا يەرگە، ئۆزىنىڭ قىزقىشىغا بۇراپ تەھلىل قىلسا، گەپنى دەپ قورسىقىنى بوشىتىپ چىقىپ كەتسە بولۇۋېرىدۇ. «مەن شۇ كەسپنى ئوقۇدۇممۇ؟ مەن بۇ توغرسىدا نېمە ماتېرىيال كۆرۈپ ئىزدەنگەن؟» دەپ ئويلايدىغانلار ئاز.
   كېين بارا-بارا بۇ ئشىلار ھەل بولار. ئەسلى تەرەققىياتنىڭ باشقا ئۈچ شەكلى، ئىقساد قاراچىلىقنىڭ يېتەرسزلىكى ۋە  مەنىسى،ئىقتساد جەمئيشتۇناسلىقى، «زقەرزدار وردۇن سابىر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بايلار» دېگەن نۇقتىلاردا پىكىر قىلماقچى ئىدىم. قىسارتىۋەتتىم.
4-بۆلەك

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
231
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
621
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-17
توردا
179 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 14:52:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى تورداشلارنىڭ ئۆزىنى بېسىۋېلىشىنى، ئۇيغۇرزادىنىڭ پىكرىنى قەستەن بۇرمىلىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭچە جانابىي ئاللادىن باشقا ھەرقانداق بىراۋ تەنقىد ئوبىيكتى بولالايدۇ. ئۇيغۇرزادە پەقەت سەمىمىي تەنقىد قىلىۋاتىدۇ، پىپەن قىلىپ، قالپاق كىيدۈرەي دېگىنى يوققۇ. بەزىلەر تەنقىد بىلەن تۆھمەتنىڭ پەرقىنى ئايدىڭلاشتۇرالمايۋاتسا كېرەك. بىزگە كېرىكى مانا مۇشۇنداق سەمىمىي تەنقىد، بىزدە ئارتۇقى پىتنە - پاسات. بۇنداق دېسەم مېنى ئۇيغۇرزادەنىڭ گۇپپاڭچىسى ئىكەن دەپ قالماڭلار، مەن ھېچكىمنىڭ گۇپپاڭچىسى ئەمەس. مەن ئۇيغۇرزادىنىمۇ، رادىل ئابلانىمۇ ئوخشاشلا ھۆرمەتلەيمەن. مېنىڭچە بىرى يەنە بىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئىش يوق. ئەنۋەر جۇلانىڭ رادىل ئابلانى ئۇيغۇرزادىدىن ئۈستۈن دەپ قارىشى پەقەت ئۆزىنىڭ قارىشى خالاس. ھېچكىم ھېچكىمدىن پەس ياكى ئەزىز ئەمەس. مەندىن سورىسىڭىز، مەن ئاتامنى رادىل ئابلادىن ئۈستۈن كۆرىمەن.(چاخچاق)
مەن ئۇيغۇرزادىنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت، رادىل ئابلانىڭ سودىسىغا ئامەت تىلەيمەن.

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
599
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
13417
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-11
توردا
97 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 14:52:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4-رادىل ئابلانىڭ قينچلىق، بىلىم -پاراسەت چۈشەنچىسىگە تەنقىد

        رادىل ئابلا بۇ قېتىمقى نۇتقىدا نەچچە يىللاردىن بېرى تەكرارلاپ كەلگەن «قىينچلىق مېنىڭ بايلىقىم» دېگەن گەپنى  يەنە دەپ ئۆتتى ۋە ئارىدا قىلچە زۆرۈريىتى بولمىغان ئەھۋالدا بىلىم بىلەن پاراسەتنى قىممەت نۇقتىسىدىن سېلشتۇرۇپ «پاراسەت مۇھىم، پاراسەت قىممەت» دېگەن ھۆكۈمنى چىقاردى. بۇگەپلەرگە نىسبەتەن مېنىڭ باشقىچە قارىشىم بار.
      بىرىنچىسى رادىل ئابلانىڭ قيىنچلىق چۈشەنچىسى 2004-يىلى «كۆڭۈلدىكى سۆز» دەپ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا بىر قېتىم دېيىلگەن(يىل سانىدا خاتالاشقان بولسام تۈزىتىش بېرەرسىلەر) ، يېڭى گەپ ئەمەس.  ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بۇ گەپنى رادىل ئابلانىڭ يەنە تەكرارلاپ تۇرۇشى ۋە بارلىق ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبسىنى شۇ گەپ بىلەنلا ئىپادلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەھۋال. قىييىچلىقنى بايلىق دەپ تونۇش قېيچىلىىقنى تونۇشتىكى بىرىنچى قەدەم، ئەمما رادىل ئابلا ئېيتقاندەك ھەممە مۇۋەپپقيەتنىڭ ئاساسى ئەمەس. بۇ خۇددى كېسەللىك ئازابى چىرمىغان بىر بىمارنىڭ «مەن چوقۇم ساقيىپ كېتىمەن» دېگىنى بىلەنلا ھەممە  كېسلى ساقىيىپ كەتمىگەندەكلا بىر ئىش.
   مەن ئىلگىرى ئۆزۈمنىڭ «قيينچلىق ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى» دېگەن ماقالەمدە قيينچلىق ھەققىدە توختالغان ۋە ئۇنىڭدا رادىل ئابلادەك كارخانچىلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ « ئىگلىك تىكلىگەنلەر قيىيىچلىققا ئەڭ جىق دۇچ كېلىدىغانللاردۇر ۋە ئۇنى ئەڭ جىق ھەل قىلىدىغانلاردۇر» دېگەنىدىم. ئەمما، مەن ھېچقاچان قېيىنچلقىقنى بايلىق دەپ تونۇش بىلەنلا  ئشىلارنىڭ پۈتۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئشەنمەيمەن. ياشلارنىڭ قىزىقىدىغىنى ئەسلى رادىل ئابلانىڭ كونكرېت قينچىلىقنى قانداق يېڭىشتىكى تەجرىبسىى ئىدى. ھالبۇكى، رادىل ئابلا «قيىنلچىقنى بايلىق دەپ تونۇش كېرەك» دېگەن بىلەنلا گەپنى تۈگەتتى.
    ئۇ پەقەت تونۇشتىكى بىرىنچى قەدەم. قېينچلىقنى ھەل قىلىش يەنە مۇنداق  جەريانلارنى تەقەززا قىلىدۇ. بىرى، ئاشۇ  قيىنلچىقنى ئانالىز قىلىش. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئانالىز قىلىش قابليتىمىزنى ۋە لوگىلىىق يوسۇندا پىكىر قىلىش قابليىتمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ئوبيكتىنى تەھلىل قىلالمىغان. توغرا تونۇيالمىغان، خاتا تونۇشلىرىنىڭ ئسىكەنجىسدە ئۆزىگە زۇلۇم سېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز مىڭ «قيىنچىلىق بايلىقىم» دەپ تونۇسىمۇ ئىش پۈتمەيدۇ. نىشاننى ئېنىق بېكتىمەسلىكمۇ  بىزنى مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدۇ.
    ئىككىنچىسى، قينچلىقنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن شۇ قينچىلىق تۇتىشىدىغان ھەرىكەت ھالقىلىرىنى ئانالىز قىلىش ۋە ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈش.
  ئاندىن قەرەللىك،رەتلىك، باسقۇچلۇق يوسۇندا  ھەرىكەتكە ئاتلىنىش.

              دېمەك، يالغۇز قيىنچىلىقنى بايلىق دەپ تونۇش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېين يەنە باشقا باسقۇچلارمۇ بار. رادىل ئابلانىڭ بۇ جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگىنى ئېنىق. ئەمما، ئۇ جەريانلارنى تونۇشتۇرمايلا «قينلچىقنى بايلىق دەپ تونۇش» كېرەك دېگىنى تومتاق بولۇپ قالغان.
   ئۇنىڭدىن باشقا پەقەت سېلشىتۇرۇشنىڭ زۆرۈييتى بولمىغان بىلىم بىلەن پاراسەت ئۇقۇمىنى قىممەت جەھەتتىن سېىلشتۇرۇشنىڭ نېمە ئەھميىتى؟ ھەم بۇ سوئالنىڭمۇ نېمە ئەھميىتى؟ سودىدا پاراسەت مۇھىم، ئەمما پەندە، تەتقىقاتتا ۋە باشقا ئشىلاردا پاراسەت بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. پاراسەتنىڭ سەلبىي ئاتېلىشى  ھيىلە.  ئەگەر پاراسەتكە ھەممە ئىش ھەل  بولۇپ كېتىدىغان ئىش بولسا نەچچە مىڭ يىللىق ھىيىلە مەدەنيىتىى بار، 36 ھيىلەنىڭ ئىجاچىسى بولمىىش جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا  ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتى.

         زۆرۈريىتى يوق ئەھۋالدا تىجارەتتىكى پاراسەتنىڭ رولىنى بىلىمنىڭ ئۈستىگە قويۇشقا بولمايدۇ. بىلىمنىڭ رولى باشقا، پاراسەتنىڭ رولى باشقا. ئۇ ئىككىسنى قىممەت نۇقتىسىدىن تەڭ قويۇشقا ۋە باھالاش توغرا ئەمەس، زۆرۈريىتىمۇ يوق. بىز پەقەت سېلشتۇرۇشنىڭ زۆرۈريىتى يوق ئۇقۇملارنى قىممەت نۇقتىسىدىن باھالىساق بولمايدۇ.  

UID
22356
يازما
135
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
135
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-12
توردا
134 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 14:56:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېمىنى ئوقىمىدىم ئەمەس، بەك ئەستايىدىل ئوقۇپ كەتمىدىم، دېدىم، بۇ نۇقتا ئېنىق بولۇپ كەتسۇن!
نالە قىلىپ باشقۇرغۇچىغا ئەرزىيەت قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

مەن سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە بۇ تېمىنى يازغانلىقىڭىزنى سەل-پەل چۈشەنگەندەك قىلىمەن. بۇ يەردە نېمىنىڭ دىن ئەسلىيىتى، نېمىنىڭ دىن ئەمىلىيىتىنى ئىلغىماي، دىنغا يېپىشقان ھەرقانداق مەرەزنى كۆرسىتىپ بەرسىمۇ قارا-قويۇق كاپىرغا چىقىرىدىغان تەلۋە داشقاللار ئاز-پاز بار ئىكەن. ئۇنداقلارنىڭ بىلجىرلاشلىرىغا پەرۋا قىلمايمەن.  ئىقتىساد دېگەن سىياسەت ۋە ھەمكارلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك نەرسە. ئۇنىڭ ئۆزىگە يارىشا سودا ئستىراتىگىيىسى، سودا مەخپىيىتى بولىدۇ.
مېنىڭ سىزنىڭ بۇ تەنقىدىڭىزگە كىرىپ ئىككى ئېغىز ئەپسۇسلۇق بېرىشىم سىز ئويلىۋالغاندەك ئۇنداق شەخسىي ئاداۋەت ئەمەس. كىشىلەرنىڭ تەنقىدىي پىكىرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش مەدەنىيىتى تۈزۈك شەكىللەنمىگەن ئەھۋال ئاستىدا سىزنىڭ گەپنى چىرايلىق دەيمەن دەپ قويۇپ بەزى پىتنە-پاساتقا سۆرەيدىغان ھاراق (ئۇنى ئاللىقاچان تۈزەتكەن،يوقاتقان شارائىتتا)توغرىلىق قىلغان گەپلىرىڭىز تەنقىدلەشكە تېگىشلىك. چۈنكى سىز رادىل ئابلانى تەنقىدلىسىڭىز بولىدۇ. لېكىن مىللەتپەرۋەر، مىللىي كارخانىنىڭ گۈللىنىشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم بولسىڭىز پىكرىڭىزنى يەتكۈزۈشنىڭ يېپىق ئۇسۇلىمۇ بار.
سودا سىتىراتىگىيىسى مۇتەخخەسىس بولمىغان، توردىكى ئۇششاق-چۈششەك ۋاراڭ-چۇرۇڭنىڭ ئۈگىتىشىگە مۇھتاج ئەمەس. يىلىغا 50-60مىڭنى تۆلەپ شاڭخەيگە ھەر ھەپتىسى ئايرىپۇلاندا قاتناپ ئەمبىئەي ئوقىغان رادىل ئابلا نېمىنىڭ تەرەققىيات ئىكەنلىكىنى ناھىيىتى ئوبدان بىلىدىغان ئادەم. سىزدەك ئەدەبىي ئەسەر بىلەن ماقالىنى ئىلغىماي ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتە كۈلكىگە قالغان جەمىيەتشۇناسنىڭ كارخانا، ئىقتىسادقا ئارىلىشىپ يەنە شۇ ئاتالمىش ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتە قوللانغان مىتودىڭىزنى ئۆز ئەينى كۆچۈرۈپ كېلىشىڭىز نوقۇپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر ئىش. لېكىن سىزدىن كۆرەڭلىكتىن باشقا ھېچنېمىنى كۆرەلمىدىم.

باھا سۆز

abdukorax  مەن تىمىنى ئوقومىدىم ئەمەس،ئەستايىدىل ئوقومىدىم دەپ ئۆزىڭىزمۇ ئىتراپ  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 15:07:21

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
599
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
13417
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-11
توردا
97 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 17:00:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
               

        مەن رادىل ئابلا ئاكىغا ھېچقاچان ئاساسسىز پىكىر بەرمىدىم. بۇ  تېمىدا «ئۇنداق قىلسا نېمە بوپتۇ؟ ھاراق-تامكا قويسا نېمە بوپتۇ؟ ئارمان كەمپۈتلىرىنى ئىچكىردە ئشىلەتسە نېمە بوپتۇ؟ » دەپ باھانە كۆرسەتكەنلەرمۇ چىقتى.  بۇ تونۇش بىزنىڭ  ياخشى-يامان، ھەق-ناھەق تۇيغۇمىزنىڭ ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.  دېمىسمۇ يېقىنقى يىللاردا  ئۇيغۇرنىڭ قىممەت قارىشىدا ئەسلىدىنلا ھار ئېلىنىدىغان، يەكلىنىدىغان ئشىلار  بىر مۇنچىلىغان كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىنى غىدىقلاپ ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ ئىجتىمائى ئىنكاس ئىقتىدارى ئۆلگەن، ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قارىشىغا نېمە خىرىسلارنىڭ يېتىۋاتقانلىقىنى ئويلاشقا ئۈلگۈرمىگەن بىر ئىجتىمائىي توپنى بارلىققا كەلتۈردى.
            باشقىچە سۆز بىلەن ئېيتقاندا، ئەسلىدە ھار ئېلىنىدىغان ئشىلارنىڭ ئومۇملىشىشى بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىنى چاڭلاشتۇردى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ كىملىكى، نېمىنى ھىمايە قىلىپ، نېمىدىن مۇداپىئەلىنىدىغانلىقىنى تۇيۇمايدىغان ئىجتىمائىي بىنورماللىق پەيدا بولدى. بۇنى تەنقىدلىمەي بولمايدۇ.مىلىتىنىڭ قوللىشى بىلەن بېيىغان بىر كاراخانىچى  مىللەتنىڭ مەدنىيەت كودلىرىغا تاقىشىدىغان ئشىلاردا ھەرىكەتكە ئۆتكەندە، ئاشۇ ھەرىكەتلەرنىڭ كۈتكەن نەتىجىسى ۋە كۈتمىگەن نەتىجىسىنىمۇ تەڭ نەزەرگە  ئالمىسا مەن  يەنە تەنقىد بېرىمەن.
   پۇل بىلەن تېگىشكىلى بولمايدىغان ئازاپ ئېڭى بار، تراگېدىيە ئېڭى بار. بۇنى ھەممە ئشىنى پۇلغا باغلايدىغان ؛ رېئاللىقىمىزنى تراگېدىك كۆزدە ئەمەس، ئايرىمخانلاردا ئەلەس بولغان كۆزلىرى بىلەن كۆزىتىدىغان، پۇلغا قارنى تويمايدىغان ھەم پۇل ئۈچۈن ھەممىنى ساتىدىغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى زامان كۇچۇكلىرىنىڭ چۈشىنشى مۇمكىن ئەمەس.
   مانا مەن شۇنداق مىنۇت-سكونت پۇل بىلەن ئۆلچىنىدىغان ئامېرىكا جەمئيىدە بىكىرىغا ئشىلەپ ئاندىن تىل ئشىتىدىغان مۇشۇنداق ئەخمەق. لېكىن، مەن رازى. مېنىڭ نەچچە ئون مىڭ تىراژزى بار، قەلەم ھەققى بېرىدىغان مەتبۇئاتنى تاشلاپ گاھىدا تور دۇنياىسىدا پايدا بولوشۇم بەزىلەر ماڭا تۆھمەت قلغاندەك، توردا داڭلىق چىقىرش (بۇ بەكمۇ كۈكلىكىك گەپكەن) ئەمەس، بەلكى توردىكى بىر قسىم ئادەملەرنىڭ كىتاب ئوقۇمايدىغانلىقى ۋە بەزى پەسكەشلىكلەرگە چىدىغىنىمدىن . مەنمۇ سالاپەتنى ساقلاپ يۈرسەم بولىتى، مەنمۇ مىنۇت-سكنوتنى پۇل بىلەن ھېسابلار ئىش قىلسام بولىتى، لېكىن تەرەپ-تەرەپىتىن شۇم خەۋەر كېلۋاتقان بىر دۇنيادا مېنىڭ يۈركىم بۇنىڭغا چىدىمىدى.
    ئازاپ ئېڭى ئۆلدى دېمەك، روھ ئۆلدى دېمەك. بىز ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرۈۋاتىمىز دېمەك.
     
    بۈيۈك يازغۇچى زوردۇن سابىر ئارمان بىلەن ، تراگېدىيە ئېڭى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ھايات ۋاقتىدا قەرزدالار ئۇنى قينپاپ قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىغان چاغدا قاراپ تۇرغانمۇ شۇ بىر قىسم بايلار ئىدى. زوردۇن سابىر ئۇيغۇر روھىنىڭ ۋىجدانىغا ئايلىنىپ كەتتى، ئۇنىڭ پۇلى يوق ئىدى. لېكىن، ئۇنىڭدا ئازاپ ئېڭى بار ئىدى. بۇ ئازاپ ئېڭىنى ھەممىنى پۇلغا باغلاپ چۈشنىدىغان زامان كۇچۇكلىرىنڭ چۈشىنشى مۇمكىن ئەمەس.
   
       مەن «پۇلغا تېگشمەيدىغان جىق نەرسە بار، پۇل بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغان  جىق نەرسە بار» دېسەم بەزىلەر نومۇسمۇ قىلماي گېپىنى يورغىلىتۋەردى؛  يەنە بىر كىملەرنىڭ نەگە ھەر ھەپىتدە ئايروپلان بىلەن بېرىپ كېلدىغانلىقى، قاندان پۇل تاپقانلىقىنى ماڭا پەش قىلشىتىن  خېجىل بولمىدى. مۇشۇنداق گەپلەرگە نومۇسۇم كېلىدۇ.

     ئۆمەر بايمۇ بىر باي ئىدى، مەخسۇد مۇھىتىمۇ بىر باي ئىدى، مۇسابايېفمۇ باي ئىدى. لېكىن، مانا ئەمدى ئۆمەر باي ئەلىنىڭ نەپرىتىگە قالدى. چۈنكى ئۇ ئەلىنىڭ مەنپەتىنى ساتقانتى. مەخسۇد مۇھىتىدەك بايلار ئۇيغۇر مىللىي ئىپتىخارىنىڭ تۆۋرۈكىگە ئايلاندى.  چۈنكى ئۇ تاپقان پۇلىنى ھەم ھاياتىنى ئەلنىڭ  غېمى ئۈچۈن ئاتىغانىدى،  جەڭ مەيدانىدا ئوق يەپ ئۆلگەنتى.بەزىلەر ھەتتا مەخسۇت مۇھىتىنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. مەن مانا مۇشۇنداق ئادەملەر بىلەن مىللەتداش بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ئېچىنىمەن.

   ئاكيۇنىڭ نەۋرلىرى باي بولدى، لېكىن ئۇلارنىڭ نەۋرىلىرى پۇلدىن باشقا ھېچنىمېنى تونۇمايدۇ. مېنىڭ مۇشۇ گەپنى يەنە  بىر قېتىم قاتتىق ۋارقىراپ تۇرۇپ ئېيقۇم بار.
        


ھۆرمەتلىك مەخسۇت مۇھىتىنى  ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن.  

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
599
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
13417
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-11
توردا
97 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 17:08:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىغا، ياشاش پرىنسىپىغا خىلاپ ئىشلارغا، ئىدىيىلەرگە، سىمۋوللارغا توختاۋسىز ئۇچراپ تۇرۇۋاتىدۇ. شەھەرلىشىش، زامانىۋىلىشىش، ئىجتىمائي كونترول ۋە ھوقۇق مۇناسىۋىتى بۇ جەرياننى تېزلىتىۋاتىدۇ ھەم شۇ جەرياندا مۇئەييەن بىر ئىجتىمائىي توپ ئىچىدە مۇئەييەن بىر مەسلەككە، مۇئەييەن بىر يوسۇنغا ئەمەل قىلىپ ياشاپ كېلىۋاتقان ھەر بىر ئادەم يېڭى خىرىسلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسلىسىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
      بەزىلەر يېڭى خىرىسلارنى بىر مەزگىل مىزان ئەلگەكلىرىدە ئۆتكۈزۈپ ئۆز قىممەت قارىشىغا خىلاپلىق قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا ھەرىكىتىگە بەزى ئۆزگىرىشلەرنى كىرگۈزۈۋاتىدۇ. يەنە بەزى ئۇيغۇرلار بولسا يېڭى خىرىسلارغا ۋە مەنپەتكە ئەل بولۇپ، يېڭى غىدىقلىنىشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي، بىر ئىجتىمائىي توپقا ئورتاق بولغان قىممەت قاراشلاردىن ۋاز كېچىشكە، گۇمانلىنىشقا، سوۋۇشقا باشلاۋاتىدۇ. بۇ خەتەرلىك سىگنال.
          ئارىمىزدا ئىككىنچى خىلدىكى ئادەملەر ئاۋۇغاندا بىر جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشى ئومۇميۈزلۈك خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. بۇنداق ئادەملەر جەمئىيەتتە كۆلەم ھاسىل قىلغاندا، تەبىئي ھالدا ئۇلارنىڭ ھەرىكەت نۇسخىلىرى جەمئىيەتلىشىدۇ. ئىجتىمائىي بىنورماللىق ئومۇملىشىدۇ ۋە كىملىك كرىزىسقا پاتقان، زىددىيەتلىك كىملىك ئىسكەنجىسىدە قالغان بىر جەمئىيەت بارلىققا كېلىدۇ.
    مەندىن «توردا نېمشىقا پەيدا  بولۇپ قالدىڭىز؟ داڭىق چىقرىش ئۈچۈنمۇ» دېگەن ھاقارەتنى ئەۋەتكەن تورداش،
    چۈشەندىڭىزمۇ، مەن شۇڭا پەيدا بولدۇم. ئاشۇ ئشىلارنى تەنقىدلەش ئۈچۈن كىردىم. مۇشۇ تېمىغا توپتوغرا ئىككى كۈن ۋاقىت سەرپ قىلدىم. مەن بۇنىڭغا رازى.
   مۇشۇنداق بولۇۋەرسە مەن بۇنىڭدىن كېيىن  تېخىمۇ شىددەتلىك تەنقىد بىلەن شۇغۇللىنىشىم مۇمكىن.

خاتىمە: ھۆرمەتلىك رادىل ئابلا ئاكىغا

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
599
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
13417
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-11
توردا
97 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 17:14:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
              خاتىمە:  ھۆرمەتلىك رادىل ئابلا ئاكىغا دەيدىغانلىرىم

        رادىل ئابلا ئاكا بىر مۇنچە ئەھمىيەتلىك ئشىقا تۇتۇنۇش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. مەسىلەن، پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇش، جۇڭگودىكى ئەڭ كۈچلۈك مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر گۇرۇھى قۇرۇش، مۇسۇلمانلار يېمەكلىكىنىڭ ئۆلچىمىنى بېكتىشكە مەسئۇل بولۇش قاتارلىق  پىلانلىرى ئادەمنى سۆيۈندۈرمەي قالمايدۇ. ساقلانغان بەزى مەىسلىلەرگە قارىتا دوستانە يوسۇندا تەنقىد بەرگەن بولساممۇ، ئالدىنقى بەتتە كۆرستىپ ئۆتكىنىمدەك رادىل ئاكىنىڭ ئۇيغۇر جەمئيىتىنىڭ ئىقسادىي تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسنى ھەر قانداق بىر كارخانىچنىڭكىدىن زور دەپ بىلىمەن.
         ئارماننىڭ 17يىللىق تارىخى ئەمەلىيەتتە رادىل ئابلا ئاكىنىڭ يول ئېچىپ ئىلگرىلەش، قيىنچىلىققا جەڭ ئېلان قىلىش ھەمدە  ئۇيغۇر يوشۇرۇن ئېنرگيىسىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى ئەمەلىيەتتە ئسىپاتلاش جەريانىدۇر. ئەگەر بىز سودا مەيدانىنى جەڭ مەيدانىغا ئوخشاتساق، ئۇنداقتا ھۆرمەتلىك رادىل ئابلا ئاكا ئاشۇ جەڭ مەيدانىدا توپا توزىىتىپ تارىخ يارىتىۋاتقان بىر تۇلپاردۇر. ئارماننىڭ تەرەققىيات جەريانى مەلۇم مەنىدىن ئېيېتقاندا مۆجىزە يارىتىش جەريانىدۇر. بۇ جەريان جاسارەتلىك ئوغلانىمىز رادىل ئابلانىڭ قان-تەرى، ئەقىل پاراسىتى، ئەجىر-مېھنىتى بىلەن زىچ باغلانغان مۈشكۈل، ئەمما شەرەپلىك جەرياندۇر. بىز بۇنىڭغا تەھسىن ئوقۇيمىز.
        قايتا-قايتا تەكتلەپ ئۆتكىنىمدەك، "ئارمان" ھەممىمىزنىڭ ئارمىنى، ئۇيغۇرنىڭ "ئارمىنى". چۈنكى ئۇ يەردە نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئوغۇل قىزلىرىنىڭ رىزقى بار؛ نەچچە مليون ئۇيغۇرنىڭ مىللىي ئىقساد قۇدرىتىدىن دېرەك بېرىدىغان ئارمان روھى بار. بىز بۇ روھىتن پەخىرلىنىمىز، ئارمانغا نۇسرەت  تىلەيمىز؛ ئۇنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايمىز.
   بەزىلەر بۇ گەپتىن ئەجەبلىنىپ: "ئۇنداقتا نېمشىقا بۇنچىلا چوڭ كۆرىدىغان كىشىڭىزنى تەنقىدلىمەكچى بولدىڭىز" دەپ سورىشى مۇمكىن. جاۋاب شۇكى، مېنىڭ دوستانە  تەنقىدىم (بەزىدە ئازراق قاتتىق كەتسىمۇ) كېيىن قولىدىن ئىش چىقىش مۇمكىنچلىكى بولغان، ئۆزۈم تالانتىغا قايىل بولغان كىشلەرگە يېزىلىدۇ. "ئۆلۈك ئىتىنى ھېكچىم تەپمەيدۇ"، "ئېغىلدىكى بايتال پۇتلاشمايدۇ، دالىدىكى تۇلپار پۇتلشىدۇ". مەن ئۆزۈم ئۈمىد كۈتمىگەن، كېيىن قولىدىن ئىش چىقىشىغا ئشەنمىگەن ئادەملەرگە تەنقىد يازمايمەن. بەزى ئادەملەر ھايات بولسىمۇ مېنىڭ قەلبىمدە ئۆلگەن. مەن ۋاقتىمنى ئەرزىمەس ئادەملەرگە سەرپ قىلمايمەن.
         بۇ تەنقىدنى يېزىشىنىڭ تۆت تۈرلۈك ئەھميىتىنى تېمىنىڭ مۇقەددىمىسدە، بىرىنچى بەتتە ئېيتىپ ئۆتتۈم. دېمسىمۇ، رادىل ئابلا كارخانىچى بولغاندىكىن ھەممىنى ئىقتىسادقا باغلاپ چۈشىنىدۇ. ئەمما، خەلقىمىزنىڭ مىللىي مەۋجۇدلۇقى ئالاھىدە دەۋردە تۇرۇۋاتقان بىر شارائىتتا  تەرەققىياتنى يالغۇز ئىقتسادىي نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈش  مەن تەھلىل قىلغان بىر قاتار مەسىلىلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ. گەرچە كېلىپ چىققان بۇ مەىسلىلەر تۈزۈلمىگە، ماكرولۇق قۇرۇلمىغا باغلىنىدىغان يىلتىزى چوڭقۇر  مەىسلىلەر بولسىمۇ، شۇ مەىسىلىلەر ھەققىدە باش قاتۇرۇش ھەر بىر كارخانىچىىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر پەرزەنىتىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىدۇر.
        مۇختار شاخانوۋ بىلەن چىنگىز ئايتماتوۋ نىڭ دىئالوگىدىن پۈتكەن "قىيادىكى ئوۋچىنىڭ زارى" دېگەن كىتابتا ئېتيلغاندەك، "بىزنىڭ ئۆزىمىزنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان ئانىمىزدىن باشقا يەنە ئۈچ ئانىمىز بار؛ ئۇلار ئانا يۇرتىمىز، ئەنئەنىمىز ۋە ئانا تىلىمىزدۇر". ئەجدادىمىزدىن تارىتىپ داۋاملىشىپ كېلۋاتقان ئانا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى—مېھرلىك ئانا تىلىمىزنى، بىزنى تارىخي جۇدۇنلاردىن ساقلىغان قىممەتلىك سىمۋوللرىمىزنى، ئۆزىمىزگە خاس بولغان ئىدىئلوگيىىمىزنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ساق-سالامەت يۈتكۈزۈش ھەممىز ئويلىنشىقا تېگلشلىك مەسىلە.
        شۇڭا رادىل ئابلا ئاكام مەسىلىنى ئىقتساد نۇقتىسىدىن كۆزەتسىمۇ، ئىگىلىك تىكلەش جەريانىنى تونۇشتۇرسىمۇ، ئۆزىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش مۇمكىنلىكى بار ياشلار ئارسىدا ئىقتساد خۇراپاتلىقى، ماددىيلىق ئەسەبيلىكى ۋە ئاقسۆڭەكلەرچە تۇرمۇش شەكلىگە ئنتىلىش خام خيالى پەيدا قىلىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقى ۋە شۇنداقلا ئانا مەدەنىيەتنىڭ جان تومۇرىغا تاقشىدىغان مۇقەددەس سىموللىرىمىزغا، پەرھىز چۈشەنچىلىرىمىزگە، ئسىتمال ئۆلچەملىرىمىزگە مۇخالىپ كېلىدىغان تىجارەت تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئارماننىڭ سودا ئەخلاقىنى ۋە  شېركەتنىڭ ئوبرازىنى مىللەتنىڭ يۈرىكىگە نەقىش قىلىپ ئويىدىغان؛ ھەممىمىزنى ئارمان ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا، ئارمان ئۈچۈن پەخىرلىنىشكە ئۈندەيدىغان كارخانا مەدەنييىتى قۇرۇلۇشىدۇر.
   
          يازمام مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىدۇ. ئەگەر يازمىدا چۈشەنمەسلىكتىن يېزىلغان ياكى سەل-پەل ئوشۇق كەتكەن بەزى قۇرلار بولسا  رادىل ئابلا ئاكا ئەپۇ قىلغاي.
  
  _ۋەتەن دېگەن نېمە؟
  -ۋەتەن سېىنىڭ خەلقىڭدۇر.
     مەن مۇشۇ ئشىقنى قەلبىمگە سالغان، تىنىقمغا، نەپسىمگە ئايلىنىپ كەتكەن ئۇيغۇر مېھرىگە، مېنى ئۆستۈرگەن، ماڭا مۇشۇنچىلىك كۈن ئاتا قىلغان خەلقىمگە قەرزدار. مۇساپىرچىلىقتا ئۇيغۇرلۇقنى ھېس قىلىش، ئۇيغۇرتىلىدا سۆزلەش ۋە يېزىش ھاياتىمدىكى بارلىق مەنەلەرنىڭ مەنبەسىدۇ.
       ئۇيغۇرلۇق مېھرى ھەممىزنى بۇ يەرگە ئەكەلگەن. ئاشۇ رىشتىلەر ئۈزۈلمىسۇن! ئارمانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىز ئامان بولسۇن! شۇنداقلا مەخسۇت مۇھىتى، مۇساباي قاتارلىق ئەزىمەتلىرىمزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قەھرىمانلىرىمىزنىڭ روھى شاد بولسۇن!
        يېڭى يىل ھەممىمىز ئۈچۈن ئىزدىنش، ئۆزىمزىنى سوراقلاش، ئۆزىمىزگە جەڭ ئېلان قىلىش يىلى بولسىكەن دېگەن ئۈمىدتەمەن.

تۈگىدى. خوش.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش