تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 3925|ئىنكاس: 42

خام خىيال، رىۋايەت ۋە نەزەريىۋىي تەپەككۇر     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
517
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
13335
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-17
توردا
43 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 04:17:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خام خىيال، رىۋايەت  ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر



…….

قۇممۇ رىۋايەت،

سۇمۇ رىۋايەت

رىۋايەتتۇر باسقان ئىزىمىز.

قۇمدەك كۆچۈپ،

سۇدەك ئېقىپ،

رىۋايەتتىن كۆكلەر دىلىمىز.

رىۋايەتتىن تۇغۇلغان تىلەك،

رىۋايەتكە كۆمۈلگەن يۈرەك،

رىۋايەتتۇر ھەر بىر سۆزىمىز.

يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتىنىڭ غوللۇق ۋەكىللىرىدىن بىرى، شائىر ئەزىزى ئۆزىنىڭ ”رىۋايەت“ ناملىق شېئىرىنىڭ 7-بۆلىكىدە ئەنە شۇنداق يازىدۇ. بىر يىل بۇرۇن بۇ شېئىرنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا، شائىرنىڭ رېئاللىقىمىزنىڭ بىر كارتىنىسنى ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن كۆزەتكىنىگە؛ ياشاش شەكلىمىزدىكى، قىسمىتىمىزدىكى تىپىك بىر نۇقتىنى ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلىگىنىگە ھەيران قالغان ۋە شائىرنىڭ كۆتۈرۈپ چىققان باش تېمىسىدىكى تېرەنلىككە ئاپىرىن ئوقۇغانىدىم. چۈنكى، ھېلىھەم  دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر مەدەنىيەت نەزەرىيىچىلىرى بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىي ھاياتىدا، تارىخي باسقۇچىلىرىدا رىۋايەت- ئەپسانىلەرنىڭ تۇتىدىغان ئورنىنى سېستملىق تەتقىق قىلىدۇ. مەسىلەن،قۇرۇلمىچلىق ئىنسانشۇناسلىقىنى يارىتىپ ئاكادىمىيەلەردە قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان، ھەتتا زاڭزۇ يازغۇچىسى ئالەيگە قەدەر چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن فرانسىيە ئىنسانشۇناسى، بۈگۈنكى زامان ئىنسانشۇناسلىقىنىڭ ئاساسىچىىسى لېۋ ستراۋىستىن تارتىپ ئۇنىڭ زاماندىشى ، ۋەتەندىشى، يەنە بىر مەشھۇر جەمئىيەت نەزەريىچىسى رولەند بارس ”رىۋايەت، ئەپسانە“ تېمىسىدا خاس ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ بۇ تېمىدىكى ئەسەرلىرى ھېلىھەم كلاسسىكتۇر. بۈگۈنكى زاماندىمۇ رېئاللىق بىلەن رىۋايەتنىڭ ئوتتۇرىسدازىچ مۇناسىۋەت بار. بىزنىڭ رېئاللىقىمىزمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.

شائىر ئەزىزى يورۇتۇپ بەرگىنىدەك،   تۇرغان- پۈتكىنىمىز رىۋايەتتۇر. ئاڭلاپ، ئىشىنىپ، ھاياجانلىنىپ كەلگەن نەرسىلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىنىسى رىۋايەتتۇر. پاكىت بولمىغان، ئەسلى ھادىسەنىڭ ماھىيتىگە زىت گەپلەر ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى بىزنى ئىشەندۈرۈپ، ئۈمىدلەندۈرۈپ،ئالداپ كەلدى. ھېلىھەم يېڭىياچە رىۋايەتلەرنى، ھاياجان گەپلەرنى ياساپ تۇرىمىز؛ ئاڭلاپ تۇرىمىز.

«قۇرئان تۇتتى ئەمەسمۇ» دەپ ئشەنگەنىدى بوۋىمىز تۆمۈر خەلىپە ۋە بىر يۇرتنىڭ تەقدىرنى بىر ئېغىز ئالدامچىلىققا قوش قوللاپ تۇتۇپ تېگىشۋەتكەنىدى.“سوۋېت ياردەم بېرىدۇ“ دەپ ئشەنگەنىدى ئاتا-بوۋلىرىمىز بىر چاغلاردا. ھەتتا سېىيت نوچى ”لېنىن يولى“ دەپ قوشاقلارنى توقۇشقىمۇ ئۈلگۈرگەنىدى. كېيىن ”تۈركىيە ياردەم قىلىدۇ“ دېگەن رىۋايەت پەيدا بولدى. ھازىرمۇ يېڭى رىۋايەتلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز: ”پۇستانى پالۋانكەن، بىر قوينى تولۇق يەۋېتىپتۇ“ (قاراڭ ماۋۇ پالۋانلىق ئۆلچىمىگە، تېخى ئالدىنقى ھەپتە مىسرانىمدا مودا بولغان تېما)، ”پۇستانى جىنس دۇنيا رىكورتى بىلەن ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇپتۇ“، ”پۇستانى  ھېچكىم ياساپ باقىمغان بىر نەرسە ياساپ دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇپتۇ“، ”ئامېرىكا ياردەم قىلىدۇ“، ”ئەدەبىياتىمىزنى دۇنياغا تونۇتىمىز“، ”پۇستانى  پۇستانچە ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا كۆرستىلىپتۇ“، ”پۇستانى پۇستانچى دۇنياۋىي ئالىمنىڭ پۇستانچى نەزەريىسىنى ئاغدۇرۇۋېتپتۇ“، ”ئەسقەر كۆك بۆرە يېڭى زىلاندىيىدە ئويۇن قويۇپ ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇپتۇ“….

ئۇيغۇرلار ھېلىھەم رىۋايەت ياسىماقتا. يېڭى رىۋايەتلەر بارلىققا كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. دېمىسىمۇ ئادەملەر رىۋايەت ۋە ئەپسانە بولمىسا رېئاللىقنىڭ ئازابلىرىغا چىديىالماسلىقى مۇمكىن. ئەپسۇس، ئوبيكتىپ پاكىت ناھايىتى ئۇزاق يىللاردىن كېيىن قېرىنداشلىرىمىز شەك-شۈبھىسىز ئشىنىپ كەلگەن نۇرغۇن كۆز قاراشلارنىڭ ئەپسانە، رىۋايەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ قويۇۋاتىدۇ.ئۇنى ھېس قىلغاندا بولسا كېچىكىۋاتىمىز.

نەچچە قېتىملاپ ئاچقۇچلۇق پەيتلەردە رىۋايەتكە ئشىنىپ قالغىنىمىز ئۈچۈن پېچكا بولدۇق. باشقا دۆلەتلەر ھېلىھەم بىزنى رىۋايەت-ئەپسانىلەر ئارقىلىق ئىشەندۈرۈپ پېچكا قىلماقتا ھەم پېچكا قىلىش ئالدىدا. سودا ۋاستىسى بولۇپ قالدۇق.

بىزنى يەنە نېمە يېڭى رىۋايەتلەر ۋە يەنە نېمە يېڭى قسىمەتلەر كۈتۈپ تۇرىدىكىن؟

جەمئىيەت ۋە خام خيال مەڭگۈلۈك تېما. خام خىيال كشىلەر رېئاللىقنىڭ ئازابلىرىغا چىيالماي قالغاندا پەيدا بولىدۇ. ئاندىن شۇ خام خىيال تۇغدۇرغان ئېيتىملار  رىۋايەت ۋە ئەپسانە ھالىتىدە ئەكىس ئېتىدۇ ، ھەتتا خېلى بىرى تۈركۈم ئۇقۇمۇشلۇق كشىلەرنىڭ ئېڭىنىمۇ خېلى ۋاقىتلارغىچە گالۋاڭ قىلىدۇ.

خوش، ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار ۋە رىۋايەت ھەققىدىكى بۇ گەپلەرنىڭ ”نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر“ تېمىسىدا نېمە زۆرۈرىيىتى؟ نېمشىقا بۇ گەپلەرنى خۇلاسە ئورنىدا يېزىپ يۈرىمىز؟

چىقىش نۇقتام  شۇكى، ئاۋام مەيلى. ئەممام زىيالىيلىرىمىزنىڭ رىۋايەتكە، ئەپسانىگە، ئەپقاچتى گەپكە ئالدانماي ”زادى بۇ پاكىتمۇ؟ ئوبيېكتىپ ماھىيەت قايسى؟ قايسى يالغان گەپ؟“ دەپ ئۆزىگە سوئال قويىدىغان ۋاقتى كەلدى. كۆپىنچە ئاڭلىغان، بىز مايىل بولغان گەپلەر خاتا بولۇپ چىقىدۇ. رىۋايەت شەكلىدە، دېداكتىكا شەكلىدە ئېيتىلغان بايانلارمۇ، ھەتتا ئەدەبىي ئەسەرلەرمۇ (باشقا جەھەلەردە قىممىتى بولغان بىلەن) ئەمدى بىزنىڭ  يولۇقۇۋاتقان تېپشىماقلىرىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ.

قانداق قىلىش كېرەك؟ ئوبيېكتىپ پاكتىقا يېقىنلىىش ئۈچۈن، مەسىلىلەرگە يولۇققاندا ئەسلى ماھىيەتنىڭ نېملىكىنى بىلىش ئۈچۈن ھەر بىر ھادىسە ۋە قىسمەت ھەققىدە، ھەر بىر مۇئەمما ياكى باش قېتمچلىقى ھەققىدە نەزەريىۋي يوسۇندا ئويلىنىش كېرەك. رىۋايەتكە، گەپكە ئشىنىپ قالىدىغان خۇي بىلەن ئوبيكتىپ پاكتقا يېقىنلاشقىلى، نەزەريىۋي تەپەككۇرنى قىلغىلى بولمايدۇ. شۇ ساھەدىكى قانۇنىيەتلەرنى ئىلمىي يوسۇندا، مول پاكىت- دەلىللەر ياردىمىدە ئسپاتلاپ بەرگەن نەزەرىيىۋي كىتابلارغا يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك. ئەمدى ۋاقتىمىز كەلدى. بۇ يۈرۈش قىلىش ۋەزپىسى مۇشۇ يەردىكى ياش ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ زىممىسدە. يەنە مىراس قالدۇرۇشقا بولمايدۇ. يەن فۇ ئادەم سىمىسنى 1892- يىلى، سېپېنسېرنى 1902- يىلى تەرجىمە قىلغانىدى. خەنزۇ زىيالىرى ئاۋگۇست كومتنى 1918- يىلىلا بايقاشقا ئۈلگۈرگەنىدى. بىزنىڭ مۇشۇ ساھەدە ئىش قىلدىغان كۆپىنچە ئادەملىرىمىز بولسا ئەمدىلەتىن بۇ نەزەريىچلەرنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاۋاتىدۇ. كېچىكىش قىسمەتكە پۈتۈلگەن.

1985- يىلدىن باشلاپ بىر تۈركۈم يېڭىلىق روھىغا باي ياش شائىرلار ئەنئەنىۋي شئىر چۈشەنچىسىگە ئوت ئاچقانىدى. ئۇنىڭ ئاڭ يېڭىلاشتا ئۈنۈمى بولدى. ئەمدى 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ مەنتىقلىق تەپەككۇرغا كۆنمىگەن، نەزەريىۋي تەپەككۇرغا كۆنمىگەن،  ئەپقاچتى گەپلەردىن، ئاساسي يوق گەپلەردىن ئۇزۇنغىچە ھاياجانلىىندىغان روھىي دۇنيارىمىزغا جەڭ ئېلان قىلىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى.

«ئىنسان ئۆزى بىلمىگەن نەرسىنىڭ دۈشمىنى» دەيدۇ ئەرەبلەر. ”ئىنسان ئىچىدىكى زىنداننى ھەممە يەرگە ئۆزى بىلەن ئېلىپ بارىدۇ“ دەيدۇ مودىرنىزم ئېقىمىنىڭ غوللۇق پشېۋالىرىدىن بىرى ئوسكار ۋىلدى. ئەمدى مەن دەيمەن“ باشلىرىمىز بىر زىندان، تۇرغان پۈتكىنىمىز بىر نادان، كاللىمىزنىڭ زىندان ئىكەنلىكىنى تونۇشمىز كېرەك“. شۇ ساھەدە يېزىلغان چوڭقۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇماي تۇرۇپ ئۆزىمىزدىن پەخىرلىنىپ ئۆتۈپ كېتىۋېرىمىز؛ نادانلىقىمىزنى تۇيمايمىز.

ۋاشاڭ قىلىۋېتلگەن ، پاخال قىلىۋېتىلتلگەن ئىدىيەلەر، كونترول ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن شوئار ئېيتملىرى نەزەريە دەپ چۈشىنىلىپ، نەزەرىيە ھەققىدكى چۈشەنچىمىز مۇۋەپپەققىيەتلىك يوسۇندا ئاستىن- ئۈستۈن قىلۋېتىلدى. ئاڭلىق- ئاڭسىز يوسۇندا بارلىققا كەلگەن جەريانلارسەلبىي نەتىجىسىنى ئوبدان كۆرسەتتى. ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرىدىكى قىممەتلىك نەزەرىيىۋي ئەسەلەر ئوقۇلمىدى. ھەتتا مۇشۇ كۈنلەردىمۇ ئۇيغۇرنىڭ خېلى بىر قىسىم زىيالىلار توپى نەزەريۋىي ئەسەرنىڭ قىممىتىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇيغۇرنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە شۇ ساھەنىڭ ئەڭ ئالدىغا كەتكەن، چوڭقۇر يېزىلغان نەزەريىۋي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چۈشنىدىغان ئادەم يۈزگە بارمايدۇ.

سىستېمىلىق بۇلغانغان زېھىنىمىز، زەخمىلەنگەن تەپەككۇرىمىز ئەمدى تازا ”مېۋىسى“ نى كۆرسەتمەكتە. ئۆزىنى سەمرىتىشىش ۋاسىتىسىغا، مۇناسىۋەت ۋاسىتىسغا  ئايلانغان زور كۆپ قىسىم ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ نەچچە يىللاردىن بېرى ئادەمنى ھۆ قىلغۇدەك دەرىجىدە چىقىشى بىزنى ئىلمىي ئەسەر ئوقۇمايدىغان، نەزەرىيىۋي ئەسەر ئوقۇمايدىغان بىنورماللىقا گىرىپتار قىلدى. بۇنىڭ زىيىنى تېخى ئالدرىماي كۈچىنى كۆرستىدۇ. بۇنداق ئشىلار يۈرىكمنى يەيدۇ.

ئوسمانجان ساۋۇت بىر شېئېرىدا  “تاش بولغىن يۈرىكىم تاش بولغىن ئەمدى“ دېگەن مىسرادا نېمىنى كۆزدە تۇتقان بولغيدىكىن؟  مەن سان-ساناقسىز بىنورمالىقلارنىڭ بىر تۈرى بولغان مۇشۇ ئىلىم ئاڭقاۋلىقىنىڭ ئادەم چىدىغۇسىز دەرىجىگە بارغىنىنى ھەر بىر قېتىم ھېس قىلغىنىمدا يۈرىكىمنى بىر نەرسە يەيدۇ؛ يۈرىكىم ئازابلارغا چدىمايدۇ. مەن شۇنداق چاغلاردا  ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ”تاش بولغىن يۈرىكىم تاش بولغىن ئەمدى“ دېگەن مسىراسىنى ئەسلەپ قالىمەن ۋە  ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىمەن. قايسى بىرسىگە ئاھ ئۇرۇپ بولاي!

نەزەريە ۋە نەزەريۋي تەپەككۇر ھەققىدىكى كونا چۈشەنچىلەرنى چۆرۈپ تاشلايدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. رومان، شېئىر، ھېكايە، تارىخىي ئەسەردىن باشقا  ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ بارلىقىنى قانچە بالدۇر چۈشەنسەك، ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ، بەدىئىي تەسەۋۋۇرنىڭ نۇرغۇن تېپشىماقلارغا ئوبيكتىپ يوسۇندا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى قانچە بالدۇر چۈشەنسەك، ئەقليلىشىش يولىغا شۇنچە بالدۇر قەدەم قويالايمىز. ئەجدادلارنىڭ پۇتىدىن ئۈنگەن تىكەنلەرگە دەسسەپ كېتۋاتىمىز. ئەۋلادلارغا يەنە تىكەنلىك يول قالدۇرۇپ كەتمەسلىكنىڭ بىرىنچى شەرتى سوغۇققان يوسۇندا تەپەككۇر قىلىش. چۈنكى، ئېينشتېيىننىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، ”بىز ياراتقان بۇ دۇنيا بىزنىڭ تەسەۋۋرۇىمىزنىڭ مەھسۇلى“.بۇنىڭ ئۈچۈن نەزەريىۋي ئەسەرلەرگە يۈرۈش قلىشىمىز لازىم. نەزەريە ۋە نەزەريىۋىي تەپەككۇر ھەققىدىكى چۈشەنچىمىز ئىپتىدائىي ھالەتتە.

ئەپسۇس، بىر مەسىلىنى پەيدا قىلغان ئاڭنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، چۆرۈپ تاشلىماي تۇرۇپ، يەنە شۇ ئوخشاش مەسلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. يەنى نەزەريە ھەققىدە بۇرمىلانغان ئېڭىمىز بىزنى بۇندق نەزەريىۋي ئەسەرلەرگە ھۆ قىلغۇزۇۋەتكەن.ئەمدى ئاۋۋال ئۆزىمىزدىكى شۇ زالىم ئاڭنى ئاغدۇرۇشقا تىرىشىشمىز، نەزەريە ۋە نەزەريىۋي تەپەككۇرنى مەنستمەيدىغان شۇ ئاڭقاۋلىققا جەڭ ئېلان قىلشىمىز كېرەك.

قانداق جەڭ ئېلان قىلىمىز؟ بىرىنچى شەرتى، بۇرۇن ئۆگەنگەن شۇ ھەقتىكى ئەبجەق تونۇشلارنى ئۇنتۇپ كېتىشىمىز كېرەك. گرمانىيە جەمىيەت نەزەريچىسى جۈرگېن خابېرماسنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، ”ئىلگىرى ئۆگەنگەن بىلىملىىرىمىز داۋاملىق ئىلگرىلشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ“. شۇڭا  يۇيۇلغان كاللىنى يەنە بىر قېتىم يۇيۇش كېرەك.

يازغۇچى ئەزىز نەسيىننىڭ ”ھازىرقى بالىلار كارامەت“ ناملىق ئەسىرىدە ئەخمەت تارباي ئۆزى يېڭى كۆچۈپ بارغان شۇ يەردىكى مۇئەللىمىنىڭ قاتتىق قوللۇقىنى سۈرەتلەپ ساۋاقدىشى زەينەپكە مۇنداق خەت يازىدۇ:

……….

-كونا ئوقۇتقۇچىمىز ناھايىتى ياخشى ئۆگەتكەنىدى،-دېدى دېمىر ئۆزىنى تۇتالماي.

يېڭى مۇئەللىمىز بىر ئاز مەسخىرە ئارىلاش:

-شۇنداق ئىكەن،بەرگەن جاۋابڭلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ،_دېدى.

ئۇ مۇنبەر ئالدىدا ئۇيان-بۇيان مېڭىپ ئاۋازىنى سەل سىرلىقلاشتۇرۇپ دېدى:

-بالىلار، بۇرۇن ئۆگەنگەن نەرسەڭلارنى ئۇنتۇڭلار، ھەممىنى يېڭىۋاشتىن ئۆگىنىسلەر!

   دېمىر پىكىر قىلماقچى بولۇپ قولىنى كۆتۈردى:

_بىراق، مۇئەللىم، كىتابلىرىمىزدا نېمە بولسا شۇنى ئۆگەندۇق.

_ھازىر مەن سلەرگە بۇرۇن ئۆگەنگەن نەرسەڭلارنى ئۇنتۇڭلار دەۋاتىمەن.

               ئەخمەت تارباينىڭ ساۋاقدىشى زەينەپكە يازغان خېتىدىن.

مەن ئۇستازلار- دوستلار ئالدىدا ئۆزۈمنى ئاشۇ قاتتىق قول، سەپرا مۇئەللىم ئورنىدا كۆرسەتمەكچى ئەمەس ھەم بۇنىڭغا ھەددىممۇ يوق. ئەمما، بۇ تېمىنىڭ ئاخىرقى جۈملىسى سۈپىىتدە ئىزدەنگۈچىلەرگە شۇنداق خىتاب قىلىمەن:

-زىيالى دوستلار، بۇرۇن نەزەريە ھەققىدە بىلىۋالغان چۈشەنچىڭلارنى ئۇنتۇڭلار!

2010-يىل ماي

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

UID
10718
يازما
53
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1284
تىزىملاتقان
2011-4-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-20
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 12:16:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق يازمىلارنى ئوقۇسام شۇنچىلىك روھلىنىپ كىتىمەن.راسىت گەپنى دىسەم مەندە ئۇنتۇپ كىتىشكە تىگىشلىك  نەرىزىيە يوق،كاللام قۇپقۇرۇق. ئۆزۈمنى يىڭىلاپ باقماقچى بولىمەن بىراق بۇنىڭ ئىلىپ كىلىدىغىنى خۇشاللىق ئەمەس.
          ئۇيغۇرزادىنىڭ 2010-يىلى يازغان ماقالىسىنى ئەمدى يوللىغىنى ئۇنىڭ بۇ يازمىنى يوللىقىنىدىن ئارسالدى بولۇپ قالغانلىىقىنى چۈشىنەمدىم ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ؟
           مىنىڭچە ۋات،چۇلا، تارىم قاتارلىق يولداشلار بىلەن ئىلىپ بىرىلغان تىل ئۇرۇشىغا ئىسراپ قىلغان ۋاختىڭىزنى مۇشۇنداق ئىسل يازمىلارغا سەرىپ قىلسىڭز ئارتۇق نەتىجىگە ئىرىشىسىز ئۇيغۇرزادە.

UID
9438
يازما
196
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
4906
تىزىملاتقان
2011-2-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-23
توردا
78 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 14:55:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بابۇرخان قېرىندىشىمنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن! ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن مۇنداقمۇ بىر ھىكمەت قالغان «كارۋان يۈرىۋېرىدۇ، ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ!»
بۇ ماقالىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداق سۆيۈندۈمكى...بولدى ۋاقتىڭىزنى «»غا سەرىپ قىلماي، مانا مۇشۇنداق يول باشلاش خارەكتىرىدىكى ئىسىل ئەسەرلەرگە سەرىپ قىلغايسىز! قاپ يۈرەكلىك بىلەن شۇنداقمۇ دىيىشكە بولۇدۇكى ياخشى بىر پىكىرنىڭ ئوجۇقتۇرۇلىشىنىڭ ئۆزىمۇ بىر جىنايەتتۇر!

__________
ئىنكاسىڭىزغا دىققەت قىلىڭ! تەھرىرلەندى.   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-23 15:49  


UID
20750
يازما
39
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
39
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-22
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 15:20:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيەرگىمۇ  بىر خەتكۈچ  سېلىپ قوياي ،،ئاخىرىنى  تېپىشقا  قولاي بولىدۇ .

UID
6579
يازما
27
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
207
تىزىملاتقان
2010-10-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-19
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 16:19:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادىكى مىللەتلەر ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. بىرى، تەپەككۇر تىپىدىكى مىللەتلەر، يەنە بىرى، ھاياجان تىپىدىكى مىللەتلەر. بىز ئۇيغۇرلار دەل كىيىنكىسىگە تەئەللۇق. ئەڭ ئاسان خاتالىشىدىغان ئادەملەر دەل ئەڭ ئاسان ھاياجانلىنىدىغان ئادەملەر. شۇ ۋەجىدىن بىز مىللەت سۈپىتىدە ئەدەبىيات-سەنئەتكە زىيادە ھېرىسمەن. بەلكىم ئەدەبىيات-سەنئەت بىزگە شۇ خىل  خارەكتىرنى يىتىلدۈرگەندۇ. سىز ئوتتۇرغا قويغان ئەندىزىگە مۇشۇ ‹‹ھاياجان››نى قانداق تۈگىتىش دىگەن پىكىرنى قاتىمەن.
  ناۋادا يەرگە تېرىگىلى بولسا، ئىدىيەنى تەرسە ھەرىكەتتىن ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، ھەرىكەتنى تەرسە، ئادەتتىن ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، ئادەتنى تەرسە خارەكتىردىن ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، خارەكتىرنى تەرسە، تەغدىردىن ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ.
  دىمەك ئىدىيە ئەنە ئاشۇنداق مۇھىم.
جەمىيەتشۇناسلارنىڭ ئادىمىيلىك ۋەزىپىسى . اللە سىزگە ھەم ھەممىمىزگە ئاسانلىق بەرسۇن.
   
  

باھا سۆز

ghemkvz  ماۋۇ گېپىڭىز دەھشەت خاتا ئايرىش بوپتۇ  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 17:33:16

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
517
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
13335
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-17
توردا
43 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 11:36:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىلىقتا بۇ تېما يەنە بېييىدۇ. نەزەريىۋيىلىكى يۇقىرى كىتابلارنى قينلىپ تۇرۇپ ئوقۇش، چۈشىنىش جەريانىمدا ئېرشكەن تەسىراتلرىمنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ «قانداق قىلغاندا نەزەريىۋيىلىكى يۇقىرى كىتابلارنى چۈشىنىشپ ئوقۇش ئادىتى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟تەپەككۇرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلالشىمىز مۇمكىن» دېگەن نۇقتىلاردا يىغنچاق قىلىپ ئويلغانلىرىمنى دەپ ئۆتىمەن. مۇھاكىمە قىسقىچە سوئال-جاۋاب شەكلىدە داۋام ئېتىشى مۇمكىن.
بىر ئاز ساقلاشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ. ئەپۇ قىلىڭلار. تېمىنىڭ داۋامى بار.

UID
9438
يازما
196
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
4906
تىزىملاتقان
2011-2-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-23
توردا
78 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 13:23:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلايمىز بۇرادەر، ئۈمۈدىمىز سىزدە.    ئەمما... ئەمما لېكىن.....ئىسمىمىز «ساقلاپ» بولۇپ قالمۇسۇن جۇما.

UID
10718
يازما
53
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1284
تىزىملاتقان
2011-4-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-20
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 16:22:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گرمانىيە جەمىيەت نەزەريچىسى جۈرگېن خابېرماسنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، ”ئىلگىرى ئۆگەنگەن بىلىملىىرىمىز داۋاملىق ئىلگرىلشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ“. شۇڭا  يۇيۇلغان كاللىنى يەنە بىر قېتىم يۇيۇش كېرەك.

----------------------------
ئۇيغۇرازادە سىز قانچە قىتىم كاللا يۇيۇش جەريانىنى باشتىن كۈچۈرگەنسىز؟

UID
6825
يازما
402
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
11663
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-23
توردا
66 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 17:22:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ئۈگەنگەن بىلىمنىڭ زىيىنى يوق،بىراق بىلىمنى يېڭلىيالماسلىق بىر قاباھەت،ئۇ ئادەمنى تەرسالاشتۇرۇپ،تىرىككەك قىلىپ،ئۆز ئەتراپىنى مەرگەز قىلىشتەك زاۋانلىققا باشلايدۇ.ئۈزىنى،ئەتراپىنى يادىرو قىلۋېلىپ،باشقىلارنىڭكىنى ‹‹ھىنىمە›› دەپ قاراش ھازىر مىللىتىمىزدە ساقلىنىۋاتقا ئەڭ قورقۇنچىلىق رىياللىق،بىز باشقىلارنىڭكىنىمۇ-ئۆزىمىزنىڭكىنىمۇ ئىجادى قۇبۇل قىلالايدىغان تەپەككۈرگە ئىگە بۇلۇش ئۈچۈن ئىزدىنىشىمىز كېرەك.
ئاجرىڭىزگە رەھمەت!

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-24 17:23):
‹‹ھىنىمە››نى ھىچنىمە دەپ ئۇقۇشۇڭلارنى ئۆتىنىمەن

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
517
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
13335
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-17
توردا
43 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 00:52:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
baburhan يوللىغان ۋاقتى  2012-1-24 16:22
گرمانىيە جەمىيەت نەزەريچىسى جۈرگېن خابېرماسنىڭ گېپى  ...

قانچە قېتىم كاللا يۇيۇش جەريانىنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگىنىمنى ئەسلەپ بېرەلمەيمەن.ئىشقىلىپ خېلى جىق. ئەمما، بۇرۇنقى مائارىپ شەكلىدە، ئەبجەق بىلىم، ساختا بىلىم بىلەن زەھەرلەنگەن كاللامنى يۇمىغۇم ئاسانغا توختمىدى(ھېلھەم ئوقۇغانلىرىمغا تەنقىدي يوسۇندا مۇئامىلە قىلىمەن) .بۇ جەرياندا ئىماننىڭ، ئەقىدە رولىنى بەكمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم.بىلىمگە ئەقىدە بىرلەشسە بەكمۇ ياخشى بولىدىكەن. بۇ گەپنىڭ ئەڭ كلاسسىك  مىسالى مۇسۇلمان پەيلاسولىرىدىن فارابى،  ئىبىن رۇشېد ۋە گرمان پەيلاسوپى ئىممەنيۇل كانت.

يەنە بىر تەسىراتىم شۇكى، مەكتەپ سىياسىنىڭ شىكارى بولغاچقا،  مەكتەپ مائارىپىدىن قەتئىي ئۈمىد كۈتمەسلىك كېرەك دەپ ئويلايمەن.ئادەمنى ئۆزىنى تونۇشقا ۋە ھەرىكەت قىلشىقا ئۈندەيدىغان تەربىيە يەنىلا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ تەربيىلىنشتۇر. ئەمدى بىزدىكى ھەر بىر ئاتا-ئانا ئۆيدە ئوقۇتقۇچى بولۇشى، ئۆيئوقۇلنى كۈچەيىتشى كېرەك.


بىزنىڭ بۇرۇن مەكتەپتە ئۆگەنگىنىمىز بىلىم ئەمەس، ئۇ بۇلغام. زېھىنىمىز بۇلغىنىپ كەتتى.
«بۈگۈن قانچىلىك بۇلغام قوبۇل قىلدىم؟» بۇ سوئالنى چىرىك بىر مۇھىتتا دائىم ئۆزىمىزدىن سوراپ تۇرغىنىمىز ياخشى.
تاماق يېمىدۇق، زەھەر يېدۇق،
بىلىم ئالمىدۇق، بۇلغام ئالدۇق.

باھا سۆز

semerqent  مۇشۇنداق پىكىرلەرنى قىلىشقا جۇرئەت قىلالايدىغانلار قانچىلىك ؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 23:05:10
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش