تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئىگىسى: uyghurzade

نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋىي تەپەككۇر بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
25255
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-1-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-19
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 02:40:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
9438
يازما
276
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
4986
تىزىملاتقان
2011-2-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-17
توردا
195 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 06:09:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرزادە ئەنىۋەر جۇلادىن ئاغرىنىپ مۇنبەردىن چىكىنمىدى. ئەگەر ئەنىۋەر جۇلادىن ئاغرىنغان بولسا «تەنقىت» تىن كېيىن قايتا تىما يوللاپ ئولتۇمىغان بولار ئىدى. ئەكسىچە بەزىدە ئادەمگە ئەنىۋەر جۇلادەك قارشى تۇرالايدىغان ئادەملەرمۇ كېرەك بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بۇنداق قارشى پىكىرلەر يوللىغان تىماڭنى ئالاھىدە قىززتىپ، كىشىگە بەلگىلىك ئىلھام بەخىش ئېتىدۇ ۋە شۆھرىتىڭنى ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتكۈل مۇنازىرە جەريانىدا ئۇيغۇرزادىگە قارشى تۇرغۇچىلاردىن قايىل بولغۇچىلار، ھىمايە قىلغۇچىلار جىق. بۇ نۇقتىنى  ئۇيغۇرزادە بىلەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئەمەس، ئەلبەتتە بىلىدۇ ۋە ئۇنى مەلۇم دەرىجىدە خۇشاللىققىمۇ ئىگە قىلىدۇ.
ئۇنداقتا ئۇيغۇرزادە مۇنبەردىن نىمە ئۈچۈن چىكىندى؟ ئۇيغۇرزادەئەپەندىنىڭ مۇنبەردىن چىكىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ: تادۇنىڭ بىلگەنلىرىنى ئايرىم تىما يېزىپ، ئوتتۇرىغا قويماي، ئۇيغۇرزادىگە رودىپايدەك چاپلىشىۋېلىشى، رو چىۋىندەك «ئۇياقتىن قوغلىسا بۇ ياققا» دىگەن بىزەڭ ھالىتى، سېلسەبىل تورداشنىڭ ئاساسى نۇقتىئىنەزەرنى قايرىپ قويۇپ،  «دىن ئىدىلوگىيە» دىگەن تارماق نۇقتىئىنەزەرگە ئېسىلىۋېلىپ  بىلەرمەنلىك قىلغانلىقىدەك مەمەدانىلىقى ۋە بىرقىسىم تورداشلارنىڭ تىمىنى ئوقۇمايلام ئىنكاس يېزىپ ئالدىراپ خۇلاسە قىلىشى سەۋەپ بولدى. يۇقارقىلار ئۇيغۇرزادىىگە ئاۋام ئۈچۈن كەتمەن چېپىشنىڭ قىيىلىقىنى تېخىمۇ ھىس قىلدۇرۇپ، ئۇنى ئۈمۈتسىزلەندۈردى.
ئۇنداقتا ئۇيغۇرزادە توغرا قىلدىمۇ؟ ئۇيغۇرزادىنىڭ قېييىداپ مۇنبەردىن چىكىنىشىنى، بولۇپمۇ سەرخۇش بىلوگىنى تاقىشىنى تامامەن توغرا دىگىلى بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئۆزىنى ئۆلتىرىۋېلىش تىپىدىكى ئىرادىسى ئاجىزلىققا كىرىدۇ.
ئۇنداقتا بىز قانداق قىلدۇق؟ بىز ئەڭ ئەقەللىي بولغان مۇنازىرە ئەخلاقىغىمۇ رىئايە قىلالمىدۇق. بىز ئۇيغۇر زادىنىڭ تىمىسىنى تولۇق يوللىۋېلىشىغا، ئوتتۇرغا قويماقچى بولغان كۆزقاراشلىرىنى تولۇق ئوتتۇرىغا قويىۋېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىش خارەكتىرىدىكى ئىنكاسلارنى كۆپرەك يېزىپ، ئۇنىڭ قوسىغىدىكىنى تولۇق قېزىپ چىقارساق، ئۇيغۇرزادىنىڭ تىمىسى ئاخىرلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆز كۆزقاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويساق ياخشى بولاتتى. بىز ئۇنداق قىلالمىدۇق، ئەكسىچە ئۇيغۇرزادىنى يېڭىۋالساق بىراقلام شۆھرەت تاپىدىغاندەك قىلىشىپ، بىريەرلىرىمىز قىچىشىپ ئولتۇرالماي قالدۇق!

UID
11394
يازما
109
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2089
تىزىملاتقان
2011-5-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-13
توردا
95 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 12:57:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
36تەدبىرنىڭ ئىچىدە«پىشىنى قېقېپ كىتىپ قېلىش»دەپ بىر تەدبىر بار،ئۇ مەغلۇپ بولغانلىقنى ئىپادىلىمەيدۇ،بەلكىم ئازراق چىكىنىپ ئۇزىگە قايتىدىن ئۇزىنى رۇسلاپ زەربە بىرىشكە پۇرسەت قالدۇرۇشنى كورسىتىدۇ،ئۇيغۇرزادە ئەپەندىم بەلكىم ئۇزىنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى پۇتتۇرۇش ئۇچۇن ۋاقىتلىق ئۇزىنى تارتقاندۇ،بۇنىڭغا ئەجەپلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق.

كۆيۈمچان ئەزا

بۈگۈن بىز بۇ يەردە قېرىنداش !!

UID
12992
يازما
266
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2427
تىزىملاتقان
2011-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-15
توردا
76 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 19:08:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghurzade يوللىغان ۋاقتى  2012-1-29 01:18
مەن بۇ تېمىدىن خوشلاشماقچى، ئۇنىڭدىن بۇرۇ ...

    ئۇيغۇرزادە ئاكا !

  ئۆز ۋاقتىدا يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن رەنجىپ ئاللاھدىن ئىزنى ئالماي تۇرۇپ قەۋمىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن ئىدى ، ئەپسۇس دېڭىزدا بېلىقنىڭ قارنىغا كىرىپ قېلىپ  ئۈچ كۈن ياتتى ، ئاندىن بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ ئاللاھقا تەۋبە قىلدى ، ئاللاھ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنى ئامانلىققا ئېرىشتۇردى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايتىپ كەلدى ، قارىسا قەۋمىمۇ ئىمان ئېيتىپ ئۇنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇرغان ئىدى . بۇ گەپلەرنى سىزگە چاقچاق تەرىقىسىدىلا دەۋاتىمەن . ئەلۋەتتە بىر پەيغەمبەر بىلەن سىزنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ . شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى ئەلكۈيى ئۆزىنىڭ ‹‹ئۇيغۇرزادە››سىراپ قالغىنىنى ھېس قىلغىنىدا سىزنى يەنە بۇ يەردە كۆرسەمكەن دەيمەن .

باھا سۆز

aaa007  پەيغەمبەرلەر ھەققىدە بۇنداق چاقچاق قىلماڭ، جاقجاق چىقىپ قالىدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 03:50:40

UID
28334
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-2-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-3
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 19:22:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قارابەگنىڭ ماۋۇ گىپىنى قوللايمەن

«ئۇنداقتا ئۇيغۇرزادە توغرا قىلدىمۇ؟ ئۇيغۇرزادىنىڭ قېييىداپ مۇنبەردىن چىكىنىشىنى، بولۇپمۇ سەرخۇش بىلوگىنى تاقىشىنى تامامەن توغرا دىگىلى بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئۆزىنى ئۆلتىرىۋېلىش تىپىدىكى ئىرادىسى ئاجىزلىققا كىرىدۇ.

شۇنداق ،بۇنداقلا  چقىپ كەتسە  بىر قىسىملارنىڭ ئېغىزى يەنىلا  جىم تۇرمايدىكەن ،
بىر نەرسە يازسا قەستەن پۇتاق چىقىرىدىكەن ،يازماي چىقىپ كەتسە قورقۇپ قاچتى دەيدىكەن .

نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئۇيغۇرزادە قايتىپ كەلسىكەن دەپ ئومۇت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .مەنمۇ شۇ ئۈمۈدتە.


UID
16453
يازما
52
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
52
تىزىملاتقان
2011-10-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-16
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 23:16:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ھىس قىلمىغانلار ئۈچۈن  ئۇيغۇرزادىنىڭ چىكىنىشى ھىچقانداق ئىش ئەمەس، لىكىن بىلگەنلەر ئۈچۈن بۇ بىر يوقىتىش. شەخسەن مەن  بەك باشقىچە بوپ قالدىم، يەنە خىلى جىق بىلىملەر بار ئىدى بىز سىزدىن ئىرىشىدىغان، مۇنبەردە بولسىمۇ  پىكىرلىرىڭىزدىن ئىلھام ئالاتتىم... ئىچىمدە جىق گەپلەر بار ئىدى، دېيەلمىدىم...
     خەير، بىز يەنىلا سىزنى كۈتىمىز، ئامان بولۇڭ.

UID
21283
يازما
27
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-23
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 02:02:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇپ قويسام بولغۇدەك

UID
27841
يازما
66
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
66
تىزىملاتقان
2012-1-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-2
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 04:04:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدىكى نۇرغۇن تورداشلارنىڭ بەكمۇ سەمىمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، بۇلاردىن بىر-ئىككىسىلا ئۇيغۇرزادە ئاكىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى خالايدۇ، قالغانلىرى تاماشا تۈگەپ قالغىنىدىن  ئۇنى چاقىرىۋاتىدۇ.
مەن ئۇنىڭ كىتاب يېزىشىنى خالايمەن، بۇ تېمىدا ئۇيغۇرزادە ئاكا دىن ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆزى قىستۇرۇپ قويدى ۋە بەزى گەپلەرنى ئالدىراپ دەپ قويدى. ھازىر ئۇيغۇر ئەرلىرى، يىگىتلىرى بولۇپمۇ 2.5تىكى ۋەقەدىن كېيىن دىنى ساۋات ۋە نەزەرىيە، ئىسلام پەلسەپىسى..... دېگەنلەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىدىغان بولۇپ كەتتى، بۇ ھەقتە چالا گەپ قىلمىساق دەيمەن، بۇ گەپلەر تېمىنىڭ بۇرۇلىشىغا سەۋەپ بوپ قالدى، مەنمۇ بۇ ھەقتە بىرنەچچە ئېغىز سۆزلەپ قويدۇم، كەچۈرگەيسىلەر. بىز مىللىتىمىز ياشلىرى ئىچىدە خاتا پىكىر ئېقىمى پەيدا قىلىپ قويۇش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرقانداق بىر سۆزگە سەزگۈر بولۇپ قالدۇق. شۇڭا سەلسەبىل ۋە باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنى خاتا دېگىلى بولمايدۇ، بىرلا ئادەمنىڭ گېپىنى توغرا دەپ ئولتۇرۇۋەرسەك نادان بالىلار قانداق ئىنكاستا بوپ قالىدۇ؟
مۇنبەر  دېگەن مۇشۇنداق سورۇن، شۇڭا ئۇنى مۇنبەر دەيدۇ، ئۆزباش ئاكا ئامان بولۇڭ، كەڭ قورساقلىق ئىلىم ئىگىلىرى ئۈچۈن  بىر پەزىلەت. بىز ياشلارنىڭ نۇقسانسىز ئۈلگىسى بولۇشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز.

تىرىشچان ئەزا

تەپەككۇرسىز ھاي

UID
16297
يازما
111
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
471
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-17
توردا
91 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 14:16:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ئۇيغۇرزادە ئاكىغا مۇنبەردىكى ئىنكاسلاردىن سىرىت، جەمىيىتىمىزدىكى نوپۇزلۇق كىشىلىرىمىزدىن بېسىم كەلگەن بولىشى مومكىن. زىيالىليلارنىڭ توردا پەيدا بولىشىنى بىر خىل بولمىغۇر ئىش دەپ قارايدىغان كىشىلەرگە بىر نەچچە ئىغىز سۆزۈم بار:
1. ھازىرقى ھالەتتە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۆپنچىسى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يات مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئىلىم ئۈگىنىۋاتىدۇ(جۈملىدىن ئۆزۈممۇ شۇنداق) بۇ خىل شارائىتتا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە كىتاب، ژۇرناللار بىلەن ئۇچىرىشىش بىر قەدەر ئاز. زىيالىيلىرىمىز ئالتۇن كەپىسنىڭ ئىچىدە مۈكۈنۈپ يېتىپ، توم- توملاپ كىتابلارنى  يازغىنى بىلەن ياشلار يەنە ئامالسىز گاڭگىراش ئىلكىدە يۈرىيۋىرىدۇ. زىيالىيلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقلىرى ئاخىرى ئاز بىر قىسىم كەسىپ ئەھلىلىرنىڭ پايدىلىنىشى بىلەنلا كۇپايىلىنىدۇ.
2.ئۇيغۇر تورچىلىقىمۇ يامان ئەمەس تەرەققىياتلارغا ئىرىشىۋاتىدۇ، نۇرغۇن مۇنبەرلەر بەزى كىشىلىرىمىز ئويلىغاندەك «كىچىك بالىلار گەپ سېتىپ ئوينايدىغان سورۇن »ئەمەس، ياشلارنىڭ ئۇنىڭدىن ئۈگەنگەنگەنلىرى خىلى كۆپ، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تور بىلەن ئۇچرىشىشى بىر قەدەر قولاي، ئۇلار چەكسىز سۇئاللار جاۋاب تەلەپ قىلىۋاتقان «تەلۋە» ياشلىقىدا ھەقىقەتەنمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇشقا،  ئۆزلىكىمىزگە خاس پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۈگۈنۈشكە ئىنتايىن مۇھتاج. شۇنداق بولغانىكەن زىيالىيلىرىمىز ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىكتىن قورۇقماي، تور دۇنياسىدا پەيدا بولسا، ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەنمۇ زېرىكمەي- تېرىكمەي پىكىر ئالماشتۇرسا كۆپ پايدىسى بولاتتى.
3.ھازىر تور ئەھلىنىڭ بىر قىسمى زىيالىيلار بىلەن كۈتكىنىدەك پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس، لىكىن كۆپ قىسمىنىڭ شۇنداق ئىقتىدار ھازىرلىغۇسى بار، بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس، ئۈگەنمەسىلىك ئەيىب، بىلىپ تۇرۇپ بىلمەيدىغانلارغا ئۈگەتمەسلىك ئۇنىڭدىنمۇ بەك ئەيىب. يەنە بىرسى زىيالىيلىرىمىز بىر- بىرىگە ئەگىشىپ تور دۇنياسىدا پەيدا بولاتتى، ئۇ ۋاقىتتا ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزى ماس كىلىدىغان پىكىرداشلىرى، تەنقىدچىلىرى بولاتتى، مۇنبەرلەر ھەقىقى تۈردە ئىلمي سۆھبەتخانىغا ئايلىناتتى. بىز نېمە ئۈچۈن توردىن ئىبارەت بۇ قورالدىن ياخشى پايدىلىنىشنى ئويلاشمايمىز؟!
4. مىنىڭچە زىيالىيلىرىمىزنىڭ توردا كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىشى، ئاۋام خەلق بىلەن پىكىر مۇلاغەتتە بولىشى ھەرگىزمۇ چاكىنىلىق ئەمەس، بۇنى ھەرخىل شەخسىي مۇددىئالارغا يۈكلەپ چۈشەنگەن كىشىلىرىمىزنىڭ ئەقلىدىن گۇمان قىلىمەن. ئەجرىگە لايىق نام چىقارسا نىمە بوپتۇ، قولىڭىزدىن كەلسە ياغ چايناڭ! مىللەت ئۈچۈن، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئىزدەنگەن ھەربىر كېشنىڭ ئۆز ئەجرىگە خاس ھۆرمەتكە، شان-شەرەپكە مۇۋەپپەق بولىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق. بىز ئالىم دېسە داڭلىق ئىلىم ساھەلىرىدىلا پىكىر قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدىغان ئەبجەش تۇيغۇدىن يىراقلىشىمىز كىرەك. ھازىر ئۇيغۇرلارغا  كەمتەر، ئەل ئارىسىنى جەننىتى دەپ بىلىدىغان زىيالىيلار، ئالىملار كىرەك.
5.چوڭلارنىڭ جۈملىدىن بىر قەدەر كۆپ نەرسىلەرنى چۈشنىدىغان كىشىلىرىمىزنى ھازىرقى ياشلارنى، بولۇپمۇ توردا، مۇنبەرلەردە بولىدىغان ياشلارنى كۆزگە ئىلماسلىقى بىر پاجىئە! دېمىسىمۇ بىلىمىمىزنىڭ، ئەخلاق ساپايىمىزنىڭ تۆۋەنلىكى بىر ھەقىقەت، بىراق بەزىلەر ئويلىغاندەك ھەددىدىن زىيادە نادانمۇ ئەمەسمىز، چوڭلىرىمىز، زىيالىيلىرىمىز ھەتتا ئالىملىرىمىزمۇ پەس كۆرمەي مۇنبەرگە ئوخشاش قوراللاردىن پايدىلىنىپ، ياشلارغا ئىلغار ئىددىيەلەرنى سىڭدۈرسە ئاللاھ ئەجرىنى نىرەر ئىدى بەلكىم.
      ئاخىرىدا بارلىق مۇنبەرداشلارغا شۇنداق مۇراجەت قىلماقچىمەنكى: بۇ قىتىمقى ساۋاقىنى ياخشى قوبۇل قىلىپ، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز ئۈستىدە تەپسىلى ئويلىنايلى، ئىلمىي پىكىر مىتودىنى ئۈگۈنىشكە تىرىشايلى، بىرىمىزنىڭ خاتالىقىنى يەنە بىرىمىز سەمىمىي كۆرسىتىپ بىرىپ، مۇھەببەت ئىچرە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرلەيلى! ئۇيغۇرزادە ئاكىنىڭ مۇنبەردىن ئايرىلغىنىغا ئارتۇق قايغۇرۇپ، ئۈمۈدسىزلىنىپمۇ كەتمەيلى، پەقەت بىزدىكى سەۋەنلىكلەر تۈزىتىلىش تەرەپكە قاراپ بۇرالسىلا ئۇلارنىڭ قايتىپ كىلىشى چوقۇم، چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇر ئۈچۈن ياشايدىغانلاردىنىدۇر.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-2-8 14:25):
قىسمەن ئېملا خاتالىقىىغا يول قويۇپتىمەن، ئەپۇ قېلغايسىلەر!

UID
28985
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-2-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-21
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 15:16:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ جەمئىيەت.بۇنداق جەمئىيەتتە زۇلپىقارغا ئوخشاش ئىلغار زىيالىلىرمىز ئەڭ كۆپ ئازاپلارغا دۇچ  كىلىدۇ ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش