تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئىگىسى: turditohti

ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ زەئىپلىكى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
26258
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-1-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-20
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 00:47:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم : turditohti! بۇ مۇنبەرگە مەن بىرقانچە تىما يوللىغانتىم بىراق مەن تىمىلىرىمنى ساپلا ئىسلام (يەنى ھەق باراسىدا يوللىغانلىقىم ئۈچۈن شۇڭا شۇنداقمۇ تىمىلىرىمنى تەسىقلىمايۋاتىدۇ شۇڭا بەزى تىمىلىرىمنى سىلنى پايدىلانسىكەن دىگەن مەخسەتتە ئىنكاس قاتارىدا يوللاپ قويدۇم . ئىنكازىڭىزنى كۆردۈم رىئال ھەقىقەتنى سۆزلەپسىز . تەكىتلەۋاتقىنىڭىز راس . ئەمما يەنىلا شۇ ھەقىيقەتكە يۈزلىنىشىڭىز كىرەككى بېشى ئاغىرىدىغان سۈپەتتىن ئاللاھ خالىيدۇر  . چۈنكى ئاسمان ، زىمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىستىكى پۈتكۈل شەئىلەرنى ياراتقان . ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئىشلىرنىڭ تەسەرۇپى ئىلگىدە بولغان . يەنى[بىر اﷲ تىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوقتۇر؛ اﷲ ھەمھشە تېرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگىدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ(مۈلكى)دۇر؛ اﷲ نىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ اﷲ نىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ اﷲ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار اﷲ نىڭ مەلۇماتىدىن (اﷲ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھىچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، اﷲ نىڭ كۇرسى (مەلۇماتى) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقۇرى مەرتىۋەلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر]2-سۈرە 255-ئايەت.
دىمەك ھەممىگە قادىر ئاسمان ، زىمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدىغان  زات ئاللاھ دا  كىچىككىنە مەخلۇقاتلارنىڭ ئىشلىرغا ئۇنداق بېشى ئاغىرىيدىغان ئىنسانلاردىكى سۈپەت يوق . ھەي بۇ ئىمان ئېيتىش   بەك بەك قىيىن ، ئۇنى ساقلاش شۇنداق يىنجىگە  نەرسىكەن  . بۇرۇنقىلاردىنمۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مۇشۇ يولغا قەدەم قويغان ئىكەن ئەمما ئۈنۈملىك بىر نەتىيجىگە ئىرىشەلىگەنلەر بولماپتىكەن . يەنىلا بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىپ ، ئۈمۈدۋار بولغىنىمىز ياخشى . چۈنكى جانابى ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسنى بەكمۇ قۇبۇل قىلغۇچىدۇر .

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-2-16 00:52):
شۇڭا بەزى تىمىلىرىمنى (سىلنى)دىيىلگەن سۆزنى مۇنبەرداشلارنى دەپ بىلىڭلار .

UID
28336
يازما
38
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
38
تىزىملاتقان
2012-2-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-9
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 00:53:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
28336
يازما
38
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
38
تىزىملاتقان
2012-2-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-9
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 01:55:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
26258
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-1-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-20
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 03:14:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم جاھانگىر ئەپەندىم ! ئىنكاسىڭىزدا بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بولغان خېلى كۆپ نەرسىلەردىن ئۇچۇر بىرىپسىز . بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈمۈتۋارمىزكى ، ئاللاھ سىزگە كۆپلەپ ئەجىر ئاتا قىلىدۇ . ئەمما  تەغدىر توغرىسىدا  بەزى ھالقىلىق مەسىللەردە تۇنۇشىڭىز يەنىلا تازا ئىنىق  بۇلۇپ كىتەلمىگەندەكلا قىلىدۇ . . سىز نىمە دىمەكچى ؟ سىزنىڭ تۇرمىزىڭىز مىنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشقا چىڭىمايۋاتامدۇ ياكى تارەت ئېلىپ قۇرئان ئۇقۇشقىمۇ ؟ ھەي ئۇنداق دۇنيا تىرىكچىلىكى بىزنى ئالداپ كەتمىسۇن .
شۇڭا ئىنكاس سۈپىتىدە (تەغدىر ھەققىدىكى چۈشەنجە ناملىق )ئەسىرىمنى سەمىڭىزگە سۇندۇم پىكىر قىلىپ كۆرگەيسىز . قالدىسىغا ئاللاھ خالىسا يەنى پىكىرلىشەرمىز .

  ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم :
    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .

    ئىنسان تەغدىرنىڭ سىرى بولسا ، ئۇ بىر ئاللاھ ! بىلدۈرۈشنى ئىرادە قىلغان كىشىلەردىن باشقا كىشىلەر ئۇخمايدىغان رىيئاللىق ھەم غەيىبىدىن ئىبارەت بۇلۇپ . بۇ سىرنى ئىنسانلارنىڭ تۇلىسى بىلمەيدۇ .
بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ ! مۇنداق دىگەن: يەنى[ئۇلار ئاتىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە باشقا- باشقا دەرۋازىلاردىن كىرگەندە،(بۇ) ئاللاھ نىڭ قازاسى ئالدىدا ئۇلار ئۇچۈن ھېچ نەرسىگە دال بولالمىدى، بۇ پەقەت يەئقۇبنىڭ كۆڭلىدىكى ئۈمىدىنىلا ئىپادىلىدى، خالاس. بىز يەئقۇبقا (ۋەھيى ئارقىلىق) بىلدۈرگەن ئىدۇق، شۇڭا ئۇ(كەڭ) بىلىم ئىگىسىدۇر، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (تەقدىرنىڭ سىرىنى) بىلمەيدۇ]12-68.
يەنى[سىلەرگە (يەنى جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا) ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ، ئاللاھ  نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ (ئەپۇ قىلمايدىغان بولسا، بالا ۋە مۇسىبەتتىن ھېچ قۇتۇلماس ئىدىڭلار)]42-30.
دىمەك يۇقارقى ئايەتنىڭ مەزمۇنىدىن بىلىۋالغىلى بۇلۇدۇكى ؛ ئاللاھ ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ نامە -ئەمەللىرىگە قاراپ (يەنى ياخشىغا -ياخشىچە ، يامانغا- يامانچە )ئۆز ھېكمىتى بىلەن ئىنسانغا : ياخشى - يامان ئىشلارنى ئىرادە قىلىدىغانلىقىنى.   ئاللاھ نىڭ ئىنسانلار ئۈستىدە بىكىپ بولغان شۇ ئىرادىسى ئالدىدا ئىنسانلارنىڭ ئۈمۈدى ھېچ نەرسىگە دالدا بۇلالمايدىغانلىقىنى  بىلىۋالالايمىز .   چۈنكى ئاللاھ! نىمىلەرنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ . دىمەك ئىشلار ئۇنداق ئىنسان تەسەۋۇرىدىكىدەكلا ئىنسان خاھىشلىرىغا باقمايدۇ . ئاللاھ نىڭ خاھىشىغا باقىدۇ .
يەنى[ئاللاھ خالىغىننى قىلغۇچىدۇر ] 85-16.
ھەقىيقەتلەرنىڭ شۇنداق بۇلىشىغا قارىماي لېيكىن  ئىنسانلارنىڭ تۇلىسى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن يەتكەن زىيان زەخمەت ۋە مۈسىبەتلەرنى ئاللاھ ماڭا شۇنى ئىرادە قىلغان ئىكەن شۇنىڭ
ئۈچۈن ماڭا بۇ مۈسىبەت يەتتى دەپ قارايدۇ. يەنى بەزىلىرى  ئۆزلىرگە يەتكەن خاتىرجەمسىزلىكلەرنى  مەخلۇقاتلاردىن كۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ نامە -ئەمەللىرنى ياخشىلاشقا تىرىشماستىن ، بەلكى ئاللاھ ماڭا شۇلارنى ئىرادە قىلغان دەپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننىلا سۆزلەپ ، ئۇنى بۇنى قىلىش خۇددى ياراتقۇچىمىزنىڭ قۇلىدىن كەلمەي، ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان . ئەمما  ئۆزلىرى يارىتىلغان مەخلۇقاتلارنىڭ قۇلىدىىن كىلىدىغاندەكلا ئاللاھ نىڭ سۈپەتلىرگە  مەخلۇقاتلارنى شىرىك قىلىۋالىدۇ  .
ھەي ئىنسانلار ! سىلەر بۇلارنى ئويلاپ كۆرمىدىڭلارمۇ ؟  ئاللاھ زالىم بولمىسا ؛ يەنا كىلىپ  زالىملارنى دوسمۇ  تۇتمايدىغان تۇرسا  ؛ يەنى نىمە دەپ ئىنسانلارغا يامان ئىشلارنى ئىرادە قىلىپ ،زالىملارنى دوس تۇتمايدىغان زات زۇلۇم قىلىپ  ئىنسانلارنى جازالىغۇدەك ؟ ھەي ئىنسانلار ! سىلەر شۇلارنى بىلىپ قېلىڭلاركى ئاللاھ بىرمۇ بەندىلىرنىڭ دۇزۇخى بۇلۇپ كىتىشىگە رازى ئەمەستۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ نىڭ رەھمىتى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاقتۇر . دىمەك ئاللاھ  ياخشىلىقنى يامانلىقتىن ئۈستۈن قىلغان ئاساسىدا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە رەخمەت قىلغۇچىدۇر . دىمەك ئىنسانلار كۇفۇر بىلەن ئۆزىنىڭ  ئەھۋالىنى  ئۆزى ئۆزگەرتمىگۈچە ؛ ئاللاھ نىڭ رەھمىتى  ئۇنىڭدىن ئۆزگۈرەپ كەتمەيدۇ .  بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دىگەن:
يەنى [مۆمىىنلەرئاللاھ نىڭ ئىرادىسى بىلەن كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى.ئاللاھ داۋۇد قا سەلتەنەتنى، ھىكمەتنى (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) بەردى. ئۇنىڭغا خالىغان نەرسىلىرىنى (يەنى پايدىلىق ئىلىملەرنى) بىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا (كۈچلۈك بىر تاجاۋۇزچىغا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان بىرسىنى ئاپىرىدە قىلمىسا) ئىدى يەر يۈزى ئەلۋەتتە پاساتقا ئايلىناتتى (يەنى خارابلىققا يۈزلىنەتتى)، لېكىن ئاللاھ (يامانلىقنى ئۈستۈنلەككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەممەت قىلغۇچىدۇر]2-251.
دىمەك ئاللاھ بەندىلىرگە تۇلىمۇ مېھرىباندۇر. ئۇلار ئاللاھ نى تاقەتزار قىلمىغۇچە ئاللاھ ! ئالدى بىلەن ئۇلارغا ھەرگىز يامانلىقنى خالىمايدۇ .  ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر . ئادىلدۇر ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر . دىمەك ئىنسانلارغا يەتكەن يامانلىق ئۇلارنىڭ ئۆزقىلمىشى تۈپەيلىدىندۇر . ئۇلارغا يەتكەن ياخشىلىق ئاللاھنىڭ رەھمىتى تۈپەيلىدىندۇر .
تېخىمۇ ئىنىقراق قىلپ ئېتقاندا تەغدىرنىڭ سىرى :
(يەنى ئاللاھ نىڭ بىر ئىشنى ئىرادە قىلىشى ئىككى تۈرلۈك بۇلۇپ . بىرى قازاھى مۇتلەق ،
يانا بىرى قازاھى مۇھەللەق . تەغدىرنىڭ سىرى شۇ يەردىكى ؛ قازاھى مۇھەللەقتە بۇنىڭ بىلەن
ئاللاھ !ئىنسانلارنىڭ نامە -ئەمەللىرىگە  (يەنى ئاللاھنىڭ قانۇن پىرىنسىپلىردىن چەتنەپ كەتمەي ، ئاللاھغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن بۇي سۇنۇپ ، ئاللاھ غا ھەقىيقى رەۋېشتە ئىمان كەلدۈرۈپ ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ھەقىيقى بىر راسچىل مۇسۇلمان بۇلالىدىمۇ ؟ ۋە ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە گەرچە ئۇ مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلغاندەك كۆرىنسىمۇ  ، ئەمما ئۇ  دەۋاسىدا يالغانچىلاردىن بولدىمۇ ؟ دىمەك ئىنساننىڭ ياخشى يامان ئەمەلىگە قاراپ  ياخشىغا -ياخشىچە ، يامانغا - يامانچە ئىنسانلار ياخشى كۆرسۇن - كۆرمىسۇن ، ئاللاھ ئىنسانغا نىمىلەرنى ئىرادە قىلغان بولسا ، ئاللاھنىڭ شۇ ئىنسانلار ئۈستىدە بىكىتىلىپ بولغان ئىرادىسى قازاھى مۇتلەقتە ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ .
دىمەك قازاھى مۇھەللەقتە ؛ ئىنسانلارنىڭ ھال- ئەھۋاللىرى  ئاللاھ نى نىمىلەرگە تاقەتزار قىلىدىكەن ؛ ئىنسانلارنىڭ تەغدىرى ،  ئاللاھ نىڭ شۇ تاقەتزارسى (يەنى ئىنسانلار ئۈستىدە بىكىتىلگەن ئىرادىسى ) شەك شۆبىھسىزكى  شۇ بۇيۇنچە  قازاھى مۇتلەقتە  ئىجىرا بولماي قالمايدۇ. دىمەك  ئاللاھ  ئىنسان ئۈستىدە بىكىتىپ بولغان شۇ ئىرادىسنى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ ۋاستىسى بىلەن بۇلامدۇ  ۋە ياكى باشقىلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن بۇلامدۇ ئىىش قىلپ ھەر قانداق ۋاستىلار بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرماي قالمايدۇ . مانا بۇلار ئىنسانلار بىلىشكە تىگىشلىك تەغدىرنىڭ ھەقىيقى سىرىدۇر .
ئەمما ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇ ھەقىيقەتلەرنى ( يەنى غەيبىنىغۇ ) بىلىشلىر ى مۇمكىن ئەمەس.
چۈنكى غەيبىنى ئاللاھ دىن ئۆزگە ھېچ ئادەم بىلمەيدۇ . ئەمما  رىيئاللىقتىن بولسىمۇ تەغدىرنىڭ سىرنى ئىنسانلارنىڭ تۇلىسى بىلمەيدۇ .ھەتتا بۇ ھەقىيقەتلەرنى  بىلىشكىمۇ  تىرىشمايدۇ . ئەگەردە ئىنسان ئۆز ئىشلىرنى ئىمان تارازىسىدا ئۆلچەپ تۇرسا ئىدى .
ئۆزلىرى  دۇچار بولغان ھەرقانداق بالا قازا مۈسىبەت ۋە ھەر قانداق ئاۋارىچىلىقنىڭ ئۆز خاتالىقىدىن ، شۇنداقلا  ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن كەلگەنلىكىگە ئىشەنگەن بۇلاتتى .
دىمەك ھەرقانداق ئىشنىڭ ئاللاھ نىڭ قۇلىدىن كىلىدىغانلىقىغا . مەخلۇقاتلارنىڭ قۇلىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغانلىقىغا ئىمان كەلدۈرگەن بۇلاتتى .  
رىياللىق شۇلارنى ئىسپاتلايدۇكى ئىش ھەرگىز ئىنسان ئويلىغاندەك ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا  باقمايدۇ . چۈنكى  ئاللاھ !  ئىنساننىڭ دىلىنى ئۇنىڭ خاھىشى بۇيۇنچە ئەمەس ، ئۆزىنىڭ خاھىشى بۇيۇنچە تەسەرۇپ قىلىپ تۇرغۇچىدۇر .  بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دىگەن : يەنى [ئى مۆمىنلەر!ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى ئەبەدى ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ (يەنى كىشىنىڭ دىلىنى ئىگىسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى بويىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ). (قىيامەت كۈنى) سىلەر ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر]8-24.
يەنى [ئاللاھ ھەر قانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھيىنى قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان. ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەخلۇقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن) ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر]42-51.
لېيكىن يەنىلا بۇ نادان ئىنسانلارنىڭ تۇلىسى ئاللاھ نىڭ يۇقارقىدەك سۈپەتلىرگە مەخلۇقاتلارنى شىرىك قىلىۋېلىپ . ئاللاھنىڭ   ھەق سۈپەتلىرنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم سېلىپ ،زالىملاردىن بۇلۇپ قالدى .
بۇنداق كىشىلەر سىنالمايمىز دەپ ئويلامدۇ ؟  ؛ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس ئۇلار ئاللاھ  تەرىپىدىن چۈقۈم سىنالماي قالمايدۇ  .  بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دىگەن :
يەنى[ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى جىھاد قىلغانلارنى،ئاللاھ دىن،ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە مۆمىنلەردىن باشقىنى سىرداش قىلىۋالمىغانلارنى بىلمەي (يەنى ئوتتۇرىغا چىقارماي) تۇرۇپ سىلەرنى ئۆز ھالىمىزغا قويۇپ بېرىلىمىز، (يەنى سىنالمايمىز)دەپ ئويلامسىلەر؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر]9-16.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزگە يەتكەن ياخشىلىقنى ئالاھ نىڭ رەخمىتىدىن ، ئۆزىمىزگە يەتكەن يامانلىقنى قىلمىشلىرىمىز تۈپەيلىدىن كىلىدىغانغا  ؛ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدىن تاشقىرى ئىش بولمايدىغانلىقىغا ئىمان كەلدۈرشىمىز كىرەك !
                                                
مەنبە : قۇرئان كەرىمدىن پايدىلىنىپ ، ئۆز تەپەككۇرۇمغا تاينىپ يېزىلدى .
                     

UID
26258
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-1-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-20
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 19:01:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم جاھانگىر ئەپەندىم ! سىز ئىنكاسىڭىزدا ئاللاھ ئىنساننى يارىتىشتىن ئىلگىرىلا ئۇلارنىڭ جەننىتى ۋە ياكى دۇزۇخىلىقىنى ئۇلارغا تەغدىر قىلىپ پۈتۈۋەتكەن دەپسىز . ئۇنداقتا قەنى مەن سىزدىن يەنى بىر نەچچە مەسىلىنى سۇراپ باقاي .
ئاللاھ ئىنسانغا قۇبۇل قىلىش ، ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت تاللاش ھۇقۇقىنى بەرمەي تۇرۇپ . دىمەك  ئۇنىڭ نامى -ئەمەللىرگە باھا بەرمەستىن بۇرۇن  ئۇنىڭغا ھەرقانداق ئىشنى قىلىشنى ئىرادە قىلامدۇ ؟
ئەگەردە ئاللاھ ئىنسانغا جەننىتى ۋە ياكى دۇزۇخىلىقنى ئالدىن پۈتۈۋەتكەن دىيىلسە ھەي بۇ  ئىنساننىڭ  ئاللاھ نىڭ پۈتۈۋەتكىنىنى قىلمايدىغانغا ھەددىمۇ ئەگەردە دۇزاخ ئەھلى ئەھلى دۇزاخنىڭ ئەمەللىرنى قىلىپ ، دۇزۇخى بۇلۇپ سۇراققا تارتىلسا ئۇنداقتا ئۇلار بۇنىڭغا نىمە دەيدۇ ؟ ھەي بۇ قوللۇردا  توغرا يول بىلەن خاتا يول ، ھىدايەت  بىلەن گۇمۇراھلىق ئىنىق ئايرىلغان قۇرئانكەرىم  تۇرۇقلۇقمۇ ئەقىلدىن پايدىلىنىپ قۇرئان ئۈستىدە تەپەككۇرى بولمىغان . شۇنىڭ بىلەن ھىدايەتتىن پەيدىلىنىپ ئۆزلىرى توغرا يولدا بۇلالمىغان بۇ ئازغۇن ئىنسان . ئى ئاللاھ بىز ھاياتىمىزدا سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىنچە ئىش كۆرگەن تۇرساق ، بىزنىڭ سەن تەغدىر قىلىپ پۈتۈۋەتكىنىڭنى قىلمايدىغانغا ھەدىمىزمۇ ؟دىمەك ئى ئاللاھ ! سەن بۇلارنى بىزگە قىلىشقا پۈتۈ ۋەتمىگەن بولساڭ بىز قىلمايتتۇق دەپ تۇرۋالسا . ئۇنداقتا ئەگەردە ئىنسان تاللاش ھۇقۇقى بىرىلمىگەن ، دىمەك ئۆز ئىتىيارلىقى بولمىغان ، يەنى مەجبۇرلانغان  ئەھۋال ئاستىدا قىلىنغان گۇناھلىرى ئۈچۈن جازاغا تارتىلغان بولمامدۇ ؟ ئاللاھ ئادىل تۇرسا بۇنداق جازالاش بۇ ياراتقۇچىمىزنىڭ ئادىل ، رېھىمدىللىق سۈپۈتىگە لاھىق كىلەمدۇ ؟ ياق ھەقىيقەتلەر ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى ، بۇلار ئۆزىمۇ زالام ئەمەس ، زالىملارنىمۇ دوس تۇتمايدىغان زات ئاللاھ نىڭ ئادىللىق سۈپۈتىگە ھەرگىز ماس كەلمەيدۇ . شۇڭلاشقا ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ مۇسۇلمان  ۋە كاپىرلىقىنى ئالدىن پۈتىۋەتكەن . ئەمما ئاللاھ نىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن تاللاش ئەركۈنلىك پۇرسىتىدىن  پايدىلىنىپ ،  ياخشى -يامان ئەمەللەردىن نىمىلەرنى قىلىپ ، جەننىتى ۋە ياكى دۇزۇخى بۇلۇش ئۇلارنىڭ ئۆز ئەركۈنلىكىگە بىرىلگەن . بۇ ھەقتە تۈۋەندە يەنى بىر ئەسىرىمنى ئىنكاس سۈپۈتىدە سەمىڭلارغا سۇندۇم مالال كۆرمەي ئۇقۇپ  پىكىر قىلىپ ككرەەيسىلەر . ئاللاھ خالىسا يەنى پىكىرلىشەرمىز .

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم :

                    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان  ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .

جانابى ئاللاھ ! ئىنساننى يارىتىشتىنلا ئۆزى خالىغان قەممىدە قىلىپ ، ئۇنىڭ يەيدىغان رىسىقىنى ، كۆرىدىغان ئۆمۈرنى (يەنى ھاياتلىقىدا نىمىلەردىن رىسىقلاندۇرلۇپ ، نەلەرگە بېرىپ ، نەلەردە ئىجىلى تۈگەپ ، نەلەرگە كۈمۈلىدىغانغا قەدەر ) ئىشلارنى  ئىنسانغا ئالدىن تەغدىر قىلىپ پۈتۈۋەتكەنى  بىلەن . ئەمما ئىنساننىڭ ياخشى -يامان ئىشلاردىن نىمىلەرنى قىلىپ ، جەننىتى بۇلۇش ۋە ياكى دۇزۇخى بۇلۇشنى ئەزەلدىن پۈتۈۋەتكەن ئەمەس . دىمەك ئاللاھ ! ئىنسانغا (يەنى ئىنسان ئىمان ئېيتىپ ۋە ياخشى  ئەمەللەرنى  قىلىپ جەننىتى  بۇلامدۇ . ياكى بولمىدى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىماندىن يۈز ئۆرىپ ،گۇناھلارغا چۈمۈپ  كۇپۇردا ئەزىۋەيلەپ ، ئۆزىگە -ئۆزى زۇلۇم قىلىپ دۇزىخى بۇلامدۇ مانا بۇلارنى ھەرگىزمۇ ئالدىن پۈتۈۋەتكەن ئەمەس .
چۈنكى ھەر ئىش شۇ ئىشنىڭ ئەھلىنى جەننەتلەردە ۋە ياكى دۇزاخلاردا قىلىدۇكى ؛ قەلەم  ئاللاھ نىڭ قۇلىدا بۇلۇپ . ئاللاھ ئۆزىنىڭ ياراتقان بەندىلىرنىڭ ئەھۋالىدىن ئۆزى تۇلۇق خەۋەرداردۇر . دىمەك ئاللاھ سىنى يارىتىشتا كاپىر  قىلىپ قاراتقان بولسىمۇ . ئەمما سەن ھەققە دەۋەت قىلغۇچىلارنىڭ ھەق دەۋەتلىرنى قۇبۇل قىلىپ ،سىنىڭ  نامە -ئەمەلىڭ مۇسۇلمانغا لايىق بۇلىدىكەن ساڭا  ئالدىن پۈتۈۋېتىلگەن  بۇ  كاپىرلىق نام يەنى ئاللاھ تەرىپىدىن مۇسۇلمانلىققا ئۆزگەرتىلنىپ ، جان ئۈزەر ۋاختىڭدا ئاللاھ خالىسا  مۇسۇلمان پېتىڭچە جان ئۈزۈپ جەننىتى بۇلۇشىڭ مۇمكىن . ياكى بولمىدى ئەگەردە سەن يارتىلىشتىنلا گەرچە مۇسۇلمان قىلنىپ يارىتىلغان بولساڭمۇ ئەمما سەن ياراتقۇچىڭنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ ،ھەقنى  ئىنكار قىلىپ ،  مۇناپىق ، پاسسىق ، زالىملارغا مۇناسىپ ئىش قىلىدىكەنسەن شۇنىڭ بىلەن  ئۆز قىلمىشىڭ تۈپەيلىدىن سىنىڭ مۇسۇلمانلىقىڭ ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن كاپىرلىققا ئۆزگىرەپ ، سەن كاپىر پېتىڭ جان ئۈزۈپ دۇزۇخىلاردىن بۇلۇپ قېلىشىڭ مۇمكىن . ھەتتا سەن بۇنداق مۇناپىقلىقىڭ بىلەن جەھەننەمنىڭ قەرىدە بۇلۇشىڭ مۇمكىن .
دىمەك سەن ھەق دەۋەتنى  ئىنكار قىلىدىغان  بۇنداق مۇناپىقلىقىڭ بىلەن باقى دۇنيانىڭ ئازابىدىن باشقا مۇشۇ فانى دۇنيادىلا ئاللاھ نىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلنىپ رەسۋالىققا دۇچار بۇلۇشۇڭ مۇمكىن .  بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ مۇنداق دىگەن:
يەنى [مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە (يەنى قەئىرىگە)تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ (ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) مەدەتكار تاپالمايسەن]4-145.
يەنى[ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: « ئىمان ئېيتتۇق » دەپ قويىدىغانلار (يەنى مۇناپىقلار) دىن ۋە يەھۇدىيلاردىن كۇفرىغا(پۇرسۈت تاپسىلا كۇفرىنى ئىزھار قىلىشقا) ئالدىرايدىغان كىشىلەر سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار (ئەھبارلىرى توقۇغان) يالغانغا قۇلاق سالىدۇ، ساڭا كەلمىگەن (يەنى ئۆچلۈك قىلىپ سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان) باشقا بىر قەۋمگە (يەنى خەيبەر يەھۇدىيلىرىنىڭ سۆزىگە) قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى جايلىرىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ (يەنىئاللاھ نىڭ ئەھكاملىرىنى باشقىلارغا ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ). ئۇلار: « ئەگەر سىلەرگە بۇ (ھۆكۈم) بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر ئۇ بېرىلمىسە قوبۇل قىلماڭلار » دەيدۇ، ئاللاھ بىر كىمنىڭ گۇمراھلىقىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ غا قارىشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ (يەنى ھېچ ئادەم ئۇنىڭدىن گۇمراھلىقنى دەپئى قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ). دىللىرىنى (قىلمىشى قەبىھ بولغانلىقتىن كۇفرىدىن) پاك قىلىشنى ئاللاھ خالىمىغان كىشىلەر ئەنە شۇلاردۇر، ئۇلار دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازاپقا قالىدۇ]5-41.
يەنى[ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار سېنى(ئىچىدە) ئىنكار قىلمايدۇ (لېكىن ئۇلار تەرسالىقتىن ئىنكار قىلىدۇ)، (ھەقىقەتتە) زالىملار ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ]6-33.
يەنى[(سۆزۈڭگە) ھەقىقىي قۇلاق سالىدىغانلار (سېنىڭ دەۋىتىڭنى) قوبۇل قىلىدۇ (سۆزۈڭگە قۇلاق سالمىغانلار ئۆلۈكلەرنىڭ ئورنىدا)، ئۆلۈكلەرنى ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلارئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ]36-ئايەت.
يەنى[( اﷲ ۋەدە قىلغان ساۋاب) سىلەرنىڭ قۇرۇق ئارزۇيۇڭلار ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرۇق ئارزۇسى بىلەن قولغا كەلمەيدۇ، كىمكى بىر يامانلىق قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن (دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە) جازالىنىدۇ، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھ دىن باشقا (ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن قۇۇتۇلدۇرىدىغان)ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ]4-123.
دىمەك بىز  ئىنسانلار   ئۆز قىلمىشلىرىمىز  تۈپەيلىدىن جەننەتلەردە ۋە ياكى دۇزاخلاردا بولغۇچىدۇرمىزكى ، ئاللاھ ! بىزنىڭ  نامىمىزنى ئالدىن پۈتۈۋەتكەن بولسىمۇ ئەمما بىزدىن ھىساپ ئېلىش ئۈچۈن  ياخشى -يامان ئىشلارنى قىلىش ھۇقۇقىنى ئۆزلىرىمىزنىڭ ئىختىيارلىقىغا قۇيۇپ بىرىپ ، بىزنىڭ  ئۇنىڭدىن ۋەز نەسىيئەت ئېلىپ توغرا يولدا بۇلۇپ ، ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن ئەمىن بۇلىشىمىز ئۈچۈن ھىدايەت بىلەن گۇمۇراھلىق ، ئىمان بىلەن كۇفۇرلۇق ، ھالال بىلەن ھارام ئىنىق ئايرىلغان قۇرئاننى نازىل قىلدى. ئۇنىڭغا ئىمان كەلدۈرگۈچى تەقۋادارلار ئۈچۈن ھېدايەت بولغان  قۇرئان كەرىمنى بىزگە نازىل قىلىش  بىلەن بىرگە ھەققە دەۋەت قىلغۇچى (يەنى مۇسۇلمان بولغۇچىلارغا جەننەتتىن خوش - خەۋەر بەرگۈچى . كاپىر بولغۇچىلارغا دۇزاختىن بىشارەت بەرگۈچى  پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەرتىپ  بىزگە ئىنسانلىق مەجبۇرىيەتلەرنى تۇنۇتۇپ قويدى . ئەمدى ھەممە ئىشلار ئۆز نەپسى  خاھىشلىرىمىزغا باغلىقتۇركى ، مەيلى بىز ئىمان ئېيتىپ توغرا يولدا بولساقمۇ ئۇمۇ ئۆزىمىزنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر . ئەگەردە ئىماندىن يۈز ئۆرىپ ، ھەققە دەۋەت قىلغۇچىلارنىڭ ھەق دەۋەتلەرنى قۇبۇل قىلماي ئۆزلىرىمىز سەزمەستىنلا ھەقنى ئىنكار قىلىپ خاتا يولدا  قىلساقمۇ ئۇمۇ ئۆزىمىزنىڭ زىيىنى ئۈچۈندۇر .  دىمەك قۇرئان كەرىمدە ھىدايەت بىلەن گۇمۇراھلىق ئىنىق ئايرىلغان . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامدا كىشىلەرنى  ئىمان ئېيتىشقا زورلاش يوقتۇر . چۈنكى ئاللاھ زالىم ئەمەستۇر . دىمەك ئاللاھ !  ئىنسانلارنى  ئۆزلىرىنىڭ ئىختىيارلىقى بولمىغان  ئىشتا قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتمايدۇ . شۇڭا  ياخشى يامان ئىشلارنى قىلىش ھۇقۇقىنى ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىغا بەرگەن. ئاللاھ ! زالىم ئەمەستۇر . يەنى ئىنسانلارنىڭ نام- ئەمەللىرگە قاراپ ھىساپ ئالغۇچىدۇر . دىمەك ئىنسان نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ نىمىلا قىلسۇن . ھەر ئىش شۇ ئىشنىڭ ئەھلىنى جەننەتتە ۋە ياكى دۇزاختا قىلىدۇ .  بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دىگەن:
يەنى [ئۇلار (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى) ئىنكار قىلدى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، (ياخشىلىقتىن يا يامانلىقتىن بولسۇن) ھەر ئىش (شۇ ئىشنىڭ ئەھلىنى جەننەتكە يا دوزاخقا) ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر]54-3.
يەنى[ سەن (ئۇلارغا) ۋەز- نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز- نەسىھەت قىلغۇچىسەن]88-21.
يەنى [ سەن ئۇلارغا مۇسەللەت (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن]22-ئايەت.

يەنى[ ئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن) ھەقىقەتەن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ]25-ئايەت.
يەنى[ ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا بىز مەسئۇلمىز]26-ئايەت.
ھەي ئىنسانلار ! يۇقارقىدەك ھەقىيقەتلەر شۇنداق بولغان ئىكەن  ئاللا نىڭ بىز ئىنسانلارغا بەرگەن ھەق ھۇقۇقلىرىمىزدىن جاھىدا تۇلۇق پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى مەنىسنى  بىلىپ ئۇقۇپ ئۇنىڭغا  ھەم  دىلىمىزدىن ، ھەم تىلىمىزدىن ئىمان كەلدۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلايلى ! شۇنداقلا ھەقنى ئىنكار قىلىپ سالماسلىقىمىز ئۈچۈن ،  ھەققە دەۋەت قىلغۇچىلارنىڭ ھەق دەۋەتلىرنى قۇبۇل قىلىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ئىككىلا دۇنيادىكى بەخىت ساھادىتىمىز ئۈچۈن ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ياراتقۇچىمىزغا مۇلاقەت بۇلايلى !

                مەنبە: قۇرئان كەرىم دىن پايدىلىنىپ، ئۆز تەپەككۇرۇمغا تاينىپ يېزىلدى .



UID
6825
يازما
467
تېما
31
نادىر
0
جۇغلانما
11728
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-17
توردا
176 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 12:07:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتچى
ياخشىمۇسىز؟


...ئەمما يەنىلا شۇ ھەقىيقەتكە يۈزلىنىشىڭىز كىرەككى بېشى ئاغىرىدىغان سۈپەتتىن ئاللاھ خالىيدۇر  . چۈنكى ئاسمان ، زىمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىستىكى پۈتكۈل شەئىلەرنى ياراتقان . ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئىشلىرنىڭ تەسەرۇپى ئىلگىدە بولغان ...
بۇ يەردە دىيىلگەن ‹‹خۇدانىڭ بېشى ئاغرىيدۇ›،دىگەن ئۇمۇمنى سىز بۇنداق ئاددىي چۈشىنۋالسىڭىز بولمايدۇ.بۇ ئىنكاستىكى بۇ سۆز كۆچمە نەنىدىكى سۆز بۇلۇپ‹‹خۇدا رازى››بولمايدۇ دىگەن سۆز بىلەن تەڭ ئىستىمال قىلىنغان،بىز بۇ يەردە سۆزنىڭ ئەينى مەنىسىنى ئەمەس،ئىنكاستا قانداق رول ئونىغىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك.
سالامەت بۇلۇڭ؟

UID
26258
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-1-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-20
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 00:34:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ! ئىنكاسىڭىزدىكى «خۇدانىڭ بېشى ئاغىرىيدۇ »دىيىلگەن سۆزنى مەن ئاددىي چۈشەنمىگەچكىلا شۇڭا بۇ يەردە ئۇنداق دىمەسلىكنى تەكىتلەۋاتىمەن . چۈنكى خۇدا گۇناھكار بەندىلىردىن نارازى بۇلۇپ ، ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىپ ، ئۇلارنى جازالاشقا قادىردۇركى ، ئەمما خۇدانىڭ مەخلۇقاتلارنىڭ ھەرقانداق ئىشىغا بېشى ئاغىرىيدىغان ئىش يوق . چۈنكى ئىماندىن يۈز ئۆرىپ ، كۇفىرغا ئۆزلىرنى ئاتىۋەتكەن بۇ كۇفارلار شۇ كۇفىرى بىلەن ئاللاھ غا قىلچە زىيان سالالمايدىغان تۇرسا .
يەنى [(ئى مۇھەممەد ! )كۇفۇرغا ئۆزلىرنى ئاتىغانلار (يەنى سۆزلىرى ۋە ھەركىتى بىلەن كۇفۇرغا شاپاشلايدىغان مۇنافىقلار ) سىنى غەمكىن قىلمىسۇن ، ئۇلار ھەقىقىتەن (كۇفۇرى بىلەن )ئاللاھ غا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ ، ئاللاھ ئاخىرەتتە ئۇلارغا (ساۋابتىن ) ھېچ بىر نېسىۋە بەرمەسلىكنى خالايدۇ ؛ ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بۇلىدۇ . ]3-176.
دىمەك بىرەر زىيان زەخمەتكە يۇلۇققاندا باش ئاغىرىيدىغان بۇنداق سۈپەت مەخلۇقاتلارغا خاستۇركى ، ئاللاھ بۇنداق ئىنسانلارغا خاس سۈپەتلەردىن خالىيدۇر . دىمەك ئاسمان ، زىمىننى ئۇلارنىڭ ئارىستىكى پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى باشقۇرۇش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدىغان زات بۇنداق سۈپەتلەردىن خالىيدۇر . چۈنكى رازى بولماسلىق ئۇ باشقا گەپ ، باش ئاغىرىتىش ئۇ باشقا گەپ . دىمەك ئاللاھ گۇناھكار بەندىلىردىن ئەلبەتتە رازى بولمايدۇ . ئەمما ئاللاھ دا بالاچاققىلىرى توغرا يولدا بۇلالمىغان مەخلۇقاتلارنىڭ بېشى ئاغىرغاندەكلا بېشى ئاغىردىغان مەخلۇقاتلارغا ئوخشاش سۇپەت بولمايۇدۇ .

UID
6825
يازما
467
تېما
31
نادىر
0
جۇغلانما
11728
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-17
توردا
176 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 12:51:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Hakikatqi يوللىغان ۋاقتى  2012-2-19 00:34
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ! ئىنكاسىڭىزدىكى «خۇدانىڭ بېشى ئاغ ...

بۇنداق سۈپەتنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك ئىكەن،بۇنىڭدىن كىيىنكى يازما ۋە ئىنكاسلاردا دىققەت قىلاي،چۈشەنچە بەرگىنىڭىزدىن سۈيۈندۈم،رەھمەت سىزگە.
سالامەت بۇلۇڭ-ھەقىقەتچى!

UID
13297
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
62
تىزىملاتقان
2011-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-6
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 01:06:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىنكاسلاردىن نۇرغۇن بىلىملارنى ئىگە بولدۇم . رەھمەت سىلەرگە

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
559
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
559
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-16
توردا
208 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 01:30:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئىنساننى شەخسى ئادەم سۈپىتىدە چۈشەنگىنىمىزدە ئادەملەرنىڭ ھەممىسىلا بىز دىگەن بۇيۇك(ئۈزىنىڭ نىشانى)نوقتىغا يىتىپ بارالمايدۇ.بۇنداق بۇلۇشنىڭ تۇرلۇك سەۋەپلىرى بولسىمۇ،بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپ ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ زەئىپلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان،ئىنسانلاردىكى روھى ئۆلۈكلۈك .بۇ –ئىنسانلار،ئۆزى پەيدا قىلغان، ئۈز ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولغان شەپقەتسىز رىياللىقتۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادا بەزى ئادەملەرنىڭ قەدىر-قىممىتى يۇقىرى بولسا بەزىلەرنىڭ قەدىر-قىممىتى تۈۋەن بۇلۇدۇ.بەزىلەر غالىبىيەتچىلەردىنن بولسا يەنە نۇرغۇن كىشىلەر مەغلۇبىيەتچىلەردىن بۇلۇپ قالىدۇ.يەنە نۇرغۇن ئادەم ئۈزى ئىگە بولغان نىسىۋىدىن رازى بۇلۇپ،شۇككىرى-قانائەت قىلىپ ئۈتۈشتەك تۇرغۇنلۇققا ئىگە ھايات يۇلىنى تاللىۋالغان بۇلۇدۇ.


ئاجايىپ پاساھەتلىك سۆزلەر ئكەن، ئىسىمدە مەھكەم ساقلايمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش