تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

كۆرۈش: 124065|ئىنكاس: 64

ياش ناخشىچىلار بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بېكەت باشلىقى

سەركەردە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
1
يازما
111
تېما
70
نادىر
8
جۇغلانما
5320
تىزىملاتقان
2006-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-17
توردا
420 سائەت

باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشلىقى

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-13 21:42:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكوم،ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق قېرىنداشلار ھەممىڭلارغا شىركىتىمىز ۋە تورىمىز نامىدىن چوڭقۇر سالام يوللايمىز،ئەلكۈيى تورىدىكى زىيارىتىڭلارنىڭ يەنىمۇ مەنىلىك ئىچىدە ئۈتىشگە چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشمىز!
<<بۈگۈنكى ئەلكۈيى ئىكرانى>>ئالاھىدە پروگراممىمىزغا بىز يېڭىدا نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان <<مەن ئۈچۈن>>ناملىق بىر يۈرۈش يېڭى ئىجادىي ناخشا پىلاستىنكىىنىڭ ئورۇنلىغۇچىسى ھەزرىتىئەلى مۇھەممەدتۇرسۇن ۋە ئەل سۆيگەن ناخشىچى مۇراتجان مۇختەر،زامانىۋى ناخشىلار بىلەن خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشكەن ياش ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ،شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ يىتىشىۋاتقان ئارتىسى ئابلىكىم ئابدۇللا ۋە بىر قىسىم ئېلانلار ئارقىلىق بىز بىلەن كۆرۈشۈپ كىلىۋاتقان ياشلاردىن ئەخمەتجان ،مۇيەسسەر قاتارلىق ياشلارنى<<ئەلكۈيى ئىكرانى>>غا تەكلىپ قىلىپ يېڭىدىن تارقىتىلغان <<مەن ئۈچۈن >>ناملىق پىلاستىنكا ھەمدە بۇ ناخشىچىلارنىڭ ئىجادىيەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئويۇشتۇردۇق.بۇ ھەقتىكى زىيارەتكە قىززىقساڭلار نەزىرىڭلار ئەلكۈيى ئىكرانىدا بولسۇن!

بۇ ھەقتىكى ئەلكۈيى ئىكرانى زىيارىتى تەپسىلاتى


2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى قارلۇق ئۈن-سىن سىتودىيەسى <<ئۈمىد ئۈزمىدىم>> ناملىق ناخشىسى بىلەن كەڭ ياشلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن، يىتىشىۋاتقان ياش ناخشىچى ھەزرىتىئەلى مۇھەممەدتۇرسۇننىڭ ئىككى يىلدىن ئارتۇق تىرىشچانلىقى ۋە ئىجادىيىتى نەتىجىسىدە مەيدانغان كەلگەن << مەن ئۈچۈن >> ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسىنىڭ MTVۋە CDنۇسخىسىنى نەشىر قىلىپ بازارغا سالدى،پىلاستىنكىدىكى ھازىرقى زامان ئۇسلۇبىدا ئېيتىلغان يېڭىچە ئىجادىي ناخشىلار ۋە ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى MTVكۆرۈنۈشلىرى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشىدۇ ئەلۋەتتە؛ بۇ پىلاستىنكىغا ھەزرىتىئەلى مۇھەممەدتۇرسۇن ئورۇنلىغان <<مەن ئۈچۈن>>،<<سۆيگەنتىم شۇنچە>>،<<يالغانچى يار>>،<،ئەتلەس كۆينەك>> ..قاتارلىق 12دانە ئەڭ يېڭى ئىجادى ناخشىلار كىرگۈزۈلگەن بۇلۇپ،ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق تورداشلارنىڭ ئارام كۈنلىرىگە شاتلىق ئېلىپ كىلىش مەقسىتىدە بۈگۈن ئەلكۈيى ناخشا - مۇزىكا ئارامگاھىغا <<مەن ئۈچۈن >>ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسىدىكى بارلىق ناخشىلارنى يوللاش بىلەن بىرگە يەنە <<ئەلكۈيى ئىكرانى>> ئالاھىدە پروگراممىسىغا <<مەن ئۈچۈن>>ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسىنىڭ ئورۇنلىغۇچىسى،كەڭ ياشلارنىڭ ناخشىلىرىنىى ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەن يىتىشىۋاتقان ياش ناخشىچى ھەزرىتىئەلى مۇھەممەدتۇرسۇن ۋە بىر قىسىم سەنئەتكارلار ھەققىدە بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق،بىز ئەلكۈيى تورى ۋە بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن ھەزرىتىئەلى مۇھەممەدتۇرسۇن ۋە باشقا سەنئەتكارلارنىڭ ئىجادىي ھاياتىنىڭ تېخىمۇ مەنىلىك بولىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!
ھەزرىتىئەلى مۇھەممەدتۇرسۇن ئىجراسىدىكى <<مەن ئۈچۈن>>ناملىق پىلاستىنكىنى توردىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز ،بۇ ئادرېسنى بېسىپ http://music.alkuyi.com ئەلكۈيى تورى ناخشا - مۇزىكا ئارامگاھىدىن ئاڭلاڭ!


زىيارەت جەريانىدىكى بىر قىسىم رەسىملەردىن ئارىيەلەر


ياش ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئەلكۈيى تورى رىياسەتچىسىنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرمەكتە


ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار،ھەزرىتىئەلى مۇھەممەدتۇرسۇن،ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ،مۇراتجان مۇختەر،ئەلكۈيى تورى رىياسەتچىسى تەنتەنە تەلئەت ۋە مۇيەسسەر قاتارلىق بىرگە




زىيارەت داۋامىدا بىر قىسىم زىيارەت ئىشتىراكچىلىرى ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار بىلەن بىرگە خاتىرە سۆرەتكە چۈشتى


ھەزرىتىئەلى مۇھەممەدتۇرسۇن ۋە مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار


مۇراتجان مۇختەر ۋە مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار


ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ  مۇھەممەدجان ئۈمىدۋاربىلەن بىللە


ئابلىكىم ئابدۇللا ۋە مۇھەممەدجان  ئۈمىدۋار

زىيارەتكە تەكلىپ قىلىنغان مىھمانلار ۋە ئەلكۈيى تورىنىڭ بىر قىسىم خىزمەتچىلىرى


كامالىي ئىھتىرام بىلەن :
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تورى
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
957
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
42680
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-17
توردا
121 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-13 22:19:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەن ئۈچۈن ناملىق پىلاستىنكا ھەققىدە ئەلكۈيىدە

«ئۈمىد ئۈزمىدىم» ناملىق ناخشىسى خېلى مودا بولغانىدى شۇ چاغلاردا. بۇ ناخشىنى تۇنجى ئاڭلىغىنىمدا ناخشىنىڭ مۇزىكىسى ھەم ناخشىچىنىڭ ئاۋازى خېلى ئۆزگۈچە بىلىنگەن ماڭا. مانا بۈگۈن ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق بۇ ناخشىچىنى تونۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم.

قارلىق ئۈن-سىن مەركىزى ئىشلىگەن «مەن ئۈچۈن» ناملىق بۇ پلاستىنكىنى قىسقا-قىسقا بېرىلگەن ئارىيەلەر ئارقىلىق ئازراق بولسىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇم. شۇ چۈشەنچەم بويىچە سۆزلەپ باقسام: ناخشىلاردا يېڭىلىق بار، تېكىستى ياخشى تاللانغان، مۇزىكىسى ھەزرىتىئەلىنىڭ ئاۋازىغا تولىمۇ ماس كەلگەن، سۈرەتلىك كىرىشتۈرۈلگەن فىلىملەرمۇ خېلى يوقىرى سەۋىيىدە ئىشلەنگەندەك تۇرىدۇ. مېنىڭچە مۇشۇنداق قىلماقمۇ خېلى تەس. ئەلۋەتتە بىز قوللىشىمىز كېرەك.

«ئەتلەس كۆڭلەك» دېگەن ناخشا شۇنداق شوخ، مەن ياقتۇرىدىغان ئاھاڭلاردىنكەن، ئادەمنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغۇسى كەلگۈدەكلا. سۈرەتلىك فىلىمىمۇ ئوماق ئىشلەنگەندەك تۇرىدۇ. «مەلەڭگەن بارالمايمەن» دېگەن ناخشا مۇڭدە-مۇڭ... مۇشۇ ناخشىنى ياقتۇرىدىغانلار بەك كۆپمىكىن دەپ ئويلايمەن.

ھەزرىتىئەلىنىڭ بۇندىن كېيىنكى سەنئەت مۇساپىسى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولسۇن. پلاستىنكىسىنىڭ سېتىلىش سانىنىڭ يوقىرى بولىشىنى شۇنداقلا كەڭ ياشلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

http://gulistan.cn/bbs

UID
2079
يازما
175
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1975
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-23
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-13 22:37:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ نېمىشقا ناخشا پىلاستىنكىسى چىقارمايدۇ ؟ سەۋەبىنى بىلىپ باقاي دېگەن ئىدىم. ئالدىنقى قېتىم ئۇنى يەنە بىر تور بەت زىيارەت قىلغاندا كۆرگۈم كەلمىگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى زىيارەت ياخشى پىلانلىنىپ، ياخشى كىرىشتۈرۈپتۇ. رىياسەتچىمۇ ياخشىكەن. تىرىشىڭلار غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۇپ.

http://gulistan.cn

كۆيۈمچان ئەزا

ياش تۆك لىكىن دۈشمەنلىرىڭ كۈرۈ

UID
9076
يازما
252
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
7703
تىزىملاتقان
2011-2-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-13 23:38:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزرەتئېلىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەت ئىشلىرىغا ئۇتۇق ۋە ئامەت تىلەيمەن .

كۆيۈمچان ئەزا

ھەر بىركۈنىڭنى ق

UID
1994
يازما
127
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
4570
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-17
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 00:04:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن يىڭىلىق كۆپقۇ ئەلكۈيى تورىدا

UID
10335
يازما
13
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
150
تىزىملاتقان
2011-3-24
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 11:25:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۈيى تورىدا ھەققەتەنمۇ  يىڭلىقلار كۆپ مەن بۇنڭدىن  تولىمۇ  خۇشال.
ھەزرەتئېلىنىڭ كىيىنكى ئىجادىيەت ئىشلىرىغا ئۇتۇق ۋە ئامەت تىلەيمەن .شۇنداقلا مەن مۇرات  مۇختەر  ئەپەندىمنىڭ يىڭى-يىڭى  ھەر  خىل  ناخشىلارنى  كۆپچىلىكنڭ  ھۇزۇرىغا سۇنۇپ  تۇرىشىنى ئۇمىد  قىلىمەن.

UID
11145
يازما
35
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1025
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 12:16:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايام مەن ئۈچۈن دېگەن ناخشىنى بىر قانچە قېتىم ئاڭلاپ چىقتىم،ئۆزگىچە ناخشا بوپتۇ،تىكىستى تېخىمۇ ئىسىلكەن،ياشلىرىمىزنىڭ ياقتۇرىشىغا ھەدە مۇزىكىلىق قوڭغىراق قىلىپ ئىشلىتىشىگە تازا باب كەلگۈدەك.

خۇشپۇراق گۈلدىن ئەزىزسەن،
ئەي نازاكەت مەن ئۈچۈن.
ساڭا ئوخشاش گۈلنى قىسماق،
ئامەتتۇر مەن ئۈچۈن.

يەر يۈزىدە بارمىكىن سەندەك نازاكەت يەنە،
بولسىمۇ باردۇر، ۋە لىكىن نە ھاجەت مەن ئۈچۈن.
ئوبدان يېزىلىپتۇ ھەم ياخشى ئوقۇلۇپتۇ،ھەقىقىي مۇھاببەت ، ياخشى كۆرۈشنىڭ يارقىن سىموۋۇلى بولغۇدەك.
مۇرات مۇختەر ۋە ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ قاتارلىق ناخشىچىلارنىڭ بەرگەن باھاسىمۇ ياخشى بولدى دەپ قارايمەن.گەپكە كەلگەندە ئاتاڭدىن يانما دەپتىكەن،مەنمۇ ئەمدى قۇشۇمچە قىلىپ ئاۋۇ سورۇندا ئولتۇرغان مۇرات مۇختەر ۋە ئابلاجانغا ئىككى ئېغىر سۆزلىۋالاي:

ئۆتكەندە ئابلاجاننىڭ يېڭى پىلاستىنكىسى توغرىسىدا ئۇچۇرلارنى كۆرگەن ئىدىم،بۇ پىلاستىنكا قاچان تارقىلىدۇ،ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ زامانىۋى ناخشىلارنى ئېيتىش بىلەن بىرگە يەنە خەلق ناخشىلىرىغىمۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىنى سىڭدۈرۈپ باقسا ،خەلق ناخشىلىرىنى زامانىۋى ئۇسلۇب بىلەن ئېيتىپ تېخىمۇ كۆپلىگەن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىتراپ قىلىشىگە ئىرىشسە دەپ قارايمەن.
ئابلاجان سىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەت يۆلىنىشىڭىزنى تولىمۇ بىلگۈم بار؟مۇرات مۇختەرنىڭ يېڭى ئىجادىيەتلىرى ئازلاپ كىتىۋاتىدۇ،سىزنىڭ يېڭى ناخشىلىرىڭىز ، يېڭى پىلاستىنكىڭىزنى بىز بىلەن قاچان يۈز كۈرۈشتۈرىسىسز؟

تىرىشچان ئەزا

شەھرىزات مەلىكە

UID
11214
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
681
تىزىملاتقان
2011-5-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 13:00:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۈيى تورچىلىقى تەرەققىياتىنىڭ تىخىمۇ ئىلگىرلەپ يىڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇپ ،تىخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تىلەكتەشلىق بىلدۇرىمەن.

UID
4124
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
350
تىزىملاتقان
2010-8-3
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 13:14:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ ناخشا پارچىلىرىدىكى < بىر گۈلگە قامالدى ،قامالدى جېنىم> دېگەن ناخشىنىڭ ئىسمى نېمە قايسى تور بەتتە باردۇ  ، ھېلىقى بىر قىز يالغۇز مېڭىپ  ئادەمگە ئالىيىپ قارايدىغان سۈرەتتىكى ناخشا.

UID
10479
يازما
90
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2133
تىزىملاتقان
2011-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-2
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 13:21:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىياسەتچىڭلار ھەقىقەتەن تىجەشلىككەن .   ئەلكۈيى تورى مىللىي خاسلىقنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرسىكەن ، چەتنىڭكىگە خېلى تويۇق بىزنىڭ خەلقىمىز  

تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش