تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1006|ئىنكاس: 6

شېركەت قۇرۇش يولى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
21780
يازما
15
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-1-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-23
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 01:22:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز تورداشلار، كەمىنە گۇمانخوردىن مۇنبەر ئەھلىگە ئوتلۇق سالام!

بۇ تېما ئەسلى بىلىك مۇنبىرىدىكى ئۈگىنىش ئەپەندىنىڭ يازمىسى بولۇپ، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغاچقا بۇ مۇنبەردە سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم. ئۈگىنىش ئەپەندى يازمىسىنىڭ كۆچۈرۈلسە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى توغرىلىق بىر نېمە دېمەپتۇ، ئۆزى بىلەن ئالاقىلىشىپ رۇخسىتىنى ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى. لېكىن، ئاپتور تېما بېشىدا «ئوقۇرمەنلەرگە ئاز تولا بولسىمۇ ئەسقېتىپ قالار، ئەگرى قۇسۇر يوللارنى ئازراق ماڭار، ھېچ بولمىسا ئىشنىڭ جەريانى مۇنداقكەنغۇ دەپ بىلىپ قالار دىگەن نىيەتتە ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ئاساسىدا بۇ تېمىغا تۇتۇش قىلدىم» دېگەچكە، بەلكىم يازمىسىنى بۇ يەردە كۆرسە رەنجىپمۇ كەتمەس.

قېنى ئەمسە تېما ھۇزۇرۇڭلاردا...


مەن شېركەت قۇرۇپ باققان


ئوتكەندە ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق "شېركەت قۇرۇشقا قانداق ئىقتىدار كېرەك؟" دىگەن قىممەتلىك تىمىسىنى بىزگە تەقدىم قىلدى. شۇنىڭ تۇرتكىسدە بەلكىم نۇرغۇن ياشلارنىڭ كاللىسىغا شېركەت قۇرۇش ئارزۇسى كەلمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق ئارزۇسى بارلارغا،شۇنداق ئىقتىدار ھازىرلانغانلارغا ئاز-تولا  بولسمۇ ئەسقېتىپ قالار، ئەگرى قۇسۇر يوللارنى ئازراق ماڭار، ھىچ بولمىسا ئىشنىڭ جەريانى مۇنداقكەنغۇ دەپ بىلىپ قالار دىگەن نىيەتتە ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ئاساسىدا بۇ تېمىغا تۇتۇش قىلدىم.
شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، مېنىڭ مەقسىدىم ئۆزەمنى داڭلاش ئەمەس، پەقەت مەن چۈشكەن كاتاڭلارغا باشقىلار چۈشۈپ قالمىسۇن دىمەكچى.

جۇڭگودا قانۇنلۇق ھالدا تىجارەت قىلىشنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار. بىرى يەككە سودا-سانائەتچى个体工商户(يەككە تىجارەتچى个体户) بولۇش، يەنە بىرى بولسا شېركەت 公司 قۇرۇش. ئۇنىڭدىن باشقا يول يوقمۇ دىسىڭىز يوقمۇ ئەمەس، ئابدۇكېرەم ئابلىزدەك "چاۋشى" ئاچسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭ ئاقىۋىتى خەيرلىك بولمايدۇ. بىز يەنىلا قانۇن يول قويغان دائىرە ۋە شەكىل ئىچىدە تىجارەت قىلىشىمىز زۆرۆر.
جۇڭگودا شېركەت ئىككى خىل بولىدۇ. بىر پاي چەكلىك شېركىتى股份有限公司، يەنە بىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شېركىتى有限责任公司 . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خۇسۇسى كارخانا 个人独资企业 دىگەندەك بىر شەكلىمۇ بار بولۇپ، ئۇ ھەقىقى مەنىدىكى شېركەت ئەمەس، ئۇنىڭغا شېركەت قانۇنى 公司法 تەدبىق قىلىنمايدۇ.
پاي چەكلىك شېركىتى 股份有限公司 نىڭ قۇرۇلۇشى سەل مۇرەككەپ بۇلۇپ ئۇنى گوۋۇيۇەن ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئورۇنلار تەستىقلىشى كىرەك.
چەكلىك مەسئۇلىيەت شېركىتى有限责任公司  نىڭ قۇرۇلىشى نىسبەتەن ئاددى بولۇپ، نۆۋەتتە دىيارىمىزدا قۇرۇلغان ھەم قۇرۇلىدىغان شىركەتلەر نىڭ كۆپىنچىسى دەل مۇشۇ شەكىلدە.

تۆۋەندە مەن ئۆزەمنىڭ شېركەت قۇرۇش خىيالى، شېركەت قۇرۇش جەريانى ھەم شېركەتنى ماڭدۇرۇش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

شېركەت قۇرۇش خىيالى

مەن ئەتراپىمدىكى پىكىرداش ھەم كەسىپداش دوستلار بىلەن ئانچە-مۇنچە كاسىنە ئىش قىلپ، ئاز-تولا پۇل پىچەك تېپىپ قوياتتۇق. بۇ جەرياندا مەلۇم قولايسىزلىقلار سادىر بولاتتى. بۇلارنى توۋەندىكىدەك  يېغىنچاقلاش مۇمكىن.

1.توختاملىشىش签订合同:
بىرەر سودا ياكى مۇلازىمەتنى باشلاشتىن بۇرۇن توختاملىشىش كىرەك. بۇنداق بولغان ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر سىز بىلەن توختاملاشماقچى بولغان تەرەپ شەخس بولسا ئىش ئاسان. ئۇنداق بولماي ئىدارە-ئورگان، شېركەت بولۇپ قالسا توختاملاشماق تەس، چۈنكى ئىككى تەرەپ تەڭداش ئەمەس. توختاملاشقان تەقدىردىمۇ توختامغا باسىدىغان "تامغا" ڭىز يوق. شۇنىڭ بىلەن سىز شەخس بولغانلىقىڭىز، تامغىسىز  بولغانلىقىڭىز سەۋەپلىك توختاملىشالماي سودا پۇرسىتىدىن قۇرۇق قالىسىز.

2.تالون تېپىش提供发票 :
بىر ئامال قىلىپ توختام ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، سودىنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۇردىڭىز. ئەمدى قارشى تەرەپ سىزگە پۇل تۆلىمەكچى. قارشى تەرەپ شەخس بولسىغۇ پورتمالىدىن قىزىل تىزىلارنى چىقىرىپ ساناپ بەرسىلا ئىش پۇتىدۇ. ئۇنداق بولماي ئىدارە-ئورگان، شېركەت بولۇپ قالسا، قارشى تەرەپكە دۆلەت ئېتىراپ قىلىدىغان باج تامغىسى بېسىلغان قانۇنلۇق تالون تاپشۇرىشىڭىز كىرەك. بولمىسا ئۇلار سىزگە پۇل چىقىم قىلىپ بېرەلمەيدۇ. دۆلەتنىڭ مالىيە تۈزۈمى يول قويمايدۇ.

3.پۇل ئېلىش收款:
يۇقارقى ئىككى ئۆتكەلدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئۇلار سىزگە بىر دانە مىمورىيال چەك 转帐支票 كىسىپ بىرىدۇ. نەق پۇل چىكى 现金支票 بېرىشكە دۆلەتنىڭ مالىيە تۈزۈمى يول قويمايدۇ. مىمورىيال چەكتىكى پۇلنى پەقەت بانكىدا ھىساۋاتى 结算账户 بولغان  ئىدارە-ئورگان، شېركەتلەرلا ئۆزىنىڭ ھېساۋاتىغا كىرىم قىلالايدۇ. سىزنىڭ پۇل ئامانەت كېنىشكىڭىز 存折، كارتىڭىز  借记卡 غا كىرىم قىلغىلى بولمايدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نوپۇز، سالاھىيەت دىگەندەك ئىشلارغىمۇ بېرىپ تاقىلىدۇ. سىز بىر  ئىدارە-ئورگان، شېركەتكە بېرىپ "مەن پالانى، سىلەر بىلەن مۇنداق سودا قىلماقچى" دىگەن گەپ بىلەن "مەن پالانى شېركەتتىن، شېركىتىمىز سىلەر بىلەن مۇنداق سودا قىلماقچى" دېگەن گەپنىڭ ۋەزنى ئوخشىمايدۇ. ئۇندىن باشقا شەخس بىلەن شېركەتنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان ئىشەنچ تۇيغۇسى ئوخشىمايدۇ.

يۇقۇرىدا دىيىلگەندەك ئوبىكتىپ ۋە سۇبىكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىز شېركەت قۇرۇش نىيىتىگە كەلدۇق.

شىركەت قۇرۇش جەريانى

جۇڭگدا شېركەتلەر "شېركەت قانۇنى" بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. شېركەتلەرنى كونكىرت ئەنگە ئېلىپ تىجارەت كېنىشكىسى بېرىدىغان ئورگان "سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى" (ماقالىدە قىسقارتىلىپ س س م ب ئىدارىسى دەپ ئېلىنىلىدۇ). شۇڭا شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇش 注册登记 ئۈچۈن س س م ب ئىدارىسىغا بېرىش كىرەك. بىر شېركەتنى تولۇق ئەنگە ئالدۇرۇشنىڭ كونكىرت تەرتىپلىرى تۆۋەندىكىدەك.

1.        شېركەت نامىنى ئالدىن تەستىقلىتىش
2.        مەبلەغ ھېساۋاتى ئېچىش
3.        مەبلەغ تەكشۈرتۈپ، مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكلاتى تەييارلاش
4.        شېركەت تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىش
5.        تىجارەت كېنىشكىسى (كارخانا قانۇنى ئىگىسى تىجارەت كېنىشكىسى ) ئېلىش
6.        ج خ تارماقلىرىدىن تامغا ئويدۇرۇش ئىجازىتى ئېلىش ھەم تامغا ئويدۇرۇش
7.        سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسىدىن كارخانا قانۇنى ئىگىسى نومۇر كېنىشكىسى ئېلىش
8.        باج تاپشۇرۇش كېنىشكىسى ئېلىش
9.        بانكا ھىساۋاتى ئىلتىماس قىلىش ھەم چەك سېتىۋېلىش (چەك ئالمىسڭىزمۇ بولىدۇ)

يۇقارقىدەك بىر قاتار جەريانلار ئارقىلىق شېركەت قانۇنلۇق قۇرۇلۇپ بولغان بولىدۇ. سىز تىجارەت دائىرىڭىز ئىچىدە ئۆز تىجارىتىڭىزنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.

1.شېركەت نامىنى ئالدىن تەستىقلىتىش

بۇ باسقۇچتا  تەييارلىق كۆرىدىغان ئىشلار:

شېركەت نامى:
شېركەت نامى= مەمۇرى رايون + شېركەت ئىسىمى + كەسىپ + شېركەت خاراكتىرى
مەمۇرى رايون: يەنى شېركەتنى رويىخەتكە تىزىمغا ئالىدىغان س س م ب ئىدارىسى تۇرۇشلۇق مەمۇرى رايوننىڭ ئىسمى. بۇنىڭدا سىزنىڭ ھىچقانداق تاللىشىڭىز يوق. مەسىلەن: قەشقەر شەھەرلىك، قارىقاش ناھىيەلىك دىگەندەك. ئەگەر چوقۇم مەن دىگەن شەھەرنى شىركەت نامىغا كىرگۈزىمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم شۇ شەھەرگە بېرىپ شېركەت قۇرۇڭ.
شىركەت ئىسىمى: مانا بۇ سىز كۆڭۈل قويۇپ، باش قاتۇرۇپ تاللايدىغان ئىسىم. مەسىلەن ئىزچىلار، ئارمان، ئىھسان دىگەندەك.
كەسىپ: يەنى سىزنىڭ شىركىتىڭىز شۇغۇللىنىدىغان كەسىپ. مەسىلەن يىزا ئىگىلىك، ماشىنىسازلىق، توقۇمىچىلىق، بىناكارلىق، تەرجىمانلىق دىگەندەك.
شىركەت خاراكتىرى: چەكلىك مەسئۇلىيەت شېركىتى.

شۇنداق بولغاندا تولۇق بولغان شېركەت نامى: پالانى شەھەرلىك پۇستانى xxxx چىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شېركىتى.
بىزنىڭ شېركەتنىڭ تولۇق نامى 和田市XX信息技术有限责任公司 بولدى. جەمئى 15 خەت.
س س م ب ئىدارىسىنىڭ خادىمى بىزنىڭ شېركەت ئىسمىنى كۆرۈپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ lenevo 联想 دىن ئېشىپ كېتەي دەپسىلەردە دەپ كەتكەن ئىدى. لېكىن "قالپاققا چۇشلۇق قىرغىز يوق" بولۇپ قالدى.

شېركەت نامىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش جەريانىدا خەنزۇ يېزىغىنى ئاساس قىلىدۇ. شۇڭا ماتىرىياللارنى خەنزۇچە تەييارلاڭ. ئۇيغۇرچە تەييارلايمەن دىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما تەييارلاپ بولغاندىن كىيىن ھەممىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇڭ. شۇنداق بولغاندا ئەڭ ئاخىرىدا شىركەتنىڭ تولۇق نامى 19 خەنزۇچە خەتتىن ئېشىپ كەتمىسۇن. بۇ توغرىلىق ھىچقانداق بەلگىلىمە يوق. لېكىن ئۇنداق بولمىسا ئۆزىڭىز جاپا تارتىپ قالىسىز. چۇنكى ئاۋۇ شېركىتىڭىزنىڭ نامى نۇرغۇن كېنىشكىلەرگە بېسىلىدۇ، يۇمۇلاق تامغىلارغا ئويۇلىدۇ، ھەرخىل كومپىيوتىر سېستىمىلىرىغا كىرگۈزۈلىدۇ. ناۋادا مەلۇم بىر يەردىكى كاتەككە پاتماي قالسا، ھى ھى ھى...

باشلانغۇچنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دەرسخانىدا دەرس سۆزلەۋېتىپ، كەلگۈسىدە ئىنسانلار ئايدا ئولتۇراقلىشىدۇ دەپتىكەن، بىر ئوقۇغۇچى كۈلۈپ كېتىپتۇ. ئوقۇتقۇچىسى نېمىشقىلىقىنى سورىسا، "مەن ئۇلارنىڭ ئاينىڭ ئورغاقلىشىپ كەتكەن چاغدىكى ھالىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىۋاتىمەن" دىگۈدەك.  ---- كەڭ تارقالغان يۇمۇرلادىن ئېلىندى

تەۋسىيە:
شېركەت نامىنى ياخشى ئويلاڭ! ئۇنىڭدىن بەكرەك شېركەت تىجارەت دائىرىسىنى ياخشى ئويلاڭ.


تىجارەت دائىرىسى: سىزنىڭ شېركىتىڭىز تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دائىرە، يەنى چىگرا دىگەندەك گەپ. بۇ دائىرىدىن ھالقىپ چىقىپ كېتىشكە قەتئىي بولمايدۇ. بۇنى قانداق بەلگىلەشنى بىلمىسىڭىز ئەنسىرىمەڭ، س س م ب ئىدارسى سىزگە تاللىشىپ بىرىدۇ. يەنە سىز شۇغۇللىنىدىغان كەسىپ دائىرىسىدىكى ئىشلاردىن بىر قانچىنى تاللىۋېلىش كىرەك. بۇ بىر توغرا جاۋابى يوق كۆپ تاللاش سوئالىغا ئوخشايدۇ. ئۆزىڭىز تۈزىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

بىز تۈزگەن تىجارەت دائىرىسى:提供信息化解决方案,技术服务;网络工程,系统集成,培训
كىيىنچە چاتاق مۇشۇ يەردىن چىقتى. بىز بىر خېرىدارغا يۇمشاق دېتال تۈزۈپ بېرىپ، 软件设计费 دەپ تالون كەستۇق. شۇنداق قىلىپ دائىرىدىن ھالقىپ تىجارەت قىلغان 超经营范围 دىگەن قالپاق بىلەن "جازالاندۇق".

شۇنداق قىلىپ شېركەت نامىنى ئالدىن تەستىقلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا كېتەرلىك تەييارلىق پۈتۈپ قالدى. باشقا ئىشلار بەك مۇھىم ئەمەس. ئىلتىماس قىلىشنى باشلىساق بولىدۇ، ئۇلار (س س م ب ئىدارسى) ئىلتىماسىڭىزنى چەكلىك مۇددەت ئىچىدە تەكشۇرۇپ تەستىقلايدۇ ياكى تەستىقلىمايدۇ. ئۇلار پەقەت سىز ئىلتىماس قىلغان ئىسىمنى شۇ رايون، شۇ كەسىپ تۈرىدە باشقىلار ئىشلەتكەنمۇ يوق؟ سىز ئىلتىماس قىلغان ئىسىم دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ماس كىلەمدۇ يوق شۇنى تەكشۇرىدۇ.

بىزنىڭكىنى نەق مەيداندا دەرھال تەستىقلاپ بەرگەن. سەۋەبى ماۋۇ كەسىپ 信息技术 تە تېخى شېركەت قۇرۇلۇپ باقماپتىكەن. بىز ئىشلەتكەن ئىسىم ئەزەلدىن ئىشلىتىلمىگەن ئىكەن.
ئىلتىماسىڭىز تەستىقلانسا شېركەت نامىنى ئالدىن تەستىقلاش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىپ بىرىدۇ. سىز مەبلەغ يىغىشقا ئاتلانسىڭىز بولىدۇ.
يۇقارقى مەزمۇنلارنى شېركەت قۇرۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. بىراق نۇرغۇن زېھىن، ۋاقىت، ئىقتىساد كېتىدۇ. نەق گەپنى دىسەك "ئىسراپ" بولىدۇ.

مەبلەغ توپلاش
شېركەت نامى ئالدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن مەبلەغ توپلاش كىرەك.
شېركەت قۇرۇشقا كېتىدىغان مەبلەغ:
چەكلىك مەسئۇلىيەت شېركىتى قۇرۇش ئۇچۇن 2 دىن كۆپ، 50 تىن ئاز ئادەم مەبلەغ چىقرىپ، شېركەت قۇرغۇچىلاردىن بولىشى كىرەك. بىز 3 ئادەم بىرلەشتۇق.

شېركەت خاراكتىرى
چەكلىك مەسئۇلىيەت شېركىتى شۇغۇللىنىلىدىغان تىجارەت خاراكتىرىغا قاراپ مۇلازىمەت خاراكتېرلىك، سېتىش خاراكتېرلىك ۋە ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك دەپ 3 خىل بولىدۇ. مۇلازىمەت خاراكتېرلىك شېركەت سېتىش ياكى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ. سېتىش خاراكتېرلىك شېركەت ئىشلەپچىرىش بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ. بىز مۇلازىمەت خاراكتېرىدىكى شېركەت قۇرۇشنى تاللىدۇق.

تىزىمغا ئالدۇرىدىغان مەبلەغ چەكلىمىسى
شەھەر (ناھىيە) دەرىجىلىك شېركەت قۇرۇش ئۈچۈن:
•        مۇلازىمەت خاراكتېرلىك 100مىڭ يۈەن.
•        سېتىش خاراكتېرلىك 300 مىڭ يۈەن.
•        ئىشلەپچىقرىش خاراكتېرلىك 500 مىڭ يۈەن.

ئەگەر مەمۇرى رايوننىڭ دەرىجىسى ئوخشىمىسا، تەلەپ قىلىنىلىدىغان مەبلەغمۇ ئوخشىمايدۇ.

توپلىنىلىدىغان مەبلەغ  كاپىتال 资本 شەكلىدە (نەق پۇل)، ياكى باشقا مۈلۈك شەكلىدە بولسا بولىدۇ، كاپىتال شەكلىدە بولمىغان مۈلۈك چوقۇم سالاھىيىتى بار ئورۇن تەرىپىدىن مۈلۈكنىڭ قىممىتى باھالىنىشى كېرەك.
مۈلۈك باھالاش ئۇچۇن مۈلۈكنىڭ شېركەت قۇرغۇچىلارنىڭ ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاش كېرەك، مۈلۈك رەنىگە قويۇلمىغان بولىشى كېرەك.
مۈلۈكنى باھالاتسىڭىز ئايرىم ھەق ئېلىنىدۇ.
ئەڭ قولايلىق ئۇسۇل مەبلەغنى  كاپىتال 资本 شەكلىدە (نەق پۇل) توپلاش كېرەك.
مەبلەغ توپلىنىپ بولغاندىن كېيىن س س م ب ئىدارىسى چىقىرىپ بەرگەن "شىركەت نامىنى ئالدىن تەستىقلاش ئۇقتۇرۇشى" نى بانكىغا ئېلىپ بېرىپ مەبلەغ تەكشۇرۇش ھېساۋاتى 验资户 ئېچىش كېرەك.

قايسى بانكىغا بېرىش كىرەك؟
خەلق بانكىسى، پوچتا ئامانەت بانكىسىدىن باشقا بانكىلارنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ شېركىتىگە يېقىن، ئىش بېجىرىش قولايلىق بولغان تارماقلىرىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. بانكا شېركەت نامىنى ئالدىن تەستىقلاش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرسىلا ھېساپ ئېچىپ بېرىدۇ. ھېساپ ئېچىلغاندا ھېساپقا دەرھال پۇل قويۇش تەلەپ قىلىنىلىدۇ. بانكىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تەلەپ قىلىنىدىغان پۇل 1 يۈەندىن نەچچە يۈز يۈەنگىچە بولىدۇ.
ھېساپ ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن سىز شېركەت قۇرۇش ئۈچۈن توپلىغان مەبلەغنى ئاشۇ ھېساپقا ئولتۇرغۇزىسىز.

دىققەت:
شېركەت رەسىمى قۇرۇلۇپ (ياكى شىركەت قۇرۇلمايدىغان) بولغىچە سىز بۇ پۇلنى ئالالمايسىز.


ئاندىن مەبلەغ تەكشۈرۈش سالاھىيىتى بار بوغالتىرلىق ئورۇنلىرى 会计事务所 غا بىرىپ مەبلەغ تەكشۈرۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۇلار مەبلەغنى تەكشۈرۈپ، دوكلات چىقىرىپ بىرىدۇ. بۇنىڭ ئۇچۇن ئۇلار ھەق ئالىدۇ. ئالىدىغان ھەققى ئۇلارنىڭ  كۆلىمى، ئىناۋىتى، مۇلازىمەت سۈپىتىدىن باشقا يەنە سىزنىڭ مەبلىغىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
مەبلەغ تەكشۈرۈش داۋامىدا نۇرغۇن ھۆججەتلەر پۈتۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى "شىركەت نېزامنامىسى公司章程" دۇر. بۇ نېزامنامە سىز قۇرماقچى بولغان شېركەتنىڭ >ئاساسى قانۇنى< دۇر. شۇڭا بۇنىڭغا ئالاھىدە دېققەت قىلىشىڭىز كىرەك. ئادەتتە بوغالتىرلىق ئورۇنلىرى ئۆلچەملىك قىلىپ تەييارلاپ قويۇلغان ئونۋىرسال نېزامنامىدىن بىرنى بېرىدۇ. بۇ نېزامنامە شېركەت ئىچىدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاساسلىنىدىغان "قانۇن" بولغاچقا شېركەت قۇرغۇچىلار چوقۇم ياخشى چۈشىنىشى، ئۆزلىرى تۈزۈپ چىقىشى لازىم.

شېركەت نىڭ رەھبەرلىك قۇرۇلمىسى

شېركەتتە چوقۇم شېركەت مۇدىرىيەت ھەيئەتلىرى يىغىنى董事会، كېڭەش ھەيئەتلىرى يىغىنى理事会، نازارەتچىلىك ھەيئەتلىرى يىغىنى تەسسىس قىلىشى كېرەك. ئەگەر شېركەتنىڭ كۆلىمى كىچىك بولسا ئۇلارنىڭ ئورنىغا ماس قىلىپ ئىجرائىيە مۇدىرى执行董事، دېرىكتور经理، نازارەتچى监事 تەسسىس قىلىنسىمۇ بولىدۇ. بۇلار شېركەتنىڭ رەھبەرلىرى بولىدۇ.

باشقا ئىشلار ئانچە مۇھىم ئەمەس.
بۇ باسقۇچتا شېركىتىڭىزنىڭ خىزمەت، تىجارەت سورۇنى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات كېتىدۇ. بۇنداق سورۇن营业场所 نى سېتىۋالسىڭىزمۇ، ئىجارە ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
شېركەت قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتىن باشلاپ شېركەتنىڭ قانۇنى كۈچكە ئىگە تىجارەت كېنىشكىسى چىقىپ بولغۇچە بارلىق شىركەت قۇرغۇچىلارنىڭ ھەر خىل ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويۇشىغا توغرا كېلىدۇ.
مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكلاتى چىقىپ بولغاندىن كېيىن، بارلىق ھۆججەت ماتىرىياللارنى س س م ب ئىدارىسىغا تاپشۇرىسىز. ئۇلار تەكشۈرۈپ، لاياقەتلىك بولسا تاپشۇرۋالىدۇ. تاپشۇرۋالمىسا، قايتۇرۋەتسە سىزنىڭ تەييارلىغان ماتىرىياللىرىڭىز تەلەپكە لايىق بولمىغان بولىدۇ. قايتا تەييارلايسىز ياكى شېركەت قۇرۇشتىن ۋاز كېچىسىز.
بۇ ۋاقىتتا سىز س س م ب ئىدارىسىغا بەزى ھەقلەرنى تاپشۇرىسىز. بۇ ھەقلەرنىڭ تۈرلىرى تولۇق ئېسىمدە قالماپتۇ. ئاساسلىقى ھەرخىل كېنىشكا تەننەرخ ھەققى، شېركەتلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىق بەدەل ھەققى دېگەندەكلەر بولۇپ نەچچە يۈز كويدىن نەچچە مىڭ كويغىچە.

نەچچە كۈندىن كېيىن شېركەتنىڭ كارخانا قانۇنى كۈچىگە ئىگە تىجارەت كېنىشكىسى چىقىدۇ. بۇ كېنىشكىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ باشقا رەسىمىيەتلەرنى بىجىرىسىز.

بىرىنجى قىلىدىغىنىڭىز تامغا ئويدۇرۇش.
ج خ تارماقلىرىغا تامغا ئويدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىسىز، ئىلتىماس قىلغاندا قايسى (قانچە) تامغا ئويدۇرۇدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق يازىسىز. ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ چاغدىلا ياخشى ئويلاپ لازىملىق تامغىلارنى ئويدۇرۇۋېلىڭ.


چوقۇم ئويدۇرۇش كېرەك بولغان تامغىلار:

•        شېركەتنىڭ مەمۇرى تامغىسى 公司公章
•        قانۇنى ئىگىنىڭ ئىسىم تامغىسى 法人代表名章


ئەھۋالغا قاراپ ئويدۇرۇش كېرەك بولغان تامغىلار:

•        توختام مەخسۇس تامغىسى 合同专用章
•        مالىيە مەخسۇس تامغىسى 财务专用章
•        بوغالتىر، كاسسىرلارنىڭ شەخسى تامغىسى 会计、出纳私章


تامغىلار تەييار بولغاندىن كېيىن سۈپەت-تېخنىكا نازارەت ئىدارىسىغا بېرىپ 企业法人代码证 ئىلتىماس قىلىسز. بۇنىڭغا شېركەتنىڭ تامغىسى بېسىلغان ئىلتىماس بولىسلا بولىدۇ.
ئاندىن يەرلىك باج، دۆلەتلىك باج ئىدارىسىغا بېرىپ باج تاپشۇرۇش كېىنىشىكىسى ئىلتىماس قىلىسز. بۇنىڭ ئۈچۈن شېركىتىڭىزنىڭ مالىيە تۈزۈمى بولۇشى، بوغالتىرلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان بوغالتىرىڭىز بولۇشى كىرەك.
ئاخىرىدا ھېساپ ئاچقان بانكىڭىزغا كېلىپ، مەبلەغ تەكشۈرۈش ھېساۋاتىڭىزنى شېركىتىڭىزنىڭ ئاساسلىق ھېساۋات基本户 غا ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىسىز. بۇنىڭغا يۇقىرىدا بېجىرگەن ھەممە كېنىشكىلەر لازىم بولىدۇ. بۇ ئىش پۈتكەندىن كىيىن بانكىغا پۇل چىقىم قىلىشتا ئىشلىتىدىغان تامغىلىرىڭىزنى ئەنگە ئالدۇرۇپ 预留印鉴 قويىسىز. چەك سېتىۋالىسىز. ئەگەر شېركەت ھېساۋاتىدىكى پۇلنى چىقىم قىلمايمەن دېسىڭىز چەك ئالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

شۇنداق قىلىپ شېركەت مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا قۇرۇلۇپ بولدى. ئەمدى قورقماي تىجارەتنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. ئەمدىكى ئىشلار قانداق قىلىپ شېركەتنى روناق تاپقۇزۇش، زورايتىشتىن ئىبارەت.


شېركەت قۇرۇش جەريانى تۈگىدى.

مەنبە: http://bbs.bilik.co/thread-17799-1-1.html

ئاخىرىدا ئۈگىنىش ئەپەندىمنىڭ قىممەتلىك تەجرىبە ساۋاقلىرىنى بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن تەمىنلىگەنلىكىگە كەڭ تورداشلار نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

UID
26834
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-1-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-15
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 22:23:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئاران ئوقۇپ تۈگەتتىم. شىركەت قۇرۇش مەن ئويلىغاندەك تەسمۇ ئەمەسكەن، ئەمما ئوڭايمۇ ئەمەستەك قىلىدۇ.

UID
26078
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-1-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-28
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 13:18:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ  تىمىنى قانداق  ساقلىۋالغىلى  بۇلىدىغاندۇ   ؟  ماڭا  بەك  پايدىلىق   ئىكەن

تىرىشچان ئەزا

www.yldiyar.com

UID
13397
يازما
44
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1124
تىزىملاتقان
2011-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-6
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 21:43:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇل بولسا قۇرماق ئاسان چۈنك ۋاكالەتەن بىجردىغانلار باردە!   http://yldiyar.com بۇ يەردىمۇ ئىگلىك دەرسى سۆزلىندۇ پات ئارىدا

UID
21780
يازما
15
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-1-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-23
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 00:35:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
axkama يوللىغان ۋاقتى  2012-1-27 13:18
بۇ  تىمىنى قانداق  ساقلىۋالغىلى  بۇلىدىغاندۇ   ؟  ماڭا  ...

ماڭا ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى ئۇچۇردا ئەۋەتىپ بېرىڭ، PDF نۇسقىسىنى ئەۋەتىپ بېرەي.

كۆيۈمچان ئەزا

باھانىنىڭ كىرگى

UID
11749
يازما
82
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2602
تىزىملاتقان
2011-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-23
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 14:13:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە ھەقىقەتەن رەھمەت مەن  مۇشۇ ئىش بىلەن پاي پىتەك بولۋاتقان   

كۆيۈمچان ئەزا

قەتئىلىك ئەرلىك

UID
3268
يازما
105
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3075
تىزىملاتقان
2010-7-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-18
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 17:53:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ماڭا تازا لازىم بۇلۇۋاتقان ، رەھمەت !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش