بۇ تېما بەك ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. ئىنكاسلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاپپاقخوجا دىگەن توردىشىمىز ئوتتۇرغا قويغان ئىنكاس ئىكەن. گەرچە قىسقا يازغان بولسىمۇ نوكار(نەۋكەر مۇ؟) دىگەن توردىشىمىزنىڭ ئىنكاسىمۇ بەك ياقتى. مۈنبەردىكى غولغولا قوزغىغان تىملاردىن ئىنكاسىنى كۆرگەن يەنە بىر توردىشىمىز سوفىيە مۇ شۇنداق ياخشى ئنكاس قالدۇرۇپتۇ. يۇقۇرىدا ئىسىمى ئاتالغان تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۇپ بېقىڭلار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جىن ئىسىملىك توردىشىمىز يازغان مۇنازىرە توغرىلىق ئىنكاسلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار. ئىسلام ۋە ئەقىل دىگەن تېمىنىمۇ قايتا كۆرۈپ چىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
مەن جىن دىگەن توردىشىمىز يازغان مۇنازىرە توغرىسىدىكى تېمىنى بۇ يەردە تەكرارلاپ يۈرمەي، بىز مۇنازىرە ئەخلاقى توغرىلىقلا ئويلىشىپ كۆرەيلى، كۆپ قىسىم ئىنكاسلار نەچچە قۇر قىلىنىپلا ئاففاخ خوجىغا قانداق ئۆچ ئىكەنلىكى، جاللات خېنىم قاتارلىق رومانلاردا ئەپتى - بەشىرىسى قانداق ئېچىپ تاشلانغانلىقى سۆزلىنىپتۇ. ئاپپاقخوجا دىگەن توردىشىمىزنىڭ ئىنكاسىدىن كىيىن ئۇنىڭ تىمىسىغا قارىتا دەلىل-ئىسپات كەلتۈرۈلگەن ماتىرياللارنى ئوتتۇرىغا قويماي، يەنە شۇ رومانلارنى مىسال قىلىپ نەچچە ئېغىز گەپ بىلەن رەددىيە بەرگەن، تىل ئېتىنىڭ تىزگىنى قولىدىن چىقىپ كەتكەن ئىنكاسلار كۆپ ئىكەن. بۇ مۇنازىرە ئەخلاقىغا خىلاپ .
مەن بۇ تېمىنى ۋە چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئوقۇپ ئىرشكەن مەنپەئەت شۇ بولدىكى، ئاففاخ خوجا توغرىلىق ئەستايدىل ئويلىنىپ بېقىش زۆرۈر ئىكەن. «جاللات خېنىم» دىگەن روماننى مەن ئوقۇدۇم(گەرچە تولۇق ئوقىمىغان بولساممۇ، مۈنبەردە 1-كىتابىلا بار ئىكەن

) روماندىكى بايانلار ئادەمنى قايىل قىلالمايدۇ. ئېسىمدە ياخشى قالماپتۇ، خوجىلار توغرىلىق يېزىلغان يەنە بىر روماندا بىر خوجىنىڭ موڭغۇللارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ خۇنتەيجىنىڭ بېسىمى ئاستىدا شاراپ ئىچىپ، قايتىپ كېلەر چېغىدا شۇنداق ئازاپلىنىپ تۆۋە قىلغان بىر بايانلار بار ئىدى. بۇ بايانلار جاللات خېىنىم غا قارىغاندا ئەقىلگە بەكرەك مۇۋاپىق. ئەمدى سوفىيە يازغان ئىنكاس توغرۇلۇق توختىلاي، بۇرۇن سوفىيە يازغان ئىنكاسلارنى ئوقۇپ، ئىنكاسلارنى ئويلىشىپ ئەستايدىل يېزىپتۇ، ئەقىلى - ھوشى جايىدا ئىكەن، قالايمىقان ھىسسىي ئىنكاسلارنى يازماپتۇ دەپ سۆيىنگەن. شۇڭلاشقا ئېسىمدە ساقلاپ قويغان. بىر تىما ، بىر ئىنكاس ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ، لىكىن نەچچە ئونلىغان ئىنكاسلىرىدىن ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىگە توغرا باھا بېرىش مۇمكىن، بۇنى دىيشتىكى مەخسەت سوفىيە ئىسىملىك توردىشىمىز ئىشىنىشكە، گەپ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئنكاسلىرىنى ھەزىم قىلىشقا بولىدىغان بىر كىشى. بۇ تىمىدىكى سوفىيەنىڭ ئىنكاسىدىن ئاپپاقخوجا دىگەن توردىشىمىزنىڭ ئىنكاسىغا قارىتا گەرچە ئوچۇق - ئاشكارا قوللاش كۆرۈلمىسىمۇ لىكىن ئوچۇق - ئاشكارا ئىنكار قىلىش يوق. بۇنىڭدىن باشقا بۇ مۈنبەردىكى بۇرۇن تەسەۋۋۇپ(سوپىزىم) توغرىلىق ئىزدەنگەن تورداشلىرىمىزمۇ ئىھتىياتچانلىق بىلەن سۈكۈت قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپتۇ. مەن ياخشىلارغا ئەگەش دىگەن پىرىنسىپ بويىچە مۇشۇ ئۆزۈم ھۆرمەت قىلىپ، ياخشى دەپ قارىغان كىشىلەرگە ئەگىشىپ ئاففاخ خوجىنى تىللاشتىن باش تارتتىم.(گەرچە بۇرۇن ئاففاخ خوجىغا كۆپ قسىم تورداشلىرىمىزغا ئوخشاشلا ئۆچ بولساممۇ)
ئەڭ ئاخىرىدا ئاپپاقخوجا ئىسىملىك توردىشىمىزنىڭ ئىنكاسى توغرۇلۇق توختىلاي. 1. مۈكەممەل نەسەبنامە بار ئىكەن. ئېسىڭلاردا بار بولىشى مۈمكىن مەھمۇد قەشقەرىي نىڭ نەسەبنامەسىمۇ ( نەسەبنامە ؟؟؟؟؟ ئېسىمدە ياخشى قالماپتۇ، بىلىدىغانلار ئىزاھ بېرىپ ئۆتەرسىلەر) بىر سوپى كىشىنىڭ قولىدا ساقلىنىپ كەلگەن. ئىنكاستا ئاففاخ خوجىنىڭ نەسەبنامەسىنىڭمۇ قارا تاغلىق سوپىلارنىڭ قولىدىن تېپىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپتۇ. نىمە ئۈچۈن مەھمۇد قەشقەرىنىڭكىگە ئىشىنىپ ، ئاففاخ خوجىنىڭكىنى ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلىدى دەپ قارايمىز؟ 2. شۇ دەۋىرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان تارىخىي ماتىرياللارنى دەلىل قىلىپ ئاففاخ خوجا دالاي لامانىڭ ئالدىدا بۇتقا باش ئۇردى دىگەن مەلۇماتقا ئۆزىنىڭ گۇمانىي كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. بۇ ئىنكاستىن كىيىن ھېچكىم بۇ توغرىلىق تارىخىي مەلۇماتلار بىلەن ئاففاخ خوجىنىڭ بۇنداق قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىمىدى. باشقا تورداشلارنىڭ بۇ توغرىلىق دەلىل ئىسپاتلىرى بولسا ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا.
ئاخىردا دەيدىغىنىم: 70-يىللاردا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن تورداشلىرىمىزنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، بىز ھازىرغىچە ئىدولوگىيە ساھەسىدىكى خاتا كۆز قاراشلارغا ئاكتىپ قارشى تۇرۇپ كەلدۇق، بۇنىڭ بىر مىسالى تۇرغۇن ئالماس يازغان «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخي» قاتارلىق 3 كىتاب. ئەينى چاغدا بىر كۈن ئوقۇش توختىتىپ نامايىشمۇ قىلغان. ئاففاخ خوجا ياتلارنى باشلاپ يۈرتىمىزنى مۇنقەرىز قىلىۋەتتى. شۇڭلاشقا ئۇ ئەشەددىي مۇناپىق دىگەن بۇ كۆز قاراشمۇ خۇددىي تۇرغۇن ئالماس يازغان 3 كىتابتىكىدەك ئېدولوگىيىلىك خاتا كۆز قاراشمۇ قانداق؟ ئەگەر شۇنداق بولسا بىز نىمىشقا تۇرغۇن ئالماسنى نامايش قىلىپ ئەيىپلىگەندەك بۇ كۆز قاراشقا رەددىيە بەرمەيمىز؟ ئىدولوگىيە ساھەسدىكى ياساۋۇللىرىمىز داۋاملىق سەزگۈلۈك بىلەن خاتا قاراشلارنى كۆزىتىپ بىزگە داۋاملىق يەتكۈزۈپ تۇرىدىغۇ، بۇ مەسىلىگە نىمە ئۈچۈن سۈكۈت قىلغاندۇ؟ بەزى گەپلەرنى ئوچۇق ئاشكارە دىيش ياخشى ئەمەس، ئۆزۈڭلار ئالدىرماي مۇھاكىمە قىلىپ كۆرەرسىلەر. دۈشمەننىڭ كىم ئىكەنلىكى كۆپ قىسىم تورداشلارغا ئايان.
«گۈلىستان»دىن بىر ھېكىمەت بىلەن بۇ ئىنكاسىمنى ئاياقلاشتۇراي،
دۈشمەننىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلىش خاتا، لېكىن ئاڭلاپ قويۇش راۋا. چۈنكى ئۇنىڭ تەتۈرىسىچە ئىش قىلساڭ، توغرا بولۇپ چىقىدۇ.
ھەزەر قىل، «بۇنى قىل» دەپ ئېيتسا دۈشمەن،
تىزىڭغا بىر ئۇرۇپ «ۋاي ئاپلا!» دەيسەن.
«ئۇدۇل ماڭ» دەپ ساڭا كۆرسەتسە يولنى،
بۇرۇل دەرھال بۇ يولدىن، كۆزلە سولنى.