تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 18306|ئىنكاس: 15

«ئەلكۈيى مىكرو بلوگى»ھەققىدە رادىئودا سۆھبەت     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
122
يازما
28
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
938
تىزىملاتقان
2008-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-2
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 18:36:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇئەلەيكۇم،قەدىرلىك تورداشلار،ھەممىڭلارنىڭ يېڭى بىر يىلدا يېڭىچە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭلارنى شۇنداقلا سالامەتلىك،ئۈگىنىش،تۇرمۇش،خىزمەت ۋە باشقا ئىشلىرىڭلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىشىنى تورىمىز ۋە شىركىتىمىز نامىدىن سەمىمىي تىلەكداشمىز !
ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەلكۈيى تورىدا  نامىدىكى ئۆزگىچە بىر تور سۇپىسى دۇنياغا كەلگەن ئىدى.قىسقىغىنا ئون نەچچە كۈندىن بويان مەيلى تورىمىزدا ياكى جەمئىيەتتە بولسۇن «
ئەلكۈيى مىكرو بلوگى» ناھايتى ياخشى باھالارغا،زور قوللاشلارغا ئېرىشىپ،تورىمىزنىڭ ئەڭ كۆزنەك سەھىپىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى،شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى،ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ...قاتارلىق نوپۇزلۇق تاراتقۇلار ئارقىلىق «
ئەلكۈيى مىكرو بلوگى» ھەققىدە پىروگىراممىلار ئشلەندى ،شۇنداقلا جەمئىيەتىكى ھەرقايسى ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققەت ئىتبارىنى قۇزغىدى..
2012-يىلى  1-ئاينىڭ 11-كۈنى (چارشەنبە) ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ «ئۈرۈمچى ئاۋازى»پروگراممىسىدا رىياسەتچى گۈلزەپپەر مۇھەممەد،مويدىن تۇرسۇنلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە دەۋىر تەرەققىياتى ۋە پەن - تېخنىكىنىڭ يېڭىچە مەھسۇلى«مىكرو بلوگ» نامىدىكى سۆھبەت ئويۇشتۇرۇلدى.ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى مۇخبىرى مۇنىرە مەخمۇت شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتى ماتىماتىكا پەنلىرى ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ،ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت ۋە ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋارلار تەكلىپ قىلنىپ « ئېنتېرنېت ۋە مىكرو  بلوگ »نى چۆرىدىگەن ئاساستا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

رادىيو دولقۇنلىرىدىكى سۆھبەتنى بۇيەردىن ئاڭلاڭ!

شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتى ماتىماتىكا پەنلىرى ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى،ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت ئەپەندىم

ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار ئەپەندىم



سۆھبەت جەريانىدا ئالدى بىلەن ئېنتېرنېت ۋە ئۇنىڭ تەسىرى ھەققىدە قىسقىچە بايانلار سۆزلەنگەندىن كىيىن يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن «مىكرو بلوگ » ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈش بېرىلىپ ،«ئەلكۈيى مىكرو بلوگى»نىڭ قانداق شەرتلەر ئاستىدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى،تورداشلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قىززىقىشى ۋە ئىنكاسى،بۇنىڭدىن كىينكى تەرەققىيات يۈلىنىشى شۇنداقلا قانداق قىلغاندا «ئەلكۈيى مىكرو بلوگى»دىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە قىزغىن سۆھبەتلەر بولۇپ ئۆتۈلدى.زىيارەت داۋامىدا رادىيو ئاڭلىغۇچى دوستلار ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ قىززىق لىنىيە تېلىفۇنى ئارقىلىق ئالىم ئەھەت،مۇھەممەدجاندىن ئۆزىنىڭ چۈشەنمىگەن مەسىلىلىرىنى سوراپ مىكرو بىلوگغا بولغان چۈشەنچىسىنى  يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈڭقۇرلاشتۇردى.
بىز بۇ قېتىملىق رادىيو سۆھبىتىنى ئاڭلىيالمىغان تورداشلارغا پۇرسەت يارىتىپ بىرىش مەقسىتىدە «ئەلكۈيى مىكرو بلوگى»رادىيو دولقۇنلىرىدا نامىدىكى زىيارەت سۆھبىتىنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق،ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىڭلارنى ھەمدە «ئەلكۈيى مىكرو بلوگى » ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇپ،ھەر بىر كىشى ئۆزگىچە تور باشقۇرغۇچىسى بۇلالايدىغان بۇ بىر ياخشى تاراتقۇدىن ئۆنۈملۈك پايدىلىنىشىڭلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ۋە ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!


ئەلكۈيى مىكرو بلوگى تور ئادرېسى: http://alkuyi.cn

كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى


ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

UID
22371
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-1-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-15
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 18:48:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ سۆھبەتنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ.  يېڭى يىلدا يېڭىچە باشلىنىش دەپ بىزنىڭ تور ساھەسىدە يېڭىچە بىر بوشلىقنىڭ يەنى «ئەلكۈيى مىكرو بلوگى» نىڭ  بارلىققا كىلىشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئەلكۈيى تورى شىركىتىگە چىن دىلىمىزدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرمەن.
    «ئەلكۈيى مىكرو بلوگى» نىڭ بارلىققا كىلىشى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تور تېخنىكا تەرەقىياتىغا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرگەنلىكىنىڭ باشلانمىسى بولۇپ، بىزدىكى تور ھەم شۇنداقلا مىكرو بلوگلارغا بولغان چۈشەنچىمىزنى تېخىمۇ نامايەن قىلىپ  يۇرۇتۇپ بەردى. بىز بۇ ياخشى شارائىتلارنى قەدىرلەپ توردىكى ياخشى ئەۋزەلىكلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىز ھەم ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەقىياتىغا تېخىمۇ ياخشى بولغان ئۇچۇر ۋە ماتېرياللارنى كەڭ تور ئشلەتكۈچى قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزەلىسەك بىزنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىمىزىڭ تېخىمۇ ياخشى بولدىغانلىقىغا شۇنداقلا ئۆز ئارا ئۆگۈنۈش ۋە ئۇچۇر ئالاقە ئىشلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ تىزلەتكىلى بولدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

UID
21283
يازما
28
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-23
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 19:33:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىشلەۋاتىسىلەر، سىلەردىن پەخىرلىنىمىز ھەم قوللايمىز.

UID
17957
يازما
107
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1697
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-22
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 20:40:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەرنىڭ تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يوللاپ تۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن
  ھە راس ، ئەل كۈيى مۇنبىرىگە بىرقانچە قېتىم تىما يوللىسانم نىمىشقا تەستىقلىمىدىڭلار، ياكى ئۇچۇر بەرمىدىڭلا  نىمە سەۋەب بارلىقىنى بىلمىدىم

UID
20290
يازما
34
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2011-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-22
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 22:06:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قېتىملىق زىيارەتتە ئالىم ئەپەندىم شۇنداق چوڭقۇر مەزمۇنلۇق سۆزلىرى بىلەن تور دۇنياسىدىن قانداق پايدىلىنىش توغرىسىدا پايدىلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ قىتىملىق زىيارەتمۇ شۇنداق ياخشى بوپتۇ، بلوگنى ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇقىدىغان مەسىلىلەرگە ياخشى جاۋاب بېرىلىپتۇ، سىلەرگە رەخمەت!!!

UID
18525
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2011-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-22
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 10:59:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مىكرو بىلوگ ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت بەك ياخشى بولۇپتۇ. چۈنكى ئەلكۈيى مىكرو بىلوگى يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىن  مىكرو بىلوگ تو غىرسدىكى چۈشەنچىلەرنى بىلدىغان ئادەم ئاز ،شۇنىڭ ئۈچۈن مىكرو بىلوگ دېگەن نېمەدېگەننى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم . سۆھبەتتە  بۇ توغۇرلۇق ئۈمىداۋار ئەپەندىم سۆزلەپ ئۆتتى.يەنە بىز ياشاۋاتقان دەۋىر ئۇچۇر دەۋىرى بىزنىڭ كۈندىلىك ئالاقە ۋە سودا ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇچۇر ئارقىلىق بولدىغان بولدى .شۇنىڭغا ئەگشىىپ ئادەملەرنىڭمۇ ئۇچۇرغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ مېڭشى كېرەك . سىزنىڭ مىكرو بىلوگىڭىز بولسا ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان ئادەملەر بار. سىز شۇنىڭدىكى يۈز ئادەمگە ئەگەشتى دېسەك سىز مىكرو بىلوگڭىزنى ئاچقان ھامان شۇ 100ئادام ئەۋەتكەن ئۇچۇردىن قىسقىغنە ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز .شۇنىڭ ئۇچۇن مىكرو بىلوگ ھەقىقىي بىر پايدىلىق ئۇچۇر تارقىتىدىغان سۇرۇن .شۈنىڭ ئۈچۈن كىشلەرنىڭمۇ باشقىلارغا پايدىلىق بولغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ كەلگەن ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىمان بولساق دەيمەن . چۇقۇم مىكرو بىلوگ ئاچقان ئادەم  مىكرو بىلوگنىڭ ھەقىقىي ماھىيتىنى چۈشنىشى كېرەك دەپ .ئويلايمەن.

UID
17827
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2011-11-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-21
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 11:20:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىكرو بىلوگ ھەققىدە رادىئو سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈپ ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ.دېمىسىمۇ ھازىر مىكروبىلوگدا كىشلەر نېمە ئەۋەتىشنى بىلمەي گاڭگىراپ ئەخلەت ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىپ  قالايمىقان قىلىۋەتكەنىدى.ئۈمىدۋار ئەپەندىم ۋە ئالىم مۇئەللىمنىڭ رادئىودا بەرگەن چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق تورداشلارنىڭ مىكرو بىلوگقا بولغان تونۇشى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغان بولدى.تورداشلار ئەمدى ھەممەيلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇيغۇر تورچىلىقى ۋە يۇمشاق دېتال ساھەسىنى گۈللەندۈرەيلى. مىللىتىمىزنىڭ ئىلغار تاراتقۇسى بولغان مىكرو بىلوگدىن ياخشى پايدىلىنىپ ئۇنى ئەخلەت قىلىۋەتمەي خەلىققە پايدىلىق بولغان ئۇچۇرلارنى يوللاپ ئۇنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرايلى.!ئاخىرىدا مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىپ ئەلنىڭ كۈيىنى ياڭرىتىۋاتقان ئەلكۈيى تورىغا ھەم مىللىتىمىزنىڭ  يۇمشاق دېتال ساھەسىدە زەپەر قۇچىۋاتقان ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىگە چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈر بىلدۈرىمەن!

UID
3308
يازما
53
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
1943
تىزىملاتقان
2010-7-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-14
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 16:11:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ مۇنبەرگە يوللانغانلىقى ئىنتايىن ياخشى بولۇپتۇ.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-14 16:12):
مىكرو بىلوگنىڭ رولى مىدىيا ۋاستىسىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ دەپ ئېيتىشقا بولدۇ.

UID
25928
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-1-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-16
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 21:30:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىشلەۋاتىسىلەر، سىلەردىن پەخىرلىنىمىز ھەم قوللايمىز.

UID
25060
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-1-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 22:32:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۈيى تورى ھەقىقەتەن ئەلنىڭ كۈيى  !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش